دوغاپچىلىق مەدەنىيىتىمىزگە نەزەر مۇھەممەت تۇرسۇن ھەسەن دوغاپچىلىق خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق تارىخىي تەرەققىياتىدىكى خاسئىچىملىك مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم ناماياندىسى. ئۇ كىشىلەر يازنىڭ تومۇز ئىسسىقكۈنلىرىدە ئىچىپ ھۇزۇرلىنىدىغان، شۇنىداقلا ئىسسىقنى (قوقاقنى) ئالىدىغان، مىجەزنىتەڭشەيدىغان خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە ئىچىملىك. ئۇنىڭ خۇرۇچى مۇز، قېتىق، قايماق، سۇ،ئۈزۈم شىرنىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئاپتونومرايونىمىزدا قىش بىلەن يازنىڭ پەرقى ئېنىق. ئەجدادلىرىمىز مانا مۇشۇنداق پەرقلەرگەئاساسەن قىشتا كەڭلىكى 5-6 مېتىر، چوڭقۇرلۇقى 7-8 مېتىر كېلىدىغان ئورەك كولاپ،ئاستى ۋە ... Read More »
Category Archives: يىمەك – ئىچمەك مەدەنىيىتى
Feed Subscriptionياپىلاق گۆش قورۇمىسى
ياپىلاق گۆش قورۇمىسى خۇرۇچى قوي گۆشى 500گرام ،كاۋاۋىچىن ئازراق،تۇخۇم بىر دانە ،ئەبجەش ياغ بىر كلوگرام، پۇرچاق ئۇنى 35گرام،تۇز مۇۋاپىق مىقداردا ،شورپا ئازراق،سۇيېغى ئازراق قورۇش ئۇسۇلى 1.قوي گۆشىنىڭ يىپ،پەيلىرىنى ئېلىۋىتىپ ،ئۇزۇنلىقى ئۈچ سانتىمىتىر ،كەڭلىكى ئككى سانتىمىتىر قىلىپ نىپىزرەك يالپاقلاپ توغرىلىدۇ. 2.گۆشكە چىلىغان پۇرچاق ئۇنى ،تۇز ،سوققان كاۋاۋىچىن ،جاڭيۇ، تۇخۇم، شورپا ئارىلاشتۇرىلىدۇ. 3.قازانغا ياغ قۇيۇپ 7-8دەرىجە قىزىتىپ گۆشنى سېلىپ توق سېرىق ... Read More »
نارىن چۆپ
[خۇرۇچى] ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، قارىمۇچ بىر چىمدىم، گۆش ئىككى يېرىم كىلوگرام، كاۋاۋىچىن 10 تال، تۇخۇم ئىككى دانە،زەنجىۋىل بىر باش، پىياز ئىككى باش ، قۇرۇت 140 گرام. [ئېتىش ئۇسۇلى] 1. گۆشنى 140 گرام چوڭلۇقتا پارچىلاپ، سوغۇق سۇغا سېلىپ قاينىتىپ، تۇز قۇيۇپ شورپىسى بىر قانچە رەت سورۇلىدۇ. ئاندىن كاۋاۋىچىن، زەنجىۋىلنى پۈتۈن سېلىپ، پەس ئوتتا بىر سائەت سىم-سىم قاينىتىپ، پىشقان گۆشنى، ... Read More »
لەمپۇڭ
لەمپۇڭ بىزدىكى قۇرۇق ئىسسىقنىڭ ئالىدىغان ياخشى يىمەكلىك ھىساپلىنىدۇ، مەن ئادەتتە پۇرچاق ئۇنىدا تەييارلانغان لەمپۇڭ ئۇيۇتمىسىنى ئاسان ھەزىم بۇلمايدۇ، ئاشقازانغا پايدىسىز دەپ قاراپ ئۇيدەتەييارلىغان لەمپۇڭنى بۇغداي ئۇنىدا قىلىمەن، تۇۋەندەئۇزەمنىڭ لەمپۇڭ ئۇيۇتۇش ئۇسۇلۇمنى يۇلاپ قۇيدۇم ،يارىسا پايدىلىناسىلە.[ ئۇندىن 500گىرام ئىلىپ يۇغۇرۇپ،خىمىرنى ئىسسىق سۇدا يۇيۇپ سۇيىنى چىقىرىۋالىمىز، خىمىر سۇيى تىنغاندىن كىيىن ،تۇپىدىكى سىرىق سۇيىنى تۇكىۋىتىمىز، قازانغا 1.5كىلۇ ئەتراپىدا سۇ قۇيىمىز، قاينىغاندا خىمىر سۇيىنى ... Read More »
گىردە نان
ئاق ئۇن تۆت كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، سۇ ئىككى كىلوگرام، خېمىر تۇرۇچ 70 گرام، كۈنجۈت 70 گرام، ئۈزۈم شىرنىسى 35 گرام ،ئۇنغا خېمىرتۇرۇچ سېلىپ، تۇز، سۇ قۇيۇپ، چىڭ يۇغۇرۇپ، ئۇزۇنراق ئىشلەپ باستۇرۇپ قويىمىز. خېمىر كۆپكەندىن كېيىن 200 گراملىقتىن زوۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ، گىرۋىكىنى يۇمىلاق، ئوتتۇرىسىنى ئويمان قىلىپ گىردە ياساپ، ئاش تاختىغا ئوڭدىسىغا تىزىپ، سۇ ئۇرۇپ، كۈنجۈت سېپىپئىككىسىنىڭ يۈزىنى بىر جۈپلەپ، داستىخان ... Read More »
گۆشلۈك پولو
گۆشلۈك پولو گۈرۈچ ئىككى يېرىم كىلوگرام،ئەبجەش ياغ 500گرام،زىرە مۇۋاپىق،گۆش بىر يېرىم كىلوگرام،سوققان قەلەمپۇر مۇۋاپىق،سەۋزە بىر يېرىم كىلوگرام،كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق،پىياز بىر تال،تۇز مۇۋاپىق مىقداردا. ئېتىش ئۇسۇلى: 1.گۈرۈچنى پاكىز تازىلاپ،سوغۇق ياكى ئىلمان سۇ بىلەن 3-4قېتىم يۇيۇپ،سەۋزە قەلەمچە،پىياز يالپاق،گۆش 140گرام چوڭلۇقتا توغرىلىدۇ. 2.قازانغا ياغنى قۇيۇپ ،قائىدىگە مۇۋاپىق ياخشى داغلىغاندىن كىيىن،گۆش سېلىنىدۇ.گۆش سەل قورۇلغاندىن كىيىن،پىيازنى سېلىپ گۆش بىلەن بىللە قورۇلىدۇ.پىياز سارغايغاندا سەۋزىنى سېلىپ ئازراق تۇز ... Read More »
گۆش نان
گۆش نان ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، سۇ 500 گرام، قوي گۆشى بىر كىلوگرام، پىياز 500 گرام، قارىمۇچ ئازراق، ئەپجەش ياغ 70 گرام، زىرە مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، خېمىرتۇرۇچ ئازراق. 1 . گۆشنى ئۇششاق توغراپ ياكى ماشىنىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇنىڭغا ئۇششاق توغرالغان پىياز، تۇز، سوققان زىرە، قارىمۇچ ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ. 2. خېمىرتۇرۇچ قاتتىق بولسا، سۇغا سېلىپ ئېزىپ، ئۇنغا سېلىپ تۇز قۇيۇپ خېمىر ... Read More »
گۆش گىردە
گۆش گىردە ئۇن ئىككى كىلوگرام، پىياز بىر كىلوگرام، گۆش ئىككى كىلوگرام، قارىمۇچ مۇۋاپىق، دۈمبە ياغ 175 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، سۇ بىر 750 گرام. 1. گۆشگىردىنىڭ خېمىرىنى قاتتىق، تۇزلۇقراق پېتىر خېمىر قىلىپ يۇغۇرۇپ، ياخشى ئىشلەپ، خېمىرنى يېرىم بولدۇرغاندىن كېيىن، بىر سەرلىكتىن زوۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ، 20 ـ 15 مىنۇت تىندۇرغاندىن كېيىن، ھەربىر زوۋۇلىنى جىلتا ئېچىلىدۇ. 2. قوي ياكى كالا گۆشىنى نېپىز ... Read More »
كۈنجۈتلۈك نان
كۈنجۈتلۈك نان ئۇن بەش كىلوگرام، پىياز 500 گرام، سۇ ئىككى يېرىم كىلوگرام، سىيادان 70 گرام، خېمىرتۇرۇچ 175 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، كۈنجۈت 70 گرام. ئۇنغا خېمىرتۇرۇچ سېلىپ بوشراق خېمىر يۇغۇرۇپ، خېمىر بولغاندا ئىشلەپ، 200 گرام چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ، 20 – 15 مىنۇت تىندۇرۇپ، گىرۋىكىنى قېلىنراق، ئوتتۇرىسىنى نېپىزرەك قىلىپ كەڭرەك نان ياساپ، ئوتتۇرىسىغا چەككۈچ چېكىپ تەييارلىنىدۇ. 2. تونۇرنىڭ ھاۋىسىنى تەڭشەپ، ... Read More »
كۆممە كاۋاپ
كۆممە كاۋاپ ئىككى ياشلىق قوي ياكى ئوغلاق بىر دانە، كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق، پىياز ئىككى باش، زەنجىۋىل مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، زىرە مۇۋاپىق، سامساق بىر باش. 1. قوينى ئۆلتۈرۈپ، تېرىسىنى سويۇپ، ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋېتىپ، گۆشىنى پاكىز يۇيىلىدۇ. قېرىننىڭ باش تەرىپىدىن كىچىككىنە كېسىپ ئېغىز ئېچىپ، تەتۈر ئۆرۈپ يۇيىلىدۇ، ئاندىن قىزىق سۇغا سېلىپ، قېرىننىڭ ئىچىدىكى تىۋىتىنى قىرىپ چىقىرىۋېتىلىدۇ. ئىچى ۋە تېشىنى تۇز، شولتا سۈيى ... Read More »