چاقماق خەۋەر
Home 20 ئۇيغۇر مەدەنىيىتى 20 ئۈچەي كاۋىپى

ئۈچەي كاۋىپى

ئۈچەي كاۋىپى
قوينىڭ ئۈچىيى بىر دانە، لازا مۇۋاپىق، شولتا 250 گرام، سوققان زەنجىۋىل ئازراق، سۇڭپىياز ئىككى تال، ئاچچىقسۇ مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، پۇرچاق ئۇنى مۇۋاپىق، زىرە ئازراق.

1. قوينىڭ ئۈچىيىنى ئۆرۈپ تازىلاش ئۇسۇلى بويىچە تازىلاپ، 50-60 گرادۇس ئىسسىقلىقتىكى شولتا سۈيىگە 5.1-2 سائەت چىلاپ كۆپتۈرۈپ، ئىلمان سۇدا بىر قېتىم، سوغۇق سۇدا بىر قېتىم چايقاپ يۇيۇپ بولۇپ، ئۈچ سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا توغراپ، ئۇششاق چانالغان سۇڭپىياز، زەنجىۋىل، ئاچچىقسۇ چىلانغان پۇرچاق ئۇنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ قويۇلىدۇ.
2. ھەربىر زىخقا 5-6 تالدىن ئۈچەينى ئۆتكۈزۈپ كاۋاپدانغا تىزىپ، ئۈستىدىن تۇز، لازا، زىرە سېپىپ ئۆرۈپ، يەنە دورا – دەرمەك سېپىپ ھەر ئىككى تەرىپىنى تەكشى پىشۇرۇلىدۇ.

 

مەنبە: ئۇيغۇرتائاملىرى

Comments are closed.

Scroll To Top