بولاق مانتا
خۇرۇچى :
ئاق ئۇن بىر كىلوگرام ، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا ، لوق قۇي گۇشى بىر كىلوگرام ، ئىلمان سۇ 300 مىللىمىتىر ، پىياز 500 گىرام ، سوققان زىرە مۇۋاپىق مىقداردا ، كاۋاۋىچىن مۇۋاپىق مىقداردا ، شولتا ئازراق .
ئىتىش ئۇسۇلى :
1 . ئۇنغا تۇز ۋە خىمىر تۇرۇچ سىلىپ ، تۇزى كەمرەك خىمىر يۇغۇرۇپ ، ئىسسىق جايدا يۇگەپ 1-2 سائەت بۇلدۇرلىدۇ .
2 . گۇشنى ئۇششاق توغراپ ، ئىلمان سۇ سىپىپ ، تۇز ، ئۇششاق تۇغرالغان پىياز ۋە سوققان كاۋاۋىچىن ، زىرىنى سىلىپ ئارلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىندۇ .
3 . بولدۇرغان خىمىرغا شۇلتا سۇيى بىرىپ ئىشلەپ ، 20 دانە زوۋلا ئوزۇپ ، قۇل بىلەن بىسىپ قىلىنراق جىلىت ئىچىپ ، ئىچىگە قىيما سىلىپ مانتا تۇگۇپ ، قاسقانغا سىلىپ ، تىز ئوتتا 20 – 25 مىنۇت ھوردا پىشۇرلىدۇ .
ئالاھىدىلگى :
قىيمىسى مەززىلىك ، خىمرى يۇمشاق ، سىڭىشلىك بۇلىدۇ .