چاقماق خەۋەر
Home 20 ئۇيغۇر مەدەنىيىتى 20 ئۇيغۇرلارنىڭ باش كىيىم-مەدەنيىتى

ئۇيغۇرلارنىڭ باش كىيىم-مەدەنيىتى

ئۇيغۇرلارنىڭ باش كىيىم-مەدەنيىتى
نۇربىيەم قۇدىرەت
دۆلىتىمىز 56مىللەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ،56 مىللەت 56گۈلگە ئوخشايدۇ. 56گۈل 56خىل رەڭدە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلكى بار. ئۇلارنىڭ ھەممىسنىڭ مەدەنيتى كۆپ خىل بولۇپ ئۆزىگە خاس مەدەنيەت ياراتقان.
بۇ گۈلنىڭ پۇراقلىق ياكى پۇراقسىز بولۇشى ، شۇ مىللەتنىڭ ئۆزنى تونۇشى ،قەدىرلىشى،ئۆز مىللىتىنى سۆيۈش –سۆيمەسلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. نەزەر سالىغىن دۇنيا خەلىقلىرى ئەڭ كاتتا مۇنبەرلەردە قەددىنى جاھان كۆردىغان جايلاردا ،ئۆزنىڭ مۇبارەك كۈنلىرىدە مىللى تىلى ، مىللى كىيىملىرى ۋە مىللى مەدەنىي مىراسى نامايىش قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقۋاتىدۇ.بۇ ئۇلارنىڭ «مىنىڭ نەسل-نەسەبىم ،زاتىم .تارىخىم ئىنىق» دىگىندۇر.مىللى غورۇر دىگەن شۇ،بالىجان.①ئەگەر ھەر بىر مىللەت ئۆز مىللىتنى سۆيمىسە ،ئۆز –ئۆزىنى قەدىرلىمىسە ئۇ مىللەتتىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ.ئۆزىنى تونۇش،ئۆزىنى سۆيۈش ۋە شۇ مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىلەن مۇناسۋەتلىك.شۇڭا ھەر بىر پۇقرا ئۆز مىللىتىنى سۆيۈش ۋە ئۆز مەدەنيەت مىراسلىرىنى قوغداش مەجبۇرىيتى بار.ئۆز مىللىتى قىياپىتدە كۆرۇنۈش،بۇنىڭغا ئوخشاش كىينىشتىن ئايرىلغان پەرزەنتىنىڭ ئىسمى-خىيانەت!ىبۇ ئۆز ئاتسنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ «سىز مەن ئۈچۈن ھىچكىم ئەمەسسز.»دىيىش بىلەن تەڭ.②جۈملىدىن ئۇيغۇر مىللىتىمۇ مىللى مەدەنيەتىنى سۆيۈش ،تەرەققى قىلىدۇرۇش مەجبۇرىيتى بار.تارىخى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا تۈركىي خەلىقنىڭ كىيىم-كىچەكلىرى ئاساسلىق توردىن بۆك،پەرىجە،ئۆتۈك…دىيشكە بولىدۇ.
بۆك.مەھمۇد قەشقەرى Ⅺ-ئەسىردىكى كىيىم –كىچەك تۈرلىرى ھەققىدە بۆكنى تىلغا ئالىدۇ.بۇنىڭغا قارىغاندا تۈركى خەلقلەر بۆككە ئالاھىدە ئەھىمىيەت بىرەتتى.بەزى بۆكلەر ئۇزۇن بولاتتى.ئۇزۇن بۆكلەرنى «سۇقارلاچ بۆرك» دەپ ئاتايتىتى.سالچۇ قىيلار سۇلتانى ئالىپ ئارسلاننىڭ بۆكى ئۇزۇن ئىكەنلىكى مەلۇم.يەنە بىرى مەھمۇد قەشقەرى ئالدى ئارقسىدا قايرىمىسى بار قالپاق «قوتۇرما بۆرك» دىيلىدىغانلىقىنى ئىيتىدۇ.
مەھمۇد قەشقەرى «قىيلى بۆرك» ۋە بۆكنى جىيەكلەش ھەققىدە يازغانغا قارىغاندا ئۇلار سىرتقا قارىغان جىيەكلەردىن باشقا ئىككى قاناتلىق بۆكلەرنى ۋە جىيەكسىز بۆكلەرنى كىيدىغانلىقى مەلۇم.تۇركىي خەلىقلەر بۆك ۋە باش كىيملىرىنى «كىمسەن» دەپ ئاتىلدىغان ئالتۇن قاداقلار بىلەن زىننەتلەيتتى.
بۆككە ئالاھىدە ئەھىمىيەت بىرىدىغان تۈركىي خەلقلەر بۆكنىڭ چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن «ساقالدۇرۇق»دەپ ئاتىلدىغان يىپەكتىن توقۇلغان بوغقۇش بىلەن ئىڭەكتىن باغلاپ قويىدۇ.③
دىمەك ئۇيغۇر كىيىم –كىچەك سەنئىتى ئىچىدە باش كىيمنى قانداق تىكىش،گۈل-نۇسخا ،نەقىش ،رەڭ سىزىقلار ئارقىلىق نىملەرنى ئىپادە قىلىش، قانداق كىيىش دىگەن ئۆزىگە خاس كۆز قاراش مەۋجۇت.ئۇنىڭغا خەلقىمىزنىڭ ئەقىل-پارسەت،ئىددىيلىرى چوڭقۇر سىڭگەن.
بەزىلەر باش كىيمنىڭ شۇ مىللەتنىڭ ئىددىيسى سىڭگەن بولىدۇ دەپ قارايدۇ.ئەلۋەتتە بۇ نوقتىئىنەزەر توغرا بولۇشى مۇمكىن.ئۇيغۇر دوپپىلرىغا نەزەر سالساق چوڭقۇر مەنالار سىڭگەن بولىدۇ.مانا ئۇزۇندىن بۇيان كىشلەر ئىڭدا ئەكس ئەتكەن «ئۇيغۇر مىللىتى-قالاق مىللەت» دىگەن سۆزگە رەدىيە بەرگەنلىكىنى كۆرگىلى  بولماسمۇ؟ ناۋادا ئۇيغۇر مىللىتى قالاق مىللەت بولسا ئۇلار قانداقسىگە شۇنچە ئۇلۇغ مەدەنيەتنى ياراتقان بولىدۇ؟ كىشلەر بۇنىڭدىن گۇمانلانماسمۇ؟ ئۇيغۇر دوپپىلىرى ھەرگىزمۇ باشقا مىللەتكە ۋەكىل بولالمايدۇ.ئۇ ئۇيغۇر مىللىتگە خاس .بۇنى ھازىرىغىچە ھىچكىم ئۇيغۇر مىللىتنىڭ باش كىيمى ئەمەس دەپ ماقالە يازغان ياكى سۆزلىگەن ئەمەس.
مەن سىلەرگە ھەققى بولغان بىر ئىشنى سۆزلەپ بىرەي:
مەن جاپا –مۇشەققەتتە خەنزۇ تىلى ،ئىنگىلىز تىلنى بىرلەشتۇرۇپ ئۈگۈنۈپ   خىلى سەۋىيگە يىتىدۇ، ئۇ قىز ئەنگىلىلىك بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ، ئۇلار دائىم ئالاقە قىلىدۇ، بىر كۈنى ئەنگىلىك قىز: ـ بىلسەم سىز مۇشۇ يەردىكى يەرلىك مىللەت قىز ئىكەنسىز. مەن مۇشۇنداق ئىكەنلىكىمنى تۈنۈگۈن ئۇقتۇم، ـ دىدى.
مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇر قىزى ئىكەنلىكىمنى، ئائىلە كىلىپ چىقىشىمنى ….ئىيتىپ بەردىم.
ـ مەن سىلەرنىڭ تارىخىڭلاردىن، مەدىنيىتىڭلاردىن خەۋەردار دىدى ئۇ مۇلايىملىق بىلەن مەن دۆلىتىمىزدىكى چىغىمدا بىر تۈرۈكلۈكنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنيەت تارىخى ئىنىق سۆزلەنگەن.مەن مۇشۇ قىزىقشمىنىڭ تۇرتكىسى بىلەن بۇ مىللەتنىڭ ھازىرىقى ھالى قانداقتۇ دەپ ھىس قىلاتتىم.ئەمما كۆرگىنىم كىيم –كىچەك ۋە مەدەنيەتتە ناھايتى تىز سۈرئەتتە ياۋرپالاشقان ئۆز مىللى خارەكتىرىنى ۋە خۇسۇسيىتىنى يوقۇتۇپ قويغان مىللى مەدىنيەتنى قەدىرلىمەيدىغان مىللەت بولدى.
مۇشۇ تەرىقىدە يىرىم يىل ئۆتكەندە مۇشۇ تىمىدا سۆزلىشىپ قالدۇق، ئۇنىڭ بىلەن ئەركىن پىكىرلىشەلەيدىغان بولدۇم ئۇ مەندىن : ـ ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ يارىشىملىق كىيمى قايسى؟ ـ دەپ سورىدى.
ـ ئەتلەس كۆڭلەك ـ دەپ جاۋاپ بەردىم.
ـ باش كىيملىرىدىنچۇ؟
ـ گىلەم دوپپا!
ـ ئەمىسە….سىز بىر ئۇيغۇر قىزى تۇرۇقلۇق نىمىشقا شۇ كىيملەرنى كىيمەيسىز! دىدى ئۇ.④
توغرا. نىمە ئۈچۈن ئىسل باش كىيىملىرىمىز تۇرۇپ بويون قىسىپ قالىدۇ؟ باشقا دۆلەتتىكى كىشلەر بىزنىڭ مىللى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىزنى ماتىرىياللاردىن كۆرۈپ، ھال ئەھۋالىمىزدىن خەۋەر تاپىدۇ؟ بىزچۇ؟ تارىخى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ئەر-ئاياللار سىرتقا چىققاندا گۈللۈك دوپپا كىيدۇ.قىشتا كۆپىنچىسى تۇماق كىيدۇ.چېكىلىكى يوق گىرۋەكىلىك تۇماق مىللى تۈسكە ئىگە.جەنۇبى شىنجاڭدا ئاياللار سىرتقا چىققاندا بىشىغا دوپپا كىيدۇ.⑤ بىراق ھازىر چىرايلىق ئەتلەس كۆڭلەك،گىلەم دوپپلىرىمىزنى تازلىق ئىشچىلىرى ئەخلەتنى سۈپۈرۈپ تاشلىغاندەك غايىپ بولۇپ كەتتى. مۇزىيخاندىكى تارىخى بۇيۇمغا ئايلىنىپ قالدى، ھىيت-بايراملاردا تىلىېۋىزور ئىكرانىدا دىكتۇرلار، سەنئەتچىلەر ئۇچىسدا كۆرىدىغان بولدۇق. باشقا جايلاردا كۆرۇش نىسبىتى بەكلا تۆۋەن ياكى يوق دىيەرلىك .ياشقا چوڭراقلىرىنىڭ دوپپا ئەستىېرى قارا،قىزىل رەڭدە بولىدۇ؟بىراق كۆپىنچىلىرنىڭ ئەسىتىرى قىزىل بولىدۇ. نىمە ئۈچۈن كۆپىنچە دوپپا ئەستىرى قىزىل رەڭدە بولىدۇ؟ مانا بۇ مەسىلە ھەر بىر ئىنسان ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلە.
بىزنىڭ باش كىيىم مەدەنيىتىمىزنىڭ تۈرلىرى 200خىلدىن ئاشىدۇ.بۇلار قىسقىچە بۆك ،چىمەن دوپپا ،بادام دوپپا،زەر دوپپا،گىلەم دوپپا،كىچىك تەلپەك …قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ.ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس مەناسى بار.
چىمەن دوپپا كۆكلەم (ھاياتلىق) سىموۋول قلىنغان بولۇپ بۇ ھاياتنىڭ كۆكلەۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بىز دوپپىدىن ئوتتۇرغا چىققان دەرەخ غولىدەك پو رەڭلىك بىر شەكىل بار. ئۇنىڭدىن ئۇزۇن شاخلار چىقىپ تۇرىدۇ.
بادام دوپپا گىزەك تەرىپىدە كۆۋرۈك شەكىلدە گۈل نۇسخىسى بار، بۇ نىمە ؟ بۇ گىزەكىتكى گۈل نۇسخىسى ھەر خىل بولىدۇ.بەزىدە بادام شەكلى چۈشۈرۇلىدۇ.بەزىسى دۆڭلۈك شەكىلدە كەلسە،بەزىسى كۆۋرۇك شەكلىدە كىلىدۇ.بۇنىڭ سەۋەبى نىمە؟ نىمە دىمەكچى؟ مانا بۇ ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلە.
كىچىك تەلپەك-كىرىيە ئاياللىرىنىڭ ئەنئەنىۋى باش كىيمى بولۇپ ،ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ كىچىك باش كىيم دىگەن نام دۇنيا جىنىس رىكورتىنى قامۇسقا كىرگۈزۇلگەن.كىچىك تەلپەك چوقۇم ئاق ياغلىق ئۈستگە كىيدۇ.
ئايال 30-40ياشقا كىرگەندە جۇۋان تويى ئۆتكۈزۈلىدۇ.قىزنىڭ ئاتا-ئانسى قىزىغا كىچىك تەلپەك ،پەرىجە،ئاق ياغلى…قاتارلىق كىيىم سوۋغا قىلىندۇ.مانا شۇندىن باشلاپ ئاياللار ئاق ياغلىق ،كىچىك تەلپەك كىيدۇ.بۇ قىرانلىق دەۋىرىگە كىرگەنلىكنىڭ بەلگىسى.
ئۆلۈم يتىم بولغاندا پەرىجە كىيىپ ئاق ياغلىق ئارتىپ ياغلىقنىڭ ئۇچىنى پەرىجەنىڭ ئىچىگە تىقىدۇ.ئۈستىگە كىچىك تەلپەك كىيدۇ.⑥
بىزنىڭ شۇنداق ئىسىل باش كىيىملىرىمىز تۇرۇپ  نىمىشقا كىيلمەيدۇ، مىنىڭچە تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلىغىلى بولۇشى مومكىن.
1) دوپپا كەيسەك بىزنىڭ ئۇيغۇر دەپ قالاق مىللەت دەپ ئاتىلپ مەسخىرە قىلىش ئوبىكتىغا ئايلىنىپ قىلىشمىز مومكىن.
2)تەتقىق قىلدىغانلارغا مودىل بولۇپ ئۇلارنى تەتقىق قىلدىغان نەرسىگە ئىگە قىلىمىزمۇ؟
3)دوپپىچىلىق بىلەن شۇغۇللىندىغانلار ئۈچۈن سودىسىنى ياخشى قىلىپ بىرىمىزمۇ؟
بىز باش كىيىملىرىمىزنى تاپايلى. ئۇلار «قاراڭغۇ دۇنيادىن» بوشتىلىپ پارلاپ نۇر چاچسۇن!
شەخىس نۇقتىسىدىن ئىيتقاندا ئۆزىنىڭ خاھىشىدىكى ئىش.ئەمما ئەڭ چوڭ تۈپ مىللەت نۇقتىسىدىن ئىتقاندا بەلگىلىك مەسئۇليەت مەجبۇرىيەت تۇيغۇسى بىلەن مۇئامىلە قىلدىغان مەسىلە.

①②تۇرسۇنئاي سادىقۇۋا نىڭ «قىزلارغا ئاتالغان نەق گەپلەر» 2009-يىل2-ئاي 1-نەشىرى
③رېشات گەنچ(تۇركىيە) «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىن 11-ئەسىردىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىجتىمائى مەدەنيەتكە نەزەر 2010-يىل 12-ئاي 1-نەشىرى مىللەتلەر نەشىرىياتى .
④مەرزىيە تۇرسۇن «قىزلار ئەڭگۈشتىرى» 2004-يىل 11-ئاي نەشىرى 109-بەت.
⑤«ئۇيغۇر قىسقىچە تارىخى» 2008-يىلى 3-ئاي 2-بىسىلىشى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى
⑥«خۇيمۇ ئۇز خوتەن» 2010-يىل 12-ئاي 1-نەشىرى،شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت فوتۇ-سۈرەت نەشىرىياتى

Comments are closed.

Scroll To Top