قورۇما چۆپ ئادەتتە خېمىرنىڭ شەكلىگە قاراپ ئىككى خىل بولۇپ، بىرسى پىلتە لەڭمەنگە ئوخشاش خېمىرىنى پىشۇرۇپ ئاندىن كەسىپ كۆكتات ۋە گۆش بىلەن قورىلىدۇ، يانا بىرسى خېمىرنى ئۈزۈپ تاشلاپ ئېتىلگەن سۇيقاشقا ئوخشاش خېمىرنى قولدا ئۈزۈپ قازانغا سەلىپ پىشۇرۇپ ئاندىن كۆكتات ۋە گوش بىلەن قورىلىدۇ. تۆۋەندە خېمىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ پىشۇرۇلىدىغان قورۇما چۆپ نى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن. ماتېرىيال (4 كىشىلىك) ئۇن 500 گىرام( لەڭمەننىڭ ئۇنىغا ... Read More »
Category Archives: يىمەك – ئىچمەك مەدەنىيىتى
Feed Subscriptionقورداق
قورداق خۇرۇچى قوي ياكى كالا گۆشى بىر كلوگرام،كاۋاۋىچىن ئازراق، ئەبجەش ياغ 105گرام،زەنجىۋىل ئازراق،ياڭيۇ 500گرام،كۆك ياكى قىزىل لازا ئىككى تال،سەۋزە ياكى تۇرۇپ 500گرام،تۇز مۇۋاپىق مىقداردا،پەمىدۇر ئىككى تال ،جاڭيۇ ئازراق ،پىياز بىر باش ،يۇمغاقسۈت ئازراق. قورۇش ئۇسۇلى 1.گۆش سۆڭىكى بىلەن توغرىلىدۇ.كىچىك ياڭيۇ ئىككى پارچە ،چوڭلىرى تۆت پارچە سەراڭگە قېپىدەك پارچىلىنىدۇ.سەۋزە ياكى تۇرۇپ پىياز،لازا پەمىدۇرلارنى چوڭ چوڭ يۇمغاقسۈت ئۇششاق توغرىلىدۇ 2.قازانغا ياغ قۇيۇپ ... Read More »
شويلا
شويلا خۇرۇچى گۈرۈچ 500 گرام، زىرە مۇۋاپىق، گۆش 500 گرام، زەنجىۋىل سۈيى مۇۋاپىق، ياغ 175 گرام، كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق، سەۋزە 500 گرام، يۇمغاقسۈت ئازراق، پەمىدۇر ئىككى تال، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا. ئېتىش ئۇسۇلى 1. گۆشنى ئىككى سانتىمېتىر چوڭلۇقتا، سەۋزىنى ئىنچىكە قەلەمچە قىلىپ، پىياز يالپاق، پەمىدۇر چوڭ – چوڭ پارچىلاپ توغرىلىنىدۇ. گۈرۈچ ئىسسىق سۇدا 3-2 قېتىم يۇيۇلىدۇ 2. قازانغا ياغ قۇيۇپ 8-7 دەرىجە ... Read More »
شرىمان نان
شرىمان نان ئاق ئۇن ئىككى كىلوگرام، سۇ بىر كىلوگرام، نوقۇت 175 گرام، ئارپىبەدىيان مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، كېپەك 2 – 5.1 كىلوگرام، يېتىلگەن پاگىر 500 گرام. يېتىلگەن پاگىرنى خېمىرتۇرۇچ ئورنىدا ئىشلىتىپ تۇز قۇيۇپ خېمىر يۇغۇرۇپ، ياخشى ئىشلەپ، 500 گراملىقتىن قىلىپ زوۋۇلا ئۈزۈپ، ھەربىر زوۋۇلىنى گىرۋىكىنى قېلىنراق، ئوتتۇرىسىنى نېپىزراق قىلىپ نان ياساپ، ناننىڭ ئوتتۇرىسىغا چەككۈچ سېلىپ، گىرۋىكىگە پىچاق ياكى مەخسۇس چەككۈچ ... Read More »
سۇڭپىياز گۆش قورۇمىسى
سۇڭپىياز گۆش قورۇمىسى خۇرۇچى قوي گۆشى 500گرام،قىزىل لازا 35گرام، تېتتقۇ بىر چىمدىم،پۇرچاق ئۇنى 35گرام،ئەبجەش ياغ 50گرام،كاۋاۋىچىن ئازراق،تۇز مۇۋاپىق مىقداردا،شورپا 105گىرام،سۇڭپىياز بىر تال قورۇش ئۇسۇلى 1.قوينىڭ سان گۆشىنىڭ يىپچىلىرىنى ئېلىۋىتىپ ،نىپىز يالپاقلاپ،قىزىل لازىنى ئىنچىكە،سۇڭپىياز ئا ت قۇلىقى توغرىلىدۇ. 2.توغرالغان گۆشنى قايناقسۇغا بېسىپ ئېلىپ،داكا بىلەن ئوراپ سىقىپ،سۈيى چىقىرىۋىتىلىدۇ. بىر قاچا شورپىغا تۇز ،تېتىتقۇ،چىلىغان پۇرچاق ئۇنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەڭشەلگەن شورپا تەييارلىندۇ. 4قازانغاياغ ... Read More »
سوقما كاۋاپ
خۇرۇچى: قوينىڭ ئومۇرتقا گۆشى بىر كىلوگرام، سوققان زىرە ئازراق، سۇڭپىياز ئىككى باش، سوققان لازا مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، سوققان زەرچىۋە مۇۋاپىق، قارىمۇچ مۇۋاپىق مىقداردا، ئاچچىقسۇ ئىككى مىسقال. ئېتىش ئۇسۇلى: 1. قوينىڭ ئومۇرتقا گۆشىنى چوڭ – چوڭ يالپاقلاپ توغراپ، ھەربىر پارچىسىنى قىڭراقنىڭ ئارقىسى بىلەن بوش – بوش ئۇرۇپ، يۇمشاتقاندىن كېيىن، سىرلانغان قاچىغا ياكى چېنە قاچىغا سېلىپ، ئۈستىگە ئۇن، قارىمۇچ، ئاچچىقسۇ ... Read More »
سامسا
ئۇن بىر كىلوگرام، زىرە مۇۋاپىق، لوق گۆش بىر كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، قۇيرۇق ياغ 175 گرام، قارىمۇچ مۇۋاپىق، پىياز بىر كىلوگرام، سۇ 750 گرام (خېمىرغا 500 گرام، قىيمىغا يېرىم جىڭ سۇ كېتىدۇ). گۆشنى ئۇششاق توغراپ، يېرىم جىڭ ئىلمان سۇ ئارىلاشتۇرۇپ سۇ يېدۈرۈپ، ئۇنى ئۇششاق توغرالغان دۈمبە ياغ، پىياز، سوقۇلغان زىرە، قارىمۇچ، تۇز بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قىيما قىلىنىدۇ. 2. قۇۋۋەتسىز تۇز سۈيىدە ... Read More »
سامبۇسا
سامبۇسا ئۇيغۇر يىمەكلىكلىرىنىڭ ئىچىدە بىر يەرلەرگە تاۋاق قىلىشتا ياكى مېھمانلار ئۇچۇن ئېتىشتا ئەپچىل ۋە مېزىك يىمەكلىك بولۇپ،ئادەتتىكى تۇرمۇشتىمۇ كەڭ ئىستىمال قىلىنىدۇ.ئىچىدىكى قىيمىسىغا قاراپ بىر نەچچە خىلغا بولىنىدۇ،تۆۋەندە گۇرۇچ سامبۇسىسىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن. ماتېرىيال: ئۇن 500 گىرام ، كالىنىڭ ياكى قوينىڭ لوق گۆشىدىن 200 گىرام، كۆك مۇچ بىر تال، پىياز بىر باش،ھوردا پىشۇرۇلغان گۇرۇچ 100 گىرام،سەۋزە 100 گىرام، قارىمۇچ 10 گىرام مۇۋاپىق ... Read More »
زىخ كاۋىپى
خۇرۇچى :قوينىڭ لوق گۆشى ئىككى كىلوگرام، زىرە مۇۋاپىق، قۇيرۇق ياغ 250 گرام، پىياز ئۈچ باش، تۇخۇم تۆت دانە، سوققان لازا مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق. ئېتىش ئۇسۇلى: 1. ياغ بىلەن گۆشنى باش بارماقنىڭ يېرىمىچىلىك چوڭلۇقتا، يېرىم سانتىمېتىر قېلىنلىقتا يالپاقلاپ توغراپ، ئۇنىڭغا تۇخۇمنى چېقىپ، ئۇششاق چانالغان پىيازنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ يېرىم سائەت تۇرغۇزۇپ، ئاندىن تۆمۈر زىخقا تۆت تال گۆش، بىر تال ياغ ئۆتكۈزۈلسە ... Read More »
ﭼﯚﭼﯜﺭﻩ ئىتىش ئۇسۇلى
ﭼﯚﭼﯜﺭﻩ ئىتىش ئۇسۇلى ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﻯ:ﮔﯚﺵ(ﻳﺎﻏﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ،ﻛﺎﻻ،ﻗﻮﻱ ﮔﯚﺷﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﯟﯨﺮﯨﺪﯗ)،ﺑﺎﺵ ﭘﯩﻴﺎﺯ،ﺗﯘﺯ، ﺯﯨﺮﻩ،ﯪﺷﻜﯚﻛﻰ 1.ﭼﯩﯔ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺧﯧﻤﯩﺮ ﻳﯘﻏﯩﺮﯨﻤﯩﺰ،ﯲﺯﯨﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﯜﭼﻪ ﻗﯩﻴﻤﺎ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ. 2.ﮔﯚﺷﻨﻰ ،ﺑﺎﺵ ﭘﯩﻴﺎﺯﻧﻰ ﯰﺷﺸﺎﻕ ﺗﻮﻏﺮﺍﭖ ﻗﯩﻴﻤﺎ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ،ﯪﻧﺪﯨﻦ ﺗﯘﺯ، ﺯﯨﺮﻩ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﯪﺭﯨﻼﺷﺘﯘﺭﯨﻤﯩﺰ. 3.ﺧﯧﻤﯩﺮﻧﻰ ﻧﯘﻏﯘﭺ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯪﺷﺘﺎﺧﺘﯩﻐﺎ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻛﻪﻟﮕﯜﺩﻩﻙ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯘﻣﯩﻼﻕ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ،ﻧﯧﭙﯩﺰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﻳﯩﻤﯩﺰ،ﯪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯘﯞﺍﺩﯨﺮﺍﺕ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﻩ ﻛﯧﺴﯩﭗ ﺟﯩﻠﺘﻪ ﯪﭼﯩﻤﯩﺰ،ﭼﻮﯓ-ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﻜﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻗﯩﺰﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﯪﻟﻘﯩﻨﯩﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻻﺭ( ﭼﻮﯓ-ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﯪﺳﺎﻧﻼ ﺗﻪﯕﺸﯩﯟﺍﻟﯩﺴﯩﺰ،ﻣﻪﻥ ﯲﻟﭽﻪﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻩﻱ ﺩﯦﺴﻪﻡ ﯰﻗﻤﺎﻱ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ). 4.ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻧﻐﺎﻥ ﻗﯩﻴﻤﯩﺪﯨﻦ ... Read More »