ياپىلاق گۆش قورۇمىسى خۇرۇچى قوي گۆشى 500گرام ،كاۋاۋىچىن ئازراق،تۇخۇم بىر دانە ،ئەبجەش ياغ بىر كلوگرام، پۇرچاق ئۇنى 35گرام،تۇز مۇۋاپىق مىقداردا ،شورپا ئازراق،سۇيېغى ئازراق قورۇش ئۇسۇلى 1.قوي گۆشىنىڭ يىپ،پەيلىرىنى ئېلىۋىتىپ ،ئۇزۇنلىقى ئۈچ سانتىمىتىر ،كەڭلىكى ئككى سانتىمىتىر قىلىپ نىپىزرەك يالپاقلاپ توغرىلىدۇ. 2.گۆشكە چىلىغان پۇرچاق ئۇنى ،تۇز ،سوققان كاۋاۋىچىن ،جاڭيۇ، تۇخۇم، شورپا ئارىلاشتۇرىلىدۇ. 3.قازانغا ياغ قۇيۇپ 7-8دەرىجە قىزىتىپ گۆشنى سېلىپ توق سېرىق ... Read More »
Author Archives: admin
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دەۋرى
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دەۋرى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ شەكىللىنىشكە باشلىغان. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئورخۇن دەۋرى ئۇيغۇر تىلى، ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر تىلى ۋە چاغىتاي تىلىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىگە ۋارىسلىق قىلغان، تىل تاۋۇشلىرى، لۇغەت تەركىبى ۋە گرامماتىكىلىك قۇرۇلۇشى جەھەتتىن تەدرىجىي پىشىپ يېتىلگەن ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى كۆرسىتىدۇ. Read More »
ناۋا مۇقامى
ناۋا مۇقامى 21 نەغمە . چوڭ نەغمىسى 12 ، داستان قىسمى 6 ، مەشرىپى 3 “ناۋا”، “ئوششاق” دېگەن ناملار ئەسلىدە XV , XII ئەسىرلەردە ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى خەلقلەر تىلىدا ئاۋۋال پارس تىلىدا ، كېيىن چاغىتاي تىلىدا مەلۇم لىرىك كىلاسسىك كۈيلەرنىڭ نامى بولغان ؛ چۈنكى ئەينى دەۋردە كىلاسسىك كۈيلەرمۇ “مۇقام” نامى بىلەن ئاتالغان . كېيىنچە ھەرقايسى خەلقلەرنىڭ مۇزىكا تەرەققىياتىدا يۈرۈشلەشكەن مۇقاملار ... Read More »
نارىن چۆپ
[خۇرۇچى] ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، قارىمۇچ بىر چىمدىم، گۆش ئىككى يېرىم كىلوگرام، كاۋاۋىچىن 10 تال، تۇخۇم ئىككى دانە،زەنجىۋىل بىر باش، پىياز ئىككى باش ، قۇرۇت 140 گرام. [ئېتىش ئۇسۇلى] 1. گۆشنى 140 گرام چوڭلۇقتا پارچىلاپ، سوغۇق سۇغا سېلىپ قاينىتىپ، تۇز قۇيۇپ شورپىسى بىر قانچە رەت سورۇلىدۇ. ئاندىن كاۋاۋىچىن، زەنجىۋىلنى پۈتۈن سېلىپ، پەس ئوتتا بىر سائەت سىم-سىم قاينىتىپ، پىشقان گۆشنى، ... Read More »
مۇشاۋرەك مۇقامى
مۇشاۋرەك مۇقامى 31 نەغمە . چوڭ نەغمىسى 17 ، داستان قىسمى 8 ، مەشرىپى 6 “مۇشاۋىرەك” مۇقامىنىڭ نامى بىرئاز مۇرەككەپ ، بۇنداق نام پارس ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ مۇقاملىرى ، كىلاسسىك كۈيلەرنىڭ نامىدا يوق . بۇمۇ شىنجاڭغا ، ئۇيغۇرلارغا خاس ئىسىمدۇر . “مۇشاۋرەك” سۆزىنى “مۇش + ئاب + راك ” دېگەن قىسىملارغا بۆلۈشكە بولىدۇ . بۇ تەركىبلەر ئىچىدىكى “مۇش” سۆزى ... Read More »
مورى تاغلىقلار توي مەشرىپى
مورى تاغلىقلار توي مەشرىپى مورى قازاق ئاپتونۇم ناھىيىسى تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان بولۇپ، مورىدىكى ئۇيغۇرلار تەڭرى تېغىنىڭ يانباغرىدىكى ئېقىن بويىغا جايلاشقان بوستانلىقلاردا ئولتۇراقلاشقان. ئۇلار قەدىمدىن تارتىپ چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق ۋە ئوۋچىلىق بىلەن شوغۇللىنىپ كەلگەن. مۇشۇنداق ئۆزگىچە ئىگىلىك شەكلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى تۈپەيلىدىن، مورىدىكى تەڭرىتاغ ئۇيغۇرلىرى ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى ياراتقان ۋە ھازىرغا قەدەر ساقلاپ ھەم داۋاملاشتۇرۇپ ماڭغان. ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى گەرچە تۇرپان ... Read More »
مەكىت ناماقۇللۇق مەشرىپى
مەكىت ناماقۇللۇق مەشرىپى ناماقۇللۇق مەشرىپى- دولان مەشرىپىدە نۆۋەتتىن تاشقىرى ئۆتكۈزىلىدىغان مەشرەپ بولۇپ، مەشرەپ داۋاملىشىۋاتقان مەشرەپ قاتناشقۇچىلىرىدىن بىرەرسى مەشرەپنىڭ قائىدە-تۈزۈمىنى ئېغىر ھالدا بۇزسا ياكى مەشرەپنىڭ ئەدەپ-ئەخلاقىغا خىلاپلىق ئىش قىلسا ياكى بىرەر كىشى مەلۇم كىشىنىڭ دىلىغا ئازار بېرىپ زىتىغا تىگىپ كۆڭۈلسىزلىك يۈز بەرسە مەشرەپنىڭ يىگىت بېشى ۋە مەشرەپ بېگى ئاممىنىڭ تەلىپى بويىچە ئۇ كىشىگە جازا ئورنىدا بىر نۆۋەت ناماقۇللۇق مەشرىپى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ... Read More »
مەكىت ئوۋچى مەشرىپى
مەكىت ئوۋچى مەشرىپى ئوۋچى مەشرىپى – دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان مەشرەپ تۈرلىرىنىڭ بىرى. ئوۋچى مەشرىپىدە دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئوۋچىلىق تۇرمۇشى ئەكىس ئەتتۈرۈلىدۇ. دولانلار قەدىمكى زامانلاردا ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن، قەدىمدىن تارتىپ تاكى يېقىنقى زامانلارغىچە توپلىشىپ ئوۋچىلىق قىلىپ، ئوۋچىلىق مەدەنىيىتىنى يارىتىپ تارىختا نام قالدۇرغان ئىدى. بۈگۈنكى مەشرەپتە دولان ئوۋچىلىرى ئوۋ قىلىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يۇرت- مەھەللىدىكى ... Read More »
مەركىزىي ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى
مەركىزىي ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى ( ئومۇمىي مەلۇمات) نەبىجان تۇرسۇن ( تارىخ پەنلىرى دوكتورى) چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر دىئاسپورىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىغا تەۋە قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرگە جايلاشقان . بۇلاردىن باشقا يەنە رۇسىيە فېدېراتسىيىسى، تۈركمەنىستان ۋە تاجىكىستاندا ئانچە كۆپ بولمىغان ئۇيغۇر ئاھالىسى ياشايدۇ. ئۇيغۇرلار ئالدى بىلەن جۇغراپىيىلىك جايلىشىش جەھەتتىكى قولايلىق شارائىت تۈپەيلىدىن قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىن ... Read More »
لوپنۇر گۈلخان مەشرىپى
لوپنۇر گۈلخان مەشرىپى لوپنۇر-ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمىي يۇرتلارنىڭ بىرى. لوپنۇر تىلغا ئېلىنسىلا كىشىلەر ئالدى بىلەن دۇنياغا داڭلىق لوپنۇر كۆلى ۋە قەدىمىقى غەربى يۇتقا ھۆكۈم سۈرۈپ ئۆتكەن 36شەھەر دۆلىتىنىڭ بىرى بولغان كىروران خانلىقىنى ئېسىگە ئالىدۇ، لوپنۇرنىڭ ئىجتىمائى تارىخى ۋە جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكىمۇ ھازىرقى ئىلىم ساھەسىدىكىلەر ئۈچۈن زور تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە. لوپنۇرلۇقلار تارىختىن ئوت-سۇ قوغلىشىپ ئوۋچىلىق، بېلىقچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شوغۇللىنىپ كەلگەن بولۇپ ئۆزىگە ... Read More »