مەتبەئە تىخنىكىسىنى ئۇيغۇرلار كەشپ قىلغان ئاپتورى:سەلجۇق سىلسۇپەر (تۈركىيە) تۈركچىدىن ئاغدۇرغۇچى:تاھىر ئىمىن ئىزاھات:ماقالىدا مەتبەئە تېخنىكىسنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئىجات قىلىنغانلىقى بىر قىسم تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىزدىنىشلىرى ئاساسدا يورۇتۇپ بېرىلىدۇ. مەتبەئە تىخىنىكىسنىڭ ئىجات قىلىنىشى نەشىرىيات ۋە ئاخباراتچىلىق تارىخى بويىچە، كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەت تەرەپتىنمۇ ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر ھادىسدۇر. غەرپلىكلەر مەتبەئە تېخنىكىسنى ئىجات قىلغان كەشپىياتچى سۈپىتىدە يوھان گۇتىنبۇرگنى كۆرسەتسىمۇ، ھەقىقەتتە مەتبەئە تېخىنىكىسنى ئۇيغۇرلار گۇتىنبۇرگتىن بۇرۇنلا 6-ئەسردە ... Read More »
Author Archives: admin
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشىك ئالدىغا ئۈژمە دەرىخى قويۇش ئادىتى
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشىك ئالدىغا ئۈژمە دەرىخى قويۇش ئادىتى يېقىندا ،بىنادا ئولتۇردىغان بىر ئاغىينەمنىڭ ئاغزىدىن مۇنداق بىر گەپنى ئاڭلاپ قالدىم.ئەتىيازدا كىشىلەرنىڭ ئورمان قۇيۇش مەزگىلى يىتىپ كەلگەندە،ئاغىينەم ئىشىك ئالدىنىڭ مەنزىرسىنى كۆركەم قىلىش ھەم ئۇنىڭدىن ئۈنۈملىك پايدىلنىش مەقسىتىدە ئۈزى ياخشى كۈرىدىغان ئۈژمە كۈچىتىدىن بىر تۈپ كۈچۈرۈپ قويۇپتۇ.ئىككى كۈن بۇلا بولماي بۇ كۈچەت يوق بۇلۇپ كېتىپتۇ. بەلكىم باشقىلار بۇنداق كۈچەتنى تاپالمىغان بولسا يۇلۇپ كەتكەن ئوخشايدۇ ... Read More »
يەكەندىكى مەسچىدلەر
يەكەندىكى مەسچىدلەر يەكەن ناھىيەسىدىكى جۈملىدىن پۈتكۈل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىدىكى ئەينەن ساقلىنىپ قالغان ئەڭ قەدىمى مەسچىدلەرنىڭ بىرى ،يەكەن ئازنا مەسچىد شەرقى چاغاتاي خانلىقى (موغۇلىستان خانلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)ئەمىرلىرىدىن مەھەممەت ھەيدەر مىرزا (مىرزا مۇھەممەت ھەيدەر كۆرەگاننىڭ ئاتىسى)زامانىسىدا يەنى مىلادىيە 1466-يىلى يەكەن كونا شەھەر تەۋەسىدىكى چاھارسۇ دىگەن يەرگە ياسالغان ،بەزىلەر بۇ مەسچىدنى ئۇنىڭ جىيەنى مىرزا ئابابەكرى ياساتقان دەيدۇ.ئەمەليەتتە مىرزا ئابابەكرىنىڭ تاغىسى مەھەممەد ھەيدەر ... Read More »
يەكەندىكى مازارلار
يەكەندىكى مازارلار جاللات خىنىم مازىرى بۇ مازار يەكەن كونا شەھەرنىڭ جەنۇپ تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ،كۆلىمى 79كىۋادىرات مىتىر،مازارلىق ئانچە چوڭ بولمىغان قەبرىستانلىق ئىچىدە بولۇپ،قۇرۇلۇشمۇ باشقا ئادەەتتىكى قەبرىلەردىن پەرقسىز. مازارنىڭ ئىگىسى سەئىدىيە سۇلتانلىقى خان جەمەتىدىكى مەلىكىلەردىن بىرى بولۇپ،ئۇ سۇلتان ئابدۇرەشىتخاننىڭ12-ئوغلى،تۇرپان،قۇمۇل تەرەپلەرگە ئومومى ۋالى بولغان ئابدۇرەھىمخاننىڭ ئەۋلادى.تارىختا مەشھۇر نامى بار غوجا ھىدايىتۇللا ئىشاننىڭ كىچىك خوتۇنى،ئۇ ئاپپاق غوجا ئۆلگەندىن كىيىن ئۆز ئوغلىنى ئاپپاق غوجىنىڭ ۋارىسى ... Read More »
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش (ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋاپاتىنىڭ 80 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن) مەخمۇت ئېلى ئاتتىلا 1. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى تالانتلىق شائىر، ئوت يۈرەك ئىنقىلابچى، مىللەت سۆيەر جەڭچى ئابدۇخالىق ئابدۇرەھمان ئوغلى ئۇيغۇر 1901-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى تۇرپان شەھىرىنىڭ باغرى يېزىسىدا مەرىپەتپەرۋەر سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئائىلىسىنىڭ تەسىرىدە بەش يېشىدىلا ساۋادىنى چىقىرۋالغان. كېيىن دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ، 12 يېشىدا ئەرەب، پارىس تىللىرىنى ئۆگۈنۈپ، ... Read More »
دوغاپچىلىق مەدەنىيىتىمىزگە نەزەر
دوغاپچىلىق مەدەنىيىتىمىزگە نەزەر مۇھەممەت تۇرسۇن ھەسەن دوغاپچىلىق خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق تارىخىي تەرەققىياتىدىكى خاسئىچىملىك مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم ناماياندىسى. ئۇ كىشىلەر يازنىڭ تومۇز ئىسسىقكۈنلىرىدە ئىچىپ ھۇزۇرلىنىدىغان، شۇنىداقلا ئىسسىقنى (قوقاقنى) ئالىدىغان، مىجەزنىتەڭشەيدىغان خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە ئىچىملىك. ئۇنىڭ خۇرۇچى مۇز، قېتىق، قايماق، سۇ،ئۈزۈم شىرنىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئاپتونومرايونىمىزدا قىش بىلەن يازنىڭ پەرقى ئېنىق. ئەجدادلىرىمىز مانا مۇشۇنداق پەرقلەرگەئاساسەن قىشتا كەڭلىكى 5-6 مېتىر، چوڭقۇرلۇقى 7-8 مېتىر كېلىدىغان ئورەك كولاپ،ئاستى ۋە ... Read More »
بۆشۈك ۋە بۆشۈك مەدەنىيىتىمىز
بۆشۈك ۋە بۆشۈك مەدەنىيىتىمىز ئابلىز مۇھەممەد سايرامى ‹‹بوۋاقلارغا خاس ئارامگاھ، راھەت ماكان›› دېگەن مەنەلەرگە ئىگە بۆشۈك قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپلا خەلقىمىزنىڭ بالا تەربىيەلىشىدە مۇھىم ئورۇن تۇتقان. بۆشۈكنىڭ ئاددىي ۋە يۆتكەپ ئىشلىتىشكە ئەپلىكلىكىدىن قارىغاندا، خەلقىمىزنىڭ قەدىمقى دەۋرىدىلا بۆشۈك ئىشلىتىشى خېلى ئومۇملاشقانلىقى مەلۇم. تۇرمۇشىمىزدىكى بۆشۈكلەرنىڭ تۈرى كۆپ، نۇسخىلىرىمۇ ھەر خىل بولۇپ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئومۇملاشقانلىرى خانتاجى، سەنەم، قول سەنەم، قىرىما، ئەگمە، ناۋا، ئانارچە بۆشۈك، ... Read More »
ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر
ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھ – ئائىلە مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىش – ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ساقلاشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. پارتىيىنىڭ 11 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى 10 نەچچە يىل مابەينىدە، ئىلىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۈكسىلىشى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ ئېڭى، تەپەككۇرنى، تۇرمۇش شەكلى ھەم مىللىي ئۆرپ – ئادىتى، قىممەت قارشى ... Read More »
كوسىراپلىقلارنىڭ ئۆزگىچە ئۆرپ-ئادەتلىرى
كوسىراپلىقلارنىڭ ئۆزگىچە ئۆرپ-ئادەتلىرى ئابدۇقەييۇم مۇھەممەد كوسىراپلىقلار- ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ كوسىراپ يېزىسىدا ياشىغۇچى خەلق. كوسىراپ يېزىسى قارا قۇرۇم تاغ تىزمىسىنىڭ غەربىي، زەرەپشان دەرياسى ۋە بۇ دەرياغا قوشۇلىدىغان يازاق، چارلۇڭ دەريالىرىنىڭ ئىككى قىرغىقىغا جايلاشقان تاغلىق يېزا. شەرقى ئۇزۇنلۇق ″33′76-″02′76قا ،شىمالىي كەڭلىك ″96 ′37- ″07′38قا توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ شەرق تەرىپى يەكەن ناھىيىسىنىڭ كاچۇڭ، قوشىراپ، دامسى يېزىلىرى بىلەن، غەرب تەرىپى ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ تارتاجىك مىللىي يېزىسى، ... Read More »
تۇرپان مۇقاملىرىنىڭ نۇسخىلىرى ۋە تارقىلىش ئالاھىدىلىكى
تۇرپان مۇقاملىرىنىڭ نۇسخىلىرى ۋە تارقىلىش ئالاھىدىلىكى ئېلى مۇھەممەت تۇرپان مۇقامى _ شەرىقى شىنجاڭنىڭ تۇرپان ۋىلايىتىگە قاراشلىق تۇرپان، پىچان، توقسۇن قاتارلىق رايونلارغا كەڭ تارقالغان بولۇپ، ئۇ تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت تارىخى بىلەن زىچ بىرلىشىپ كەتكەن. تۇرپان مۇقاملىرى _ راك مۇقامى، چەبىيات مۇقامى، كونا چەبىيات مۇقامى، مۇشاۋىرەك مۇقامى، چارىگاھ مۇقامى، پەنجىگاھ مۇقامى، ئۇشاق مۇقامى، ناۋا مۇقامى، سابا مۇقامى، ئىراق مۇقامى، بايات مۇقامى ۋە ... Read More »