چاقماق خەۋەر
Home 20 ئۇيغۇر مەدەنىيىتى 20 پېتىر مانتا

پېتىر مانتا

پېتىر مانتا

خۇرۇچى :
ئاق ئۇن 500 گىرام ، قارمۇچ مۇۋاپىق مىقداردا ، لوق قوي گۇشى بىر كىلوگرام ، ئىلمان سۇ 250 گىرام ، پىياز بىر كىلوگرام ، تۇز < سۇيۇق > مۇۋاپىق مىقداردا .
ئېتىش ئۇسۇلى :
1 . قوينىڭ لوق گۇشىنى قوناقتەك ئۇششاق توغراپ ، ئىلمان سۇ قۇيۇپ ، سۇيۇلدۇرۇپ < سۇنىڭ نىسبىتى 3:1 بۇلسا مۇۋاپىق > ، ئاندىن نېپىز يالپاقلاپ ، پىياز ، تۇز ، سوقۇلغان قارمۇچنى سىلىپ ئارلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىندۇ .
2 . چىڭ، پېتىر خېمىر يۇغۇرۇپ ، ياخشى ئىشلەپ ، 40 دانە زوۋۇلنى ئۇزۇپ ، چورسى باك نېپىز ، ئوتتۇرسى سەل قېلىنراق جىلىت ئېچىپ ، قىيما سىلىپ تۇگۇپ ، جىمبىلنى ياغلاپ ، مانتىنى تىزىپ قاسقانغا قۇيۇپ ، تىز ئوتتا پىشۇرلىىدۇ . پاقلان گوشى بولسا 15 مىنۇتتا ، چوڭراق قوينىڭ گوشى بۇلسا 15 – 20 مىنۇتتا پىشىدۇ . ئەگەر يۇقىرى بېسىملىق قازانغا سىلىنسا ، 5- 6 مىنۇتتا پىشىدۇ . مانتىنى قاسقاندا ئۇزاق تۇرغۇزسا بۇلمايدۇ .
پىشقان مانتا لېگەن ياكى نانغا ئېلىنىپ ، داستىخانغا كەلتۇرۇلدۇ . ھەر بىر كىشىگە تەخسە بېرىلىدۇ .
ئالاھىدىلگى :
جىلىتى نېپىز ، قىيمىسى يۇمشاق ، يېڭسىى يېيىشلىك ھەم مەززىلىك .
مەسلىھەت :
1 . خېمىرنى بەك قاتتىق ھەم تۇزلۇق يۇغۇرماسلىق كېرەك . 2 . پىيازنى نېپىز يالپاقلاپ ، تەڭنىگە سېلىپ ، ئىتتىك پىچاق بىلەن ئاۋايلاپ چاناش كېرەك . پىيازنى كوتەكتە چاناشقا توغرا كەلسە ، نېپىز يالپاقلانغان پىيازنى ئىتتىك پىچاق ياكى قىڭراق بىلەن ئاۋايلاپ تېز – تېز توغراپ ، باشقا قاچغا ياكى گوشكە سېلىش كېرەككى ، كوتەكتە ئۇزۇن قويۇپ قويۇشقا بۇلمايدۇ .
چۇنكى مانتىنى تاتلىق قىلىدىغنى پىيازنىڭ غاشىسى ئەمەس ، ئۇنىڭ سۇيى .
3 . گوشنى چانماي ، ئۇزۇپ – ئۇزۇپ توغراش كىرەك ۋە يىپلىرنى ئېلۋىتىش كېرەك .
4 . گوش  ئورۇق بۇلسا ، قۇيرۇق ياغنى كوپرەك سېلىش كېرەك .
5 . گوش يېڭى بۇلسا ، قىيمىسىغا سۇنى جىقراق قۇيۇش كىرەك ، توڭ گوش بۇلسا ، سۇنى ئازراق قويۇش كېرەك .
6 . قىيما ئېلىشتۇرغاندا مىجىماي ، باش قۇل بىلەن ئەركىلىتىپ ئارلاشتۇرۇپ ئىشلەش لازىم . پىيازنى شۇ كۇنى توغراپ ئىشلىتىش ، قوندۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ .

 

مەنبە :  ئۇيغۇر تائاملىرى

 

Comments are closed.

Scroll To Top