ئۆي نېنى ئۇن بەش كىلوگرام، سۇ ئىككى يېرىم كىلوگرام، خېمىرتۇرۇچ 175 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا. 1. ئۇنغا خېمىرتۇرۇچ سېلىپ خېمىر يۇغۇرۇپ، ئىسسىق يۆگەپ ئىككى سائەت قويۇپ بولدۇرغاندىن كېيىن، بىر جىڭلىقتىن زوۋۇلا ئۈزۈپ قوغۇنلاپ تاۋلاپ، گىرۋىكىنى قېلىنراق، ئوتتۇرىسىنى نېپىزراك قىلىپ، كەڭرەك نان ياساپ، ئوتتۇرىسىغا چەككۈچ – تۈكچە چېكىپ ئۈستىگە داستىخان يېپىپ 15 مىنۇت تىندۇرۇلىدۇ. 2. تونۇرنى ئادەتتىكىدەك تەييارلاپ، تۇز سېپىپ تونۇرنىڭ ... Read More »
Category Archives: ئۇيغۇر مەدەنىيىتى
Feed Subscriptionئەتلەس
ئەتلەس ئەتلەس – ئۇيغۇر يېپەكچىلىكىدىكى داڭلىق مەھسۇلات ۋە ئۇيغۇر ئاياللىرى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان يىپەك رەختلەردىن بىرى. شىنجاڭ قەدىمدىن تارتىپ يىپەكچىلىك بىلەن دۇنياغا مەشھۇر بولغان رايۇنلارنىڭ بىرى. بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خوتەن ۋە قەشقەر رايۇنلىرىدا، يىپەكچىلىك بىر قەدەر بۇرۇن تەرەققىي قىلغان . ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۆزلىرىنىڭ ياش قورامىغا قاراپ ئەتلەسنىڭ رەڭگىىنى تاللاپ كىيىشكە ئادەتلەنگەن، قارا ئەتلەس ( دارايى ئەتلەس دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نى كۆپىرەك ... Read More »
ئاش مانتا
ئاش مانتا خۇرۇچى قوينىڭ لوق گۆشى بىر كىلوگرام، قارىمۇچ ئازراق، ئاق ئۇن 500 گرام، ئىلمان سۇ مۇۋاپىق، پىياز 500 گرام، تۇز مۇۋاپىق. ئېتىش ئۇسۇلى 1. خېمىرنى قاتتىق يۇغۇرۇپ، 50 دانە زوۋۇلا ئۈزۈپ، جىلتنى نېپىز قىلىپ ئېچىپ پېتىر مانتا تۈگۈلىدۇ. 2. پولۇنى گۆشلۈك پولۇدەك تەييارلاپ، دەم يېگۈزۈش ۋاقتىدا تۈگۈلگەن مانتىنى پولۇنىڭ ئۈستىگە تىزىپ، پولۇ بىلەن بىللە 25-20 مىنۇت دەملەپ پىشۇرۇلىدۇ. ئالاھىدىلىكى ... Read More »
ئاتۇش چۆپى
ئاتۇش چۆپى خۇرۇچى :سېمىز قوي گۆشى بىر كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، قارىمۇچ ئازراق، پىياز ئىككى باش، زەنجىۋىل ئازراق، سامساق بىر باش، كاۋاۋىچىن ئازراق، سەۋزە ئىككى باش، تۇخۇم ئىككى دانە. ئېتىش ئۇسۇلى: 1. قوي گۆشىنى 140 گرام چوڭلۇقتا توغراپ، سوغۇق سۇغا سېلىپ، زەنجىۋىل، كاۋاۋىچىن بىلەن قوشۇپ پىشۇرۇلىدۇ. گۆش يېرىم پىشقاندا تۇز، سەۋزە سېلىنىدۇ. گۆش ۋە سەۋزە پىشقاندا ... Read More »
ئۈجمە قوۋزىقىدىن خوتەن قەغىزىنىڭ ياسىلىشى
ئۈجمە قوۋزىقى قەغىزى ياساش ئەمگەكچان، ئەقىل-پاراسەتلىك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمىي قول ھۈنەر سەنئىتى بولۇپ، ب د ت پەن-مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن دۇنيا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. ئۈجمە قوۋزىقى يېپىشقاق، تالالىرى پارقىراق، ئىنچىكە بولۇپ، پىششىقلاپ ئىشلەشكە بەكمۇ قولايلىق. خوتەن ئۈجمە قوۋزىقى قەغىزى ياساش- ئۈجمە قوۋزىقىنى سويۇش، سۇغا چىلاپ قويۇش، قازاندا پىشۇرۇپ ئېچىتىش، سۈزۈش، قىلىپقا سېلىش، قۇرۇتۇش، قىلىپتىن سويۇپ ئاجرىتىش ... Read More »
ئۇيغۇر تىبابىتىدە بۆرەكنى ئاسراش تەدبىرلىرى
ئۇيغۇر تىبابىتىدە بۆرەكنى ئاسراش تەدبىرلىرى 1. ھاۋا سوغۇق چاغلاردا قىلىن كېينىش، باش ۋە پۇتنى ئىسسىق ساقلاش, بەلگە سوغۇق ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئامال بار پوتا باغلىۋىلىش. 2. ھايۋانات بۆرىكىنى ئىستىمال قىلىش، كاۋاپ قىلىپ يىسىمۇ بولىدۇ. 3. زەيتۇن يىغى، قوينىڭ كونا دۈمبە يىغى، بۆرەك يىغى ئارقىلىق بەل ساھەسىنى ياغلاپ بىرىش. 4.زىيادە چارچاپ كەتكەندە ئىككى پۇتنى تامغا ئېلىپ بىردەم يىتىش ياكى تۈز ... Read More »
ئۇيغۇرلاردىكى قىزلارنىڭ قۇلىقىنى تېشىش ئادىتى
ئۇيغۇرلاردىكى قىزلارنىڭ قۇلىقىنى تېشىش ئادىتى ئۇيغۇرلاردا قىزلار يەتتە ياشقا كىرگەندە ئۇلارنىڭ قۇلىقىنى تېشىپ ھالقا سېلىپ قويۇش ئادىتى بار بولۇپ، بۇ ئادەت ناھايىتى ئۇزۇن زامانلاردىن بىرى ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلمەكتە. گەرچە بۇ ئادەت ئالاھىدە بىر مۇراسىم شەكلىنى ئالمىغان بولسىمۇ، ئاتا ئانىنىڭ زىممىسىدىكى چوقۇم ئۆتەشكە تېگىشلىك بىر مەسئۇلىيەت سۈپىتىدە قارىلىدۇ. بۇ ئادەتكە ئاتىلار ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىسىمۇ، ئانىلار بىر خىل مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ... Read More »
ئۇيغۇر تائاملىرى ۋە تىزىملىكى
ئۇيغۇر تائاملىرى ۋە تىزىملىكى بىز ھازىر ۋارىسلىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ تۇرلىرىنىڭ كۆپلۈكى ، شەكلىنىڭ خىلمۇ خىللىقى ، ئېتىلىش ھۈنەر سەنئىتىنىڭ ئىنچىكلىگى ، سۈپىتى ۋە قۇۋۋىتىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز . بىزلا ئەمەس ئۇيغۇر تائاملىرى تېتىپ كۆرگەن ھەر قانداق ساياھەتچى ۋە مىللەت بۇ نۇقتىنى ھېس قىلالايدۇ .بۇنداق مول تۇرى كۆپ تائام مەدەنىيىتى دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەردە ئاز كۆرۈنىدۇ . ئۇيغۇر تائاملىرى ... Read More »
ئۇيغۇرلارنىڭ ئوزۇقلىنىش ئادەتلىرى ۋە تائاملىرى
ئوزۇقلىنىش ئادەتلىرى يېمەك – ئىچمەك ئادىتى بىر مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى. ئۇ مەلۇم ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تەرەققىياتىنىڭ مەھسۇلى سۈپىتىدە، كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئەكس ئېتىدۇ. ئۇيغۇر خەلقى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا ئۆزلىرى ياشىغان ئىقلىم شارائىتىغا ۋە ئوزۇقلىنىش ئادىتىگە ئاساسەن، نۇرغۇنلىغان تاماق ئېتىش ھۈنەر – سەنئىتىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان نۇرغۇنلىغان ئەنئەنىۋى تاماقلارنى ئىجاد قىلغان. ئۇيغۇر خەلقى تاماق ئېتىش سەنئىتىگە، تاماقنىڭ تازىلىقىغا ... Read More »