چاقماق خەۋەر

ئەتلەس

ئەتلەس

ئەتلەس – ئۇيغۇر يېپەكچىلىكىدىكى داڭلىق مەھسۇلات ۋە ئۇيغۇر ئاياللىرى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان يىپەك رەختلەردىن بىرى.

شىنجاڭ قەدىمدىن تارتىپ يىپەكچىلىك بىلەن دۇنياغا مەشھۇر بولغان رايۇنلارنىڭ بىرى. بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خوتەن ۋە قەشقەر رايۇنلىرىدا، يىپەكچىلىك بىر قەدەر بۇرۇن تەرەققىي قىلغان .

ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۆزلىرىنىڭ ياش قورامىغا قاراپ ئەتلەسنىڭ رەڭگىىنى تاللاپ كىيىشكە ئادەتلەنگەن، قارا ئەتلەس ( دارايى ئەتلەس دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نى كۆپىرەك يېشى چوڭراق ئاياللار، خان ئەتلەس ( ئوچۇق رەڭلىك ئەتلەس)نى قىزلار ۋە چوكانلار، خوجەنە نوسخا دەپ ئاتالغان كۆك، ياكى زەيتۇن ئەتلەسنى ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللار ياخشى كۆرىدۇ .

 

Comments are closed.

Scroll To Top