لەغمەن
ئاق ئۇن ئىككى كىلوگرام، پىنتوزا ئازراق، گۆش 500 گرام، ئاچچىقسۇ ئازراق، سۇ يېغى 140 گرام، زەنجىۋىل سۈيى مۇۋاپىق، بەسەي 140 گرام، كاۋاۋىچىن سۈيى مۇۋاپىق
، سامساق تۆت چىش، سۇڭپىياز بىر تال، پەمىدۇر ئىككى تال، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.
تۇزنى كەمرەك قىلىپ، بوش خېمىر يۇغۇرۇپ، پورەك چىققىچە ئىشلەپ، يېرىم سائەت تىندۇرغاندىن كېيىن تۇز بېرىپ يەنە ئىشلەپ، پۈتۈن خېمىرنى ئىككى بۆلەككە بۆلۈپ، ھەر بىر بۆلەكنى ئايرىم – ئايرىم بىر قېتىم ئوڭ، بىر قېتىم تەتۈر ئېشىپ، توم – ئىنچىكىلىكى بىردەك تەكشى ھالغا كەلگەندە ئاشتاختىغا قويۇپ، ئۈستىگە قۇرغۇن سېپىپ، ئىككى بېشىدىن تۇتۇپ يەنە سوزۇپ، بىر غۇلاچ بولغاندا ئوتتۇرىدىن قاتلاپ سوزۇپ، چىغدەك ئىنچىكە سوزۇلغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، ئىككى بېشىدىكى توم خېمىرنى كېسىۋېتىپ، ئىنچىكە سوزۇلغان قىسمىنى قايناۋاتقان سۇغا سېلىپ بەش مىنۇت قاينىتىپ، پىشقاندىن كېيىن سوزۇپ ئېلىپ، سوغۇق سۇدا بىر قېتىم چايقاپ ئالسا بولىدۇ.
2. باغلام ئاشنىڭ سېيى پىلتە لەڭمەننىڭ سېيىدەك قورۇلىدۇ. سەينىڭ سۈيى كۆپرەك بولۇشى كېرەك؛ چۈنكى پىنتوزا سەينىڭ سۈيىنى تارتىپ كېتىدۇ.
مەنبە: ئۇيغۇرتائاملىرى