ئۈجمە قوۋزىقى قەغىزى ياساش ئەمگەكچان، ئەقىل-پاراسەتلىك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمىي قول ھۈنەر سەنئىتى بولۇپ، ب د ت پەن-مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن دۇنيا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
ئۈجمە قوۋزىقى يېپىشقاق، تالالىرى پارقىراق، ئىنچىكە بولۇپ، پىششىقلاپ ئىشلەشكە بەكمۇ قولايلىق.
خوتەن ئۈجمە قوۋزىقى قەغىزى ياساش- ئۈجمە قوۋزىقىنى سويۇش، سۇغا چىلاپ قويۇش، قازاندا پىشۇرۇپ ئېچىتىش، سۈزۈش، قىلىپقا سېلىش، قۇرۇتۇش، قىلىپتىن سويۇپ ئاجرىتىش قاتارلىق ئىنچىكە جەريانلار ئارقىلىق قولدا ياسىلىپ چىقىلىدۇ.
ئېسىل ئۈجمە قوۋزىقى سۇس قوڭۇر رەڭدە بولۇپ، ناھايىتى سۈزۈك، تالالىرى ئىنچىكە، ئىنتايىن كىچىك ئارلاشمىلىرى بار، لېكىن ناھايىتى چىداملىق ئەۋرىشىم، ئاسان يىرتىلمايدۇ. قۇرۇت چۈشمەيدۇ. زىيانسىز، سۈمۈرۈشچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، ھۆسىنخەت يېزىش، رەسىم سىزىش، پۇل ئوراش، مەدەنىيەت-سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياساشقا كەڭ ئىشلىتىلىدۇ. كونا كىتاب، رەسىملەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ماشىنا ئارقىلىق ئىشلەنگەن ھازىرقى قەغەزنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
ئۈجمە قوۋزىقى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان پەن-مەدەنىيەت ۋە تارىخىي قىممەتكە ئىگە. خوتەن ئۈجمە قوۋزىقى قەغەزچىلىكى دۇنيا قەغەزچىلىك مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشتىكى مۇھىم كۆزنەك بولۇپ كەلدى.
ئۈجمە قوۋزىقى قەغەزچىلىكى ئۇيغۇرلارنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىغا خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيە پۇرچاقچى يېزا بۇدا كەنتىدىن مەرھۇم توختى باقى تۇردى ھاجى ۋارىسلىق قىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ ھۈنەرگە ئۇنىڭ بالىسى تۇرسۇن باقى ۋە توختى باقى ۋارسلىق قىلىپ داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە ھەمدە دادىسىنىڭ ئىسمىنى ماركا قىلىپ، ئەنگە ئالدۇرۇپ، خوتەن « توختى باقى » ھاجىم قەغەزچىلىك خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قۇرۇپ چىقىپ، يىللىق كىرىمىنى يۈز مىڭ يۈەندىن ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە، 30 دېھقان-چارۋىچى ئائىلىسىگە قەغەز ياساش ھۈنىرىنى ئۆگەتمەكتە.
ئۈجمە قوۋزىقىدىن قەغەز ياساش جەريانى