چاقماق خەۋەر
Home 20 ئۇيغۇر سەنئىتى 20 ئاتۇش باراۋەت مەشرىپى

ئاتۇش باراۋەت مەشرىپى

ئاتۇش باراۋەت مەشرىپى

   باراۋەت مەشىرىپى ئىجاتجان، ئەمگەكچان، ئەقىل-پاراسەتلىك ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۇزاق يىللاردىن داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئەل ئىچى مەشرەپ تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇزاق تارىخقا ئىگە. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە پەقەت ئاتۇشتىلا ساقلىنىپ داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە

«باراۋەت» سۆزى «باراۋەر» ۋە «ئەت» دېگەن ئىككى سۆزدىن تەشكىل تاپقان. «باراۋەر» سۆزى تەڭلىك، باراۋەرلىكنى كۆرسەتسە، «ئەت» بولسا گۆشنى بىلدۈرىدۇ. بۇ (گۆش تەڭ تەقسىم قىلىنىدۇ) دېگەنلىك بولىدۇ.

باراۋەت بىز ھازىر دەپ كېلىۋاتقان كىم ئارتۇق سودىسىنىڭ ئەڭ قەدىمقىسى بولۇپ، قوينىڭ گۆش، بويۇن، بۆرەك، ياغ، تېرە قاتارلىق مۇھىم ئەزالىرى تۆۋرۈككە يەنى كىم ئارتۇق سورۇنىغا قويۇلىدۇ.

باراۋەت مەشرىپى ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور بولغان كاتتا پائالىيەت، ئۇ كىشىلەرنىڭ تەۋەككۈلچىلىكىنى، سېخى مەرتلىكىنى، ساخاۋەتلىكىنى، ئىلىمگە تەشنالىقىنى، ئاۋام ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان، مەرتنى مەيداندا سىنايدىغان كاتتا سورۇندۇر.

 

Comments are closed.

Scroll To Top