چاقماق خەۋەر
Home 20 ئۇيغۇر مەدەنىيىتى 20 بېھى پولوسى

بېھى پولوسى

بېھى پولوسى

خۇرۇچ

گۈرۈچ ئىككى كلوگرام،سوققان زىرە ئازراق،گۆش 500گرام،پىياز بىر تال، ئەبجەش ياغ 500گرام،سوققان زەرچىۋە مۇۋاپىق،بېھى تۆتتىن ئالتىگىچە،تۇز مۇۋاپىق مىقداردا،سەۋزە بىر كلوگرام.

ئېتىش ئۇسۇلى
1.بېھى پولوسىنى ئېتىش ئۇسۇلى گۆشلۈك پولۇنى ئېتىش ئۇسۇلى بىلەن ئوخشاش.
2.پولونى دەملەشتىن ئاۋال،بىھىلەرنى ياخشى سۈرتۈپ ،تۈكلىرىنى تازىلاپ،ھەربىرىنى ئىككىگە بۆلۈپ، ئۇرۇقلىرى ئېلىۋىتىلىدۇ.
3.پولونى دەملەشتە تەييارلانغان بېھىلەر گۈرۈچنىڭ ئۈستىگە دۈم قۇيۇلىدۇ.
4.دەم يېگەندىن كىيىن بېھى بىلەن گۆش ئايرىم ئېلىۋېلىنىدۇ، ئاندىن توغراپ ئاشنىڭ ئۈستىگە بېسىلىدۇ.

ئالاھىدىلىكى
پولۇ خۇش پۇراق،تەمى چۈچۈك،يۇمشاق ،يېيىشلىك بولىدۇ.

 

مەنبە:ئۇيغۇر تائاملىرى

Comments are closed.

Scroll To Top