ئورخۇن ئۇيغۇر قالغانلىقى
( مىلادى 744-847-يىللىرى )
ئورخۇن ئۇيغۇر قالغانلىقى ئۇزاق ئەسىرلىك ئۇيغۇر تارىخىنىڭ يارقىن سەھىپىسى شۇنىڭدەك ياۋرو-ئاسىيا ئوتتۇرا ئەسىرلەر دۆلەتچىلىك تارىخىدىكى مۇھىم سەھىپە.
ئورخۇن ئۇيغۇر قالغانلىقى ياۋرو-ئاسىيا يايلاق ۋە ئولتۇراق رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئولتۇراق ھاياتتىكى مەدەنىيەت بىلەن چارۋىچىلىق ھاياتتىكى مەدەنىيەتلەرنى بىرلەشتۈرگەن شۇنىڭدەك يايلاق دۆلەتلىرى تارىخىدا تۇنجى قېتىم دۆلەت دىنى بېكىتىپ، شەھەر مەدەنىيىتىنى يايلاق خەلقلىرى ئارىسىغا ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچقان ھاكىمىيەتتۇر.
ئورخۇن ئۇيغۇر قالغانلىقى ئۆز مەۋجۇتلۇق تارىخىدا تۆت باسقۇچنى بېسىپ ئۆتكەن؛
بىرىنچى. قۇرۇلۇش ۋە قۇدرەتلىنىشكە يۈزلىنىش باسقۇچى(742-756) .
مىلادى 742-يىلى، ئۇيغۇر، قارلۇق ۋە باسمىل قەبىلىلىرى بىرلىكتە كۆكتۈركلەر ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئىسيان كۆتۈردى.744-يىلى، باسمىللار كۆك تۈركلەرنىڭ مەركىزى ئۆتۈكەننى ئىگىلىدى. ئۇيغۇرلار بىلەن قارلۇقلار بىرلىشىپ، باسمىللارنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇيغۇرلار ھاكىمىيەتنى ئىگىلىدى. كېلىشىم بويىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ياغلاقار قەبىلىسىنى يادرو قىلغان ئۇيغۇرلار قاغانلىق ھوقۇقىنى ، قارلۇقلار يابغۇلۇق سالاھىيىتىگە ئېرىشىپ، ھاكىمىيەت رەھبەرلىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قولىغا ئۆتتى. ئۇيغۇر ئورخۇن قاغانلىقىنىڭ بىرىنچى قاغانى قۇللۇغ بويلا بولۇپ، ئۇ قۇتلۇق كۈل بىلگە قاغان ئۇنۋانى بىلەن تەختكە ئولتۇرۇپ، ئەتراپتىكى قەبىلىلەرنى بويسۇندۇرۇشقا كىرىشتى. ئۇ، مىلادى 747-يىلى ئۆلگەندىن كېين، ئۇنىڭ كىچىك ئوغلى بايانچۇر ( ياكى مويۇنچۇر دەپمۇ ئاتىلىدۇ) تەختكە ۋارىسلىق قىلدى. ئۇنىڭ نامى ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان دەپ ئاتالدى.
بايانچۇر قاغان ئوردۇ بالىق شەھىرى قاتارلىق شەھەرلەرنى سالدۇردى ۋە تۆت ئەتراپقا تېز سۈرئەتتە كېڭىيىپ، ھەتتا جەنۇبىي سىبىرىيە، ئالتاي ھەتتا ھازىرقى تۇۋا رايونلىرىغىچە ئۆز تەۋەلىكىگە كىرگۈزدى.
ئىككىنچى. ئالتۇن دەۋرى ( 756- 795)
بايانچۇر ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقىت ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ قۇدرەتلىنىش دەۋرىنىڭ باشلىنىشىدۇر.
بايانچۇر قاغان دەۋرىدە ئۇيغۇر قالغانلىقى كۈچەيدى ھەمدە 756-يىلى، تاڭ سۇلالىسىنىڭ تەلىپى بويىچە قوشۇن ئەۋەتىپ ئۆڭلۈك –سۆيگۈن قوزغىلىڭىنى باستۇردى. مانا بۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇر قاغانلىقى شىمالىي ۋە شەرقى ئاسىيا رايونىدا قۇدرەتلىك كۈچ سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىپ، تېخىمۇ كۈچىيىشكە يۈزلەندى. 759-يىلى بايانچۇر ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى تەڭرى بۆگۈ قاغان تەختكە چىقتى ۋە 763-يىلى، ئۆڭلۈك-سۆيگۈن توپىلىڭىنى تىنجىتىپ تاڭ سۇلالىسىنى ساقلاپ قېلىش بەدىلىگە ئۇنى سىياسىي، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۆزىگە قارام ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى. ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى كۈچىيىپ، مىلادى 779-يىلىغا كەلگەندە شەرقىي ۋە شىمالىي ئاسىيا رايونىدىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلىنىپ، ھەتتا بوگۈ قاغان تاڭ سۇلالىسىغا ھەربىي ھۇجۇم قوزغاپ، ئۇنى پۈتۈنلەي بېسىۋېلىپ، زېمىنىنى تېخىمۇ كېڭەيتمەكچى بولدى، مانا شۇ ۋاقىتتا تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئىچكى جەھەتتىن ماسلىشىسى بىلەن تۈنباغا تارقان باشچىلىقىدىكى تاڭ بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا قارشى پىكىردىكىلەر ئىسيان كۆتۈرۈپ، قاغاننى ئۆلتۈرۈپ، ھاكىمىيەتنى قولىغا ئېلىپ، تاڭ سۇلالىسىغا ھۇجۇم قىلماسلىق، ئەمما ئۇنى يىپەك قاتارلىق ماددى بۇيۇملار جەھەتتە تۆلەم تۆلەش، سودا جەھەتتە ئۇيغۇر قالغانلىقىغا پايدا كەلتۈرۈش سىياسىتى قوللاندى. بۇ گۇرۇپپا ھەم مانىخەي دىنىغا ۋە ھاكىمىيەتكە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان سوغدىلارغا قارشى ئىدى.
لېكىن، مەزكۇر ئوردا ئۆزگىرىشى قاغانلىقنىڭ ئاجىزلىشىشى ئۈچۈن ئاساس سالدى. 789-يىلى، تىبەتلەر خېلى كۆپ زېمىنلارنى بېسىۋالدى ھەمدە تىبەتلەر تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئىتتىپاق تۈزدى. شۇنىڭدىن كېيىن تىبەتلەر بىلەن بولغان ئۇرۇشلار كۈچەيدى، ئەمما 795-يىلىغا كەلگەندە بەرىبىر ئۇيغۇر قالغانلىقى يەنىلا كۈچلۈك ھالىتىنى ساقلىغان بولسىمۇ ، ئەمما 779-يىلىدىن ئىلگىرىكى قۇدرىتىگە قايتالمىدى.
ئۈچىنچى. ئىچكى ماجرا ۋە خاراپ بولۇش باسقۇچى (795- 840)
مىلادى 795-يىلى، ئوردا ئۆزگىرىشى يۈز بېرىپ، ئەدىز قەبىلىسى ھاكىمىيەتنى ئىگىلىدى. نەتىجىدە، بۇرۇنقى ياغلاقار قەبىلىسىنىڭ ھاكىمىيىتى ئاخىرلىشىپ ھاكىمىيەت ئەدىزلەرنىڭ قولىغا ئۆتتى. بۇ ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ ئاجىزلىشىشى ۋە ئىچكى جەھەتتە ياغلاقارلار بىلە ئەدىزلەر ئارىسىدىكى زىددىيەتلەرنىڭ ئۆتكۈرلىشىشىگە يول ئاچتى. گەرچە ئەدىز قەبىلىسى داۋاملىق تىبەتلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ، ھەتتا قوشۇنلىرى ئوتتۇرا ئاسىياغىچە يەتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىچكى جەھەتتىن ئاجىزلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى. 808-يىلىدىن كېيىن تاكى 840-يىلىچىئە بولغان ئارىلىقتا بىر قانچە خان ئالماشتى. مىلادي 821-24-يىللىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر قوشۇنلىرى پەرغانە ۋادىسى ۋە ئىسسىق كۆل بويلىرىغىچە يېتىپ باردى ھەمدە تىبەتلەرنىڭ ئىگىلىۋالغان جايلىرىدىن قوغلاپ چىقاردى. ئەممما، ئوردا ئىچىدىكى زىددىيەتلەر ۋە قاغانلىق ھاكىمىيىتىنىڭ قولدىن قولغا ئۆتۈپ تۇرۇشى بەرىبىر ئاجىزلىشىش ئېلىپ كەلدى. مانا شۇ چاغدا قىرغىزلار ئىچكى ماجرادىن پايدلىنىپ، كۈچىيىشكە يۈزلەندى ھەمدە 840-يىلى،ئوردۇبالىققا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇيغۇر قالغانلىقىنى ئاغدۇردى. نەتىجىدە ئوردۇباقلىق ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى تەرەپ-تەرپكە قېچىشقا مەجبۇر بولدى.
تۆتىنچى . قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ۋە پۈتۈنلەي يوقىلىش (840-847)
840-يىلى، ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ مەركىزى ئوردۇبالىق قىرغىزلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، ئاساسلىق 15 قەبىلە غەرب تەرەپكە، 13 قەبىلە جەنۇپ تەرەپكە ، يەنە بىر چوڭ تارماق گەنسۇدىكى چوغاي تاغلىرى رايونىغا كېتىپ پاناھلاندى. ياغلاقار قەبىلىسىدىن كېلىپ چىققان ئۆگە تېكىن باشچىلىقىدىكى خان جەمەتى قەبىلىسى ئۆگە تېكىننى قاغان سايلاپ، جەنۇپ تەرەپكە يۈرۈپ، تاڭ سۇلالىسىدىن ھەبرىي ياردەم ئېلىش ۋە تاڭنىڭ تۆلەشكە تېگىشلىك قەرزلىرىنىڭ بەدىلىگە ئوزۇق-تۈلۈك ، قورال-ياراق قاتارلىق ئەشيا لارغا ئېرىشىش ئۈچۈن تاڭ چېگرىسىغا يېتىپ كېلىپ، تاڭغا مۇراجەت قىلغان بولسىمۇ، بىراق تاڭ سۇلالىسى ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش ئەمەس، بەلكى ھۇجۇم قىلىپ، ھەم قىرغىز قاغانلىقى بىلەن بىرلىشىپ، مەزكۇر گۇرۇپپىنى يوقىتىشقا ھەرىكەت قىلدى. تەخمىنەن 5 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت جان تالاشقان ئۆگە قاغان ئاخىرى 846-يىلى، جەڭدە ئۆلدى . ئۇنىڭ ۋارىسى سۈپىتىدە ئىنيان تېكىن قاغان بولۇپ، تاكى ئاخىرىغىچە ئېلىشىپ 847-يىلى ئائىلىسى ۋە 9 ئادىمى بىئەن قىرغىز قوشۇنلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن قېچىپ قۇتۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئاخىرقى تەقدىرى نامەلۇم. مانا شۇ 847-يىلى، ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرى ئۈزۈل -كېسىل-يوقالغان يىلىدۇر.
ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ ئۈزۈل-كېسىل يوقىلىشىدا قىرغىز قالغانلىقى بىۋاسىتە رول ئوينىدى، تاڭ سۇلالىسى ئوردۇنىڭ ئىچكى جەھەتتىكى زىددىيەتلىرىدە رول ئوينىدى ھەمدە ئۆگە قاغان باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، ياردەم بەرمىدى.
ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ 100 يىللىق تارىخىدا جەمىئى15 قاغان ئۆتكەن .
ئورخۇن ئۇيغۇر قالغانلىرىنىڭ ئىسىملىرى ، تەخت ئۇنۋانلىرى ۋە ھۆكۈم سۈرگەن يىللىرى تۆۋەندىكىچە:
1. 744–747 قۇتلۇغ بىلگە كۈل قاغان
2. 747–759 ئەل-ئەتمىش بىلگە قاغان
3. 759–779 قۇتلۇغ تارقان سەڭۈن ياكى تەڭرى بۆگۈ قاغان
4. 779–789 ئالپ قۇتلۇغ بىلگە قاغان . ياكى تۇن باغا تارقان.
5. 789–790 ئاي تەڭرىدە بۇلمïش كۈلۈگ بىلگە قاغان
6. 790–795 قۇتلۇغ بىلگە قاغان.
7. 795–808 ئاي تەڭرىدە ئۈلۈگ بۇلمïش ئالپ قۇتلۇغ ئۇلۇغ بىلگە قاغان. ياكى قۇتلۇق.
8. 805–808 ئائى تەڭرىدە قۇت بۇلمïش كۈلۈگ بىلگە قائاغان
9. 808–821 ئاي تەڭرىدە قۇت بۇلمïش كۈلۈگ بىلگە .
10. 821–824 كۈن تەڭرىدە ئۈلۈگ بۇلمïش ئالپ كۈچلۈگ بىلگە قاغان
11. 824–832 ئاي تەڭرىدە قۇت بۇلمïش ئالپ بىلگە ياكى قاسار
12. 832–839 ئائى تەڭرىدە قۇت بۇلمïش ئالپ كۈلۈگ بىلگە قاغان.
13. 839–840 كۈرەبىر قاغان.
14. 841–847 ئۆگە، قاغان.
15. 847-. ئىنيان تېكىن قاغان.