ﭼﯚﭼﯜﺭﻩ ئىتىش ئۇسۇلى ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﻯ:ﮔﯚﺵ(ﻳﺎﻏﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ،ﻛﺎﻻ،ﻗﻮﻱ ﮔﯚﺷﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﯟﯨﺮﯨﺪﯗ)،ﺑﺎﺵ ﭘﯩﻴﺎﺯ،ﺗﯘﺯ، ﺯﯨﺮﻩ،ﯪﺷﻜﯚﻛﻰ 1.ﭼﯩﯔ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺧﯧﻤﯩﺮ ﻳﯘﻏﯩﺮﯨﻤﯩﺰ،ﯲﺯﯨﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﯜﭼﻪ ﻗﯩﻴﻤﺎ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. 2.ﮔﯚﺷﻨﻰ ،ﺑﺎﺵ ﭘﯩﻴﺎﺯﻧﻰ ﯰﺷﺸﺎﻕ ﺗﻮﻏﺮﺍﭖ ﻗﯩﻴﻤﺎ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ،ﯪﻧﺪﯨﻦ ﺗﯘﺯ، ﺯﯨﺮﻩ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﯪﺭﯨﻼﺷﺘﯘﺭﯨﻤﯩﺰ. 3.ﺧﯧﻤﯩﺮﻧﻰ ﻧﯘﻏﯘﭺ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯪﺷﺘﺎﺧﺘﯩﻐﺎ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻛﻪﻟﮕﯜﺩﻩﻙ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯘﻣﯩﻼﻕ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ،ﻧﯧﭙﯩﺰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﻳﯩﻤﯩﺰ،ﯪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯘﯞﺍﺩﯨﺮﺍﺕ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﻩ ﻛﯧﺴﯩﭗ ﺟﯩﻠﺘﻪ ﯪﭼﯩﻤﯩﺰ،ﭼﻮﯓ-ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﻜﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻗﯩﺰﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﯪﻟﻘﯩﻨﯩﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻻﺭ( ﭼﻮﯓ-ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﯪﺳﺎﻧﻼ ﺗﻪﯕﺸﯩﯟﺍﻟﯩﺴﯩﺰ،ﻣﻪﻥ ﯲﻟﭽﻪﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻩﻱ ﺩﯦﺴﻪﻡ ﯰﻗﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ). 4.ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻧﻐﺎﻥ ﻗﯩﻴﻤﯩﺪﯨﻦ ... Read More »
Author Archives: admin
چەپبايات مۇقامى
2- چەپبايات مۇقامى 24 نەغمە . چوڭ نەغمىسى 12 ، داستان قىسمى 8 ، مەشرىپى 3 چەپبايات — “چەپبايات” ، ” بايات” دېگەن ناملار سانسىكرىتچىمۇ ، پارىسچىمۇ ئەمەس بەلكى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدۇر . ئۇيغۇرچە سۆز بولغاندىمۇ ، باشقىلار ئۆز ماقالىسىدە بايان قىلغىنىدەك ، قەبىلە ۋە قەبىلە تارماقلىرىنىڭ نامىمۇ ئەمەس . “بايات” — قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا “خۇدا” ، “تەڭرى” دېگەن مەنىنى ... Read More »
چاقىلىق توپۇق مەشرىپى
چاقىلىق توپۇق مەشرىپى چاقىلىق – ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى ئۇزاق تارىخ ۋە پارلاق مەدەنىيەتكە ئىگە قەدىمىي ماكانلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ يەردە مىلادىدىن بۇرۇن قۇرۇلغان كىروران ئىلى ۋە مىلادىدىن 77 يىل بۇرۇن كىروران ئىلىنىڭ پارچىلىنىشى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن پىشاشان خانلىقى ئۆزىنىڭ شانلىق نەتىجىلىرىنى نامايەن قىلغان. كىروران دەۋرىدىكى مەدەنىيەت ناھايىتى قەدىمىي ۋە پارلاق بىر مەدەنىيىتىنىڭ داۋامى سۈپىتىدە غەربى دىيارنىڭ گۈل تاجىسىغا ئايلانغان. بۇ مەدەنىيەت ... Read More »
چارىگاھ مۇقامى
-چارىگاھ مۇقامى 29 نەغمە. چوڭ نەغمىسى 9 ، داستان قىسمى 6 ، مەشرىپى 3 ئۇيغۇر مۇقاملىرى نامىدىكى “گاھ” بىلەن ياسالغان سۆزلەر كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ . “گاھ” سۆزىنىڭ پارسچە سانلار بىلەن بىرىكىپ كەلگىنىگە قاراپ ، بۇ ، مۇقاملارنىڭ رەت – نومۇرىنى بىلدۈرسە كېرەك ~ دېگەن پەرەزلەرمۇ بولغانىكەن . شۇڭا “چارگاھ” 4 – ئورۇن مەنىسىنى بىلدۈرۈپ تۆتىنچى رەتكە تىزىلغان ، “پەنجىگاھ” 5 ... Read More »
جۆۋەندە نان
جۆۋەندە نان بۇغدا ئۇنى، قوناق ئۇنى، سۈت، پىياز. مۇۋاپىق مىقداردا. خېمىرتۇرۇچنى ئىلمان سۈت ياكى سۇدا ئېرىتكەندىن كېيىن، بۇغداي ئۇنى بىلەن قوناق ئۇنىنى ئارىلاشتۇرۇپ خېمىر يۇغۇرۇلىدۇ. خېمىر بولغاندا ياخشى ئىشلەپ، 280 گرام چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ، قېلىنراق قىلىپ نان ئېچىپ، يۈزىگە پىچاقتا سىزىقچە ئۇرۇپ، ئۇششاق توغرالغان پىيازنى سۈركەپ تەييارلىنىدۇ. 2. قىزىغان تونۇرنىڭ ھاۋىسىنى تەڭشەپ، داپخاننى چىڭ ئېتىپ، تەييار ناننى ... Read More »
تۇرپان ئۇيغۇر ئىدىقۇت دۆلىتى(866-1363)
تۇرپان ئۇيغۇر ئىدىقۇت دۆلىتى(866-1363) مىلادى 840-يىلى، ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ مەركىزى قىرغىز خانلىقى تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ، ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ غەربىي تەرەپلىرىگە كەتكەن 15 قەبىلىگە باشلامچىلىق قىلغان پانتېكىن قاراشەھەر ئەتراپىدا ئۆزىنى قاغان ئېلان قىلغان ئىدى. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر قالغانلىقى قاراشەھەر، كۇچار ۋە تۇرپان قاتارلىق جايلارنى بىر گەۋدە ئىچىگە ئالدى. ئۇزۇن ئوتمەي قوچۇ ۋە بەشبالىقنى مەركەز قىلغان يېڭى ئۇيغۇر دۆلىتى ... Read More »
تونۇر كاۋاپ ئىككى ياشلىق پاقلان ئىككى دانە، ئاق ئۇن 105 گرام، تۇخۇمنىڭ سېرىقى بەش دانە، سوققان قارىمۇچ مۇۋاپىق، زەرچىۋە ئازراق، سوققان زىرە مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق. . قوينى بوغۇزلاپ، تېرىسىنى سويۇپ، باش ۋە پاقالچاقلىرىنى كېسىپ ئېلىۋېتىپ، قورسىقىنى كىچىكرەك يېرىپ، ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋېتىلىدۇ. ئاندىن ئىچىنى ئىسسىق سۇ بىلەن چايقاپ، قۇرۇق لاتا بىلەن سۈرتىۋېتىلىدۇ. ئاندىن قوينى بىر تال ياغاچقا پۈتۈنلەي تىكلەپ ئۆتكۈزۈپ، ياغاچ ... Read More »
تاۋا كاۋاپ
تاۋا كاۋاپ (خۇرۇچى) قوينىڭ لوق گۆشى بىر كىلوگرام، سوققان زىرە مۇۋاپىق، پىياز 70گرام، سوققان قارىمۇچ مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، ئاق ئۇن ئازراق، سوققان لازا مۇۋاپىق، شاكال بەدىيان بەش تال. (ئېتىش ئۇسۇلى) 1.گۆشنى سەرەڭگە قېپچىلىك چوڭلۇقتا، بارماقچىلىك نېپىزلىكتە توغرايمىز. ئۇششاق چانالغان پىياز، سوقۇلغان زىرە، قارىمۇچلارنى گۆشكە سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، شۇ پېتىچە 15-20 مىنۇت تۇرغۇزىلىدۇ. 2.تاۋىنى ياخشى قىزىتىپ، ھاۋىسىنى تەڭشەپ، گۆشنى ئۇنغا مىلاپ ... Read More »
تاغ مەشرىپى
كېرىيە مەشرەپلىرىدىن ” تاغ مەشرىپى” تاغ مەشرىپى — تاغلىق رايونلاردا كەڭ تارالغان مەشرەپ بولۇپ، ھازىر ئاتچان يېزىسىنىڭ پۇلۇ ۋە لۈش كەنتىدە نىسبەتەن مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان. تاغ مەشرىپىنىڭ تەرتىپى ۋە شەكلى باشقا مەشرەپ تۈرلىرىدىن ئالاھىدە پەرىقلىنىدۇ. تاغ مەشرىپىنىڭ جەريانى مۇنداق بولىدى يۇرت چوڭلىرىدىن بىرى مەشرەپكە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. مەشرەپتە ئەر- ئاياللا بىر سورۇندا ئولتۇرىدۇ. تاماقتىن كېيىن سازنىڭ چېلىنىشى مەشرەپ باشلانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ... Read More »
ئۇيغۇرلاردىكى تازىلىق ۋە ساغلاملىق ئادەتلىرى
ئۇيغۇرلاردىكى تازىلىق ۋە ساغلاملىق ئادەتلىرى خوتۇن-قىزلارنىڭ سەھەردىكى ئەنئەنىۋى تازىلىق ئادەتلىرى: تازىلىق-ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئۈزۈكى، ئىنسانلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى بىلىش دەرىجىسىنىڭ ئىپادىسى، مەنىۋى گۈزەللىكنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشى، ساغلام ۋە روھلۇق بولۇشنىڭ كاپالىتى. تازىلىق ھەرقايسى خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىنى بەلگىلەيدىغان تۈپ ئامىللارنىڭ بىرى. «ساغلام تەندە ساغلام ئەقىل» دىگەن ماقال ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن باشلاپ تازىلىققا تولىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىدىن ئىبارەت مىللى پىسخىكىسىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. ئۇيغۇر خەلقى ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن ... Read More »