ياركەنت خانلىقى دەۋرىدىكى جەمئىيەت ئەنۋەر بايتۇر، خەيرىنىسا سىدىق ياركەنت خانلىقى بولسا چاغاتاي ئەۋلادى تەرىپىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىنغان ئەڭ ئاخىرقى خانلىق بولۇپ، جەمئىيەت تەرەققىياتى سەۋىيىسىدىن قارىغاندا، چاغاتايلار تارىخىدا يۈكسەكدەرىجىدە راۋاجلانغان بىر خانلىق ئىدى. بۇ چاغدا چاغاتاي ئەۋلادى ۋە ئۇنىڭتەركىبىدىكى دوغلات ھەم بىر بۆلۈك جوراس قاتارلىق بىر مۇنچە موڭغۇل قەبىلىلىرى تامامەن دېگۈدەك ئۇيغۇرلاشقان ۋە مۇسۇلمانلاشقان بولۇپ، ياركەنت خانلىقى دەۋرىدىكىجەمئىيەت دەل ئەنە شۇ ئۇيغۇر ... Read More »
Category Archives: ئۇيغۇر تارىخى
Feed Subscriptionگەنجو ئۇيغۇر دۆلىتى
گەنجو ئۇيغۇر دۆلىتى ( 9-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن 1028-يىلىغىچە) مىلادى 840-يىلىدىكى چوڭ كۆچۈشتە ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە كۆچكەن قەبىلىلىرىنىڭ ئىچىدە ئازراق بىر تارمىقى ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ خېشى كارىدورى ئەتراپىغا كۆچۈپ كېلىپ، بۇ رايوندا ئەزەلدىن ماكانلاشقان ئۇيغۇر قەبىلىلىرى بىلەن بىرلەشتى. خېشى كارىدورى ئەزەلدىن ھۇنلار ۋە كېيىنكى ئۇيغۇر قاتارلىق كۆچمەن خەلقلەرنىڭ ماكانلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دەسلەپكى مىلادى 632-يىلى، بىر قېتىم خېشى كارىدورىدىكى گەنجۇ ۋە لياڭجوۋ ... Read More »
قانقىل دۆلىتى
قانقىل دۆلىتى (مىلادى 487-541-يىللىرى ) مىلادى 5-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن 6-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا تارىم ۋادىسى، جۇڭغارىيە ئويمانلىقىنىڭ بىر قىسىمى ھەمدە تۇرپان تەۋەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر دۆلىتى، يەنى قانقىل دۆلىتى مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. قانقىللار ئۇيغۇرلارنىڭ 5-6-ئەسىرلەردىكى بىر خىل ئاتىلىشى بولۇپ، خەنزۇلار ئۇلارنىڭ ئېگىز ھارۋىلارنى قاتناش قوراللىرى قىلىپ ئىشلەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، << گاۋچې>> يەنى ئېگىز ھارۋىلىقلار دەپ ئاتىغان ئىدى. 5-6-ئەسىرلەردىكى قانقىل قەبىلىلىرى ... Read More »
قاراخانىيلار سۇلالىسى
( 9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى-1212-يىللىرى) قاراخانىيلار سۇلالىسى دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر تۈرك دۆلەتلىرى ئىچىدە تۇنجى قېتىم ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتكەن ھەمدە ئىسلام دىنىنى ئۇيغۇر ئېلىگە كېڭەيتكەن قۇدرەتلىك ئىسلامىي دۆلەتتۇر. قاراخانىيلار سۇلالىسى 840-يىلى ئۇيغۇر ئورخۇن قالغانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، غەربكە كۆچكەن قەبىلىلەر، تارىم ۋادىسى ۋە ئىسسىق كۆل بويلىرىدا ئەسلىدىن ياشايدىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي قەبىلىلىرى بىلەن بىرلىكتە قۇرۇلغان ئىدى. قاراخانىلارنىڭ قۇرۇلۇشىدا ئاساس بولغان ... Read More »
تۇرپان ئۇيغۇر ئىدىقۇت دۆلىتى(866-1363)
تۇرپان ئۇيغۇر ئىدىقۇت دۆلىتى(866-1363) مىلادى 840-يىلى، ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ مەركىزى قىرغىز خانلىقى تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ، ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ غەربىي تەرەپلىرىگە كەتكەن 15 قەبىلىگە باشلامچىلىق قىلغان پانتېكىن قاراشەھەر ئەتراپىدا ئۆزىنى قاغان ئېلان قىلغان ئىدى. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر قالغانلىقى قاراشەھەر، كۇچار ۋە تۇرپان قاتارلىق جايلارنى بىر گەۋدە ئىچىگە ئالدى. ئۇزۇن ئوتمەي قوچۇ ۋە بەشبالىقنى مەركەز قىلغان يېڭى ئۇيغۇر دۆلىتى ... Read More »
ئۇيغۇرلارنىڭ قسقچە تارىغى
ئۇيغۇرلارنىڭ قسقچە تارىغى ئۇيغۇرلار ھازىرقى جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئاتاۋاتقان « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتىشى بويىچە « شەرقىي تۈركىستان» ۋە ياكى «ئۇيغۇرستان»نىڭ يەرلىك ھەم ئاساسلىق ئاھالىسىدۇر. ئۇيغۇر دىيارى شىمال، غەرب ۋە جەنۇب تەرەپلەردە رۇسىيە فېدېراتسىيىسى ، موڭغۇلىيە قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئافغانىستان، پاكىستان، ھىندىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ، ئۇنىڭ شەرقىي ۋە شەرقىي جەنۇبى تەرەپلىرى جۇڭگونىڭ گەنسۇ ۋە چىڭخەي ئۆلكىسى ھەمدە تىبەت ... Read More »
ئورخۇن ئۇيغۇر قالغانلىقى
ئورخۇن ئۇيغۇر قالغانلىقى ( مىلادى 744-847-يىللىرى ) ئورخۇن ئۇيغۇر قالغانلىقى ئۇزاق ئەسىرلىك ئۇيغۇر تارىخىنىڭ يارقىن سەھىپىسى شۇنىڭدەك ياۋرو-ئاسىيا ئوتتۇرا ئەسىرلەر دۆلەتچىلىك تارىخىدىكى مۇھىم سەھىپە. ئورخۇن ئۇيغۇر قالغانلىقى ياۋرو-ئاسىيا يايلاق ۋە ئولتۇراق رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئولتۇراق ھاياتتىكى مەدەنىيەت بىلەن چارۋىچىلىق ھاياتتىكى مەدەنىيەتلەرنى بىرلەشتۈرگەن شۇنىڭدەك يايلاق دۆلەتلىرى تارىخىدا تۇنجى قېتىم دۆلەت دىنى بېكىتىپ، شەھەر مەدەنىيىتىنى يايلاق خەلقلىرى ئارىسىغا ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسىنى ... Read More »
ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى
ئۇيغۇرلار ھازىرقى جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئاتاۋاتقان « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتىشى بويىچە « شەرقىي تۈركىستان» ۋە ياكى «ئۇيغۇرستان»نىڭ يەرلىك ھەم ئاساسلىق ئاھالىسىدۇر. ئۇيغۇر دىيارى شىمال، غەرب ۋە جەنۇب تەرەپلەردە رۇسىيە فېدېراتسىيىسى ، موڭغۇلىيە قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئافغانىستان، پاكىستان، ھىندىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ، ئۇنىڭ شەرقىي ۋە شەرقىي جەنۇبى تەرەپلىرى جۇڭگونىڭ گەنسۇ ۋە چىڭخەي ئۆلكىسى ھەمدە تىبەت بىلەن تۇتىشىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ... Read More »
ئورھون تۇرك خاقانلەرى شەجەرەسى
شەرقى تۇركلەر 1) بۇمïن ئىل خاقان: 551-552. ئىسمى بۇمïن ياكى تۈمäن، چىنچە تۇمەن. ھانلىق ئەمەلىتۇركچە بۇمïن ئىل خاقان، مەڭگۇ تاشلاردا بۇمïن خاقان)، سوغدىچە βۋمين γ’γ’ن، چىنچە تۇمەن يىلى كەھان. 2 ) يىخىجى خاقان: 552-553. ئىسمى تۇركچە قارا، چىنچە كە لۇئو . ھانلىق ئەمەلى چىنچە يىخىجى كەھان. 3 ) بۇقان خاقان: 553-572. خاقان بولۇشتىن ئەۋەلكى ئەمەلى: چىنچە ياندۇ سىجىن. سىجىن = ... Read More »
قەدىمقى ئۇيغۇر خاقانلىرى
غەربى تۇرك دەۋرى ئۇيغۇرلار غەربى تۇرككەردىن بىرى ئىدى. 7 ئەسىرنىڭ دەستلەپكى ئون يىلىدا ئۇيغۇرلارتىگäن سەگىننىڭ باشچىلىقىدا باشقا سىر، يەنتو، بۇقۇ، توڭرا، بايىرقۇ قەبىلەلەرى بىلەن بىرلىخىپ غەربى تۇرك نىگور چۇل خاقانغا قارشى ئىسيان كوتۇرۇپ مۇستەقىل ھالەتتە ياشايدۇ. كەيىن تىگäن سەگىننىڭ ئورنىغا ئوغلى پۇسار سەگىن چىقىدۇ. *Tigän Segin特健俟斤Te-jian Si/Qi-jin 610-620 *Pusar Segin菩薩俟斤610-620 تۇنجى ئۇيغۇر خاقانلىقى 647-686 646- يىلىغا كەلگەندە ئۇيغۇرلار تەھىمۇ كۇچلۇنۇپ ... Read More »