ئاقتۇ تاغ مەشرىپى
قارا قۇرۇم تاغلىرى باغرىدا تارىختىن بۇيان ساقلىنىپ ۋە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنىڭ يىغىندىسى بولغان تاغ مەشرىپىنىڭ شەكلى خىلمۇ- خىل، مەزمۇنى مول بولۇپ، باشقا رايونلار، تۈزلەڭلىك يېزىلاردىكى مەشرەپ شەكلىگە ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچىلىكلەرگە ئىگە. ئاقتۇدا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان «ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى»، «توي مەشرىپى» ، «ئوغلاق مەشرىپى» قاتارلىق بارلىق مەشرەپ پائالىيەتلىرى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ «تاغ مەشرىپى» دەپ ئاتىلىدۇ.