پىلتە لەغمەن(ئۆي لەغمەن )
ئۇن بىر كىلوگىرام،سامساق بىر باش،گۆش200گىرام، سۇ يېغى200گىرام،زەنجىۋىل سۇيى ئازىراق، جاڭدو100گىرام، كۆك لازا 2تال، سۇڭ پىياز بىر تال، پەمىدۇر 2تال، كاۋاۋىچىن سۇيى ئازىراق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.
ئىتىش ئۇسۇلى:
1-پەسىلگە قاراپ ئۇنغا مۇۋاپىق مىقداردا سۇ، تۇز قۇيۇپ خېمىر يۇغۇرۇپ، پورەك چىققۇچە ئىشلەپ 15مىنۇت تىندۇرغاندىن كىيىن 40ەىرام چوڭلۇقتا زۇۋۇلا ئۇزۇپ، ئۇنى ياغلاپ تۇرۇپ بىگىز قولدەك توملۇقتا ئۇزۇنچاق پىلتە قىلىمىز.پىلتىلەرنى دەستىلەپ تىزغاندا ھەر قەۋىتىنىڭ ئۇستىنى ياغلاپ تۇرۇش كېرەك. ئاندىن 15مىنۇت تىندۇرىمىز.
2-تىنغان پىلتىنى بىر بىرلەپ ئېلىپ ئاشتاختا ئۇستىگەئىككى بېشىدىن تۇتۇپ تەكشى تىزىمىز. ئاندىن ئىككى ئۇچىدىن تۇتۇپ ئىككى بېلىكىمىزنى كېرىپ ئاستا ۋە دادىللىق بىلەن ئوتتۇرسىنى ئاشتاختىغا بوش ئۇرىمىز،بىر غۇلاچ بولغاندا قاتلاپ يەنە سۇزۇلىدۇ.ئىنچىكە بولغاندا بىر ئالقىنىمىزغا يىغىلغان پىلتە بېشىنى ئۇزىۋېتىپ ئىنچىكە سۇزۇلغان خېمىرنى قاينىغان قازانغا سېلىپ 5مىنۇت قاينىتىمىز.چوپ پىشقاندىن كىيىن سۇزۇپ ئېلىپ سوغاق سۇدا چايقاپ، يا ئىسسىتىپ قاچىغا سېلىپ تەيارلىۋالغان سەينى ئۇستىگە قۇيىمىز.
لەڭمەننى قورۇمىسىنى قورۇش ئۇسۇلى:
1-گۆش نىپىز سۇزۇنچاق توغرۇلدۇ، كۆك لازىنى ئىچىدىكى تۇمۇرىنى ئېلىۋېتىپ يۇيۇپ، جاڭدو بىلەن ئىككىسى توغرالغان گۆشچىلىك چوڭلۇقتا توغرىلدۇ.
پەمىدۇ سامساقلار ئۇششاق توغرۇلدۇ. جاڭدونى ئۇزۇن ئىنچىكە قىلىپ توغراپ كاۋاۋىچىن ، زەنجىۋىلنى سۇغا چىلاپ تەمى چىقىرىلدۇ.
2-قازانغا ياغنى قۇيۇپ قىززىغاندىن كىيىن گۆشنى قىزارغىچە قورۇيمىز، ئاندىن سۇڭ پىيازنى سالىمىز ، ئۇنىڭدى كىيىن پەمىدۇر ئېزىلگىدەك قورۇلدۇ، جاڭدونى سېلىپ پىشقاندا زەنجىۋىل،كاۋاۋىچىن سۇيىنى قۇيىمىز. ئاندىن تەڭشەلگۇدەك سۇ قۇيۇپ، دۇرا دەرمەكلىرنى تەڭشەپ ئاشنىڭ ئۇستىگە سالساق بولىدۇ.
ئالاھىدىلىگى:
ئېشى تىرىك، چايناشلىق، تەمى ياخشى يېڭى بۇلۇپ كىشىلەر ئىشتىھا بىلەن يەيدۇ.