ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر تىلى دەۋرى
بۇ دەۋر مىلادىيە 10 -، 13 - ئەسىرگىچە بولغان ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ دەۋردە ئۇيغۇرلار ئورخۇن-يېنسەي يېزىقى قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى يېزىقى ۋە ئەرەب يېزىقلىرىنى قوللانغان.
بۇ دەۋردە قارا قۇجۇ ۋە بەشبالىقنى مەركەز قىلغان ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى، قەشقەر ۋە بالاساغۇننى مەركەز قىلغان قاراخانىلار سۇلالىسى مەيدانغا كەلگەن. ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان، قاراخانىلار سۇلالىسى دائىرسىدە ياشىغان ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى بۇددا دىنىغا ئىتىقاد قىلغاچقا، بۇددا دىنىنىڭ تەسىرى مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە، جۈملىدىن ئەدەبىياتقا كەڭ تۈردە سىڭىپ كىرگەن، شۇنىڭ بىلەن سانسكىرىت، توبۇت، خىتاي، تۇخار تىللىرىدىن نۇرغۇن يىرىك ئەسەرلەر قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدا تەرجىمە قىلىنغان ۋە يېزىلغان.بۇنىڭغا « ئالتۇن يارۇق»،« چاشتانى ئىلىك بەگ »، « ئوغۇزنامە»، « ئىككى تېكىننىڭ ھېكايىسى»، « شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى» قاتارلىق ئەسەرلەر ۋەكىل بولالايدۇ.
10 - ئەسىردىن باشلاپ، قاراخانىلار سۇلالىسى ئۇيغۇرلىرى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئۇزۇن ئوتمەي ئەرەب يېزىقىنىمۇ قوبۇل قىلغان، شۇنىڭ بىلەن قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى تەدرىجى ئەمەلدىن قالغان، مۇشۇ دەۋردە ئۇيغۇرلار ئىچىدە مەشھۇر مۇتەپەككۈرلار، پەيلاسوپلار، ئەدىب، شائىرلار يېتىشىپ چىققان. مەھمۇت قەشقەرى ۋە ئۇنىڭ « تۈركىي تىللار دىۋانى»، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئۇنىڭ « قۇتادغۇ بىلىك» ئەسىرى ئەنە شۇ دەۋردە دۇنياغا كەلگەن. 13 - ئەسىردە ئۆتكەن ئۇيغۇر شائىرى ئەھمەد يۈكنەكى ئۆزىنىڭ « ئەتەبەتۇلھەقايىق»(ھەقىقەتلەر بوسۇغۇسى) داستانى بىلەن مەشھۇر. « ئەتەبەتۇلھەقايىق» نىڭ تىلىنى ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەنئەنىلىرىگە ۋارىسلىق قىلغان، « چاغىتاي تىلى» دەۋرىگە ئۆتۇش ئارىلىقىدىكى بوسۇغا دېيىشكە بولىدۇ.
دېمەك،ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر تىلى دەۋرىدە ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان.