چاقماق خەۋەر
Home 20 ئۇيغۇر سەنئىتى 20 تاغ مەشرىپى

تاغ مەشرىپى

كېرىيە مەشرەپلىرىدىن ” تاغ مەشرىپى”

 تاغ مەشرىپى — تاغلىق رايونلاردا كەڭ تارالغان مەشرەپ بولۇپ، ھازىر ئاتچان يېزىسىنىڭ پۇلۇ ۋە لۈش كەنتىدە نىسبەتەن مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان. تاغ مەشرىپىنىڭ تەرتىپى ۋە شەكلى باشقا مەشرەپ تۈرلىرىدىن ئالاھىدە پەرىقلىنىدۇ. تاغ مەشرىپىنىڭ جەريانى مۇنداق بولىدى

   يۇرت چوڭلىرىدىن بىرى مەشرەپكە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. مەشرەپتە ئەر- ئاياللا بىر سورۇندا ئولتۇرىدۇ. تاماقتىن كېيىن سازنىڭ چېلىنىشى مەشرەپ باشلانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مەھەللىدىكى پۈتۈن سازەندىلەر بىر يەردە ئولتۇرۇپ، نەغمە قىلشنى باشلىسا، نەغمە 2 ،3 سائەتتە ئاندىن توختايدۇ. نەغمە باشلىنىپ، قىز- يىگىت، ئەر- ئاياللار تەشەببۇسكار ھالدا بىر- بىرسىنى ئۇسسۇلغا تارتىپ ئۇسسۇل ئوينايدۇ. مەشرەپ ئەھلى ئۇسسۇلدىن ھارغاندا، قىزىقچى مەيدانغا چىقىدۇ. تاغ مەشرىپىدىكى قىزىقچى — مەشرەپنىڭ پاششاپلىق رولىنى ئۆتەيدۇ. قىزىقچى ئويۇننى “تاز بولدى” ئويۇنىدىن باشلايدۇ. ئۇ بېشىغا سالۋا تەلپەك كىيىپ، جۇۋىسىنى تەتۈر كىيىپ، بېلىنى يىپ بىلەن باغلاپ، ئىشتىنىنى تۈرۈپ قويۇپ، پۇتىغا چورۇق كىيىپ، قولىغا ھاسا تاياق ئېلىپ، تولىمۇ ھەجۋىي قىياپەتتە گىرىم قىلىپ ۋە تاسىنىپ، تازنى دوراپ، بېشىنى قاشلاپ مەيدانغا كىرىدۇ. بىرەيلەن دەرھال ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ھال- ئەھۋال سورايدۇ ۋە بىر قەپەس پاراڭلىشىدۇ. پاراڭ پۈتۈنلەي يۇمۇرىستىك تۈستە بولۇپ، بىر نەچچە سۆز ئويۇنلىرى ئورۇندىلىدۇ. ئاندىن ئۇلار ھەجۋىي ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، ئۇسسۇل ئوينىغاچ پۇتىنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرغانلار، سۇنۇپ ئولتۇرغانلارنىڭ، ئۆز ئارا پاراڭلاشقانلارنىڭ پۇتىغا ھاسسىسى بىلەن ئۇرۇپ ياكى نوقۇپ، مەشرەپ ئىنتىزامىنى تەرتىپكە سالىدۇ. ئاندىن ھەممە كىشىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، “پۇل تىلەيدۇ”. پۇلى بارلار پۇل بېرىدۇ، پۇلى يوقلار قەغەز بېرىدۇ. ئۇ “پۇل تىلەپ” بولغاندىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم مەشرەپ ئەھلىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، بەرگەن پۇللىرىنى شۇ كىشىگە قايتۇرىدۇ. پۇل ئىگىسى پۇلنى ئېلىپ، كۆزىگە سۈركۈۋېتىپ بەرگەندىن كېيىن قوينىغا سالىدۇ. بۇ جەريان پۈتۈنلەي ھەجۋىي ئۇسسۇل بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. قىزىقچى مەشرەپ مەيدانىدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، مەشرەپ ئەھلى يەنە ئۆز ئارا ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ. ئۇسسۇل بىر ھازا قىزىغاندىن كېيىن، قىزىقچى “غاز بولدى” ئويۇنىنى باشلايدۇ. ئۇ تەتۈر ئۆرۈلگەن جۇۋىسىنىڭ بىر يېڭىنىڭ ئۇچىنى غازنىڭ شەكلىدە ياساپ، غازنىڭ تۇمشۇقىغا ئوخشىتىپ بىر تال ياغاچ قاداپ، “غاز” نى ئوڭ قولىغا كىيىپ كىرىدۇ. سازەندىلەر دەرھال پەدىنى “شەرۋازىم” غا يۆتكەيدۇ. قىزىقچى قول ھەرىكىتىدە غازنى دوراپ بىر پەدە ئۇسسۇل ئوينىغاندىن كېيىن، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئالدىغا بېرىپ، “غازنىڭ تۇمشۇقى” بىلەن چوقۇلاپ، ھەر بىر كىشىنى بىر كۇپلېت بېيىت ياكى قوشاق ئوقۇشقا سالىدۇ. بېيىت ياكى قوشاقنى دەرھال باشلىيالمىسا داۋاملىق چوقۇلايدۇ. ئوقۇيالمىسا جازاغا تارتىلىدۇ. “غاز بولدى” ئويۇنى تاماملانغاندىن كېيىن، قىزىقچى مەيدانغا كىرىپ، “يولۋاس كۆندۈرۈش”، “مۇرەببىم”، “بۇدۇشقاق”، “ھايۋانلار مەجلىسى”، “تۆگىگە مىنىش” قاتارلىق ئويۇنلارنى كۆرسىتىدۇ. ئويۇن جەريانىدا نەغمىچىلەر ناخشا- مۇزىكىنى زادى توختاتمايدۇ. قىزىقچى ھەر قېتىملىق ئويۇندا مەشرەپ تەرتىپىنى ئۇدا بۇزغانلارنى جازاغا تارتىپ تۇرىدۇ. جازانى رىياسەتچى بەلگىلەيدۇ. رىياسەتچىگە ئايرىم ئىسىم قويۇلماي، شۇ كىشىنىڭ ئىسمى ئاتىلىدۇ. جازالاش ئويۇنلىرىدا “جۇۋاز قوشۇش”، “توخۇغا مىنىش”، “ئېشەككە مىنىش”، “توپاق كۆندۈرۈش”، “تەخسە چىشلەش”، “چىش تارتىش”، “چاچ چۈشۈرۈش” قاتارلىق ئويۇنلار ئوينىلىدۇ.

تاغ مەشرىپىدە، بىر قىسىم ناخشىلارنىڭ ئايرىم ئۇسسۇلى بولىدۇ. شۇ ناخشا چىققاندا شۇ ئۇسسۇلنى ئوينىيالايدىغانلار ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ. بىر ناخشىنىڭ ئۇسسۇلى باشقا ناخشىدا ئوينالمايدۇ.

چارۋىچىلار ياز پەسىلىدە چارۋا ماللىرىنى چېقىل ئارىسىدا باقىدۇ. قىش پەسلىدە كەنتكە يېقىن جايلاردىكى يايلاقلاردا باقىدۇ. بۇ چاغلاردا ئاساسەن ئائىلىسىدە تۇرىدۇ. شۇڭا “تاغ مەشرىپى” قىش پەسلىدە كۆپ ئوينىلىدۇ. تاغلىق رايونلاردا توي- تۆكۈن مەشرەپسىز ۋە ئوغلاق تارتىشسىز ئېلىپ بېرىلمايدۇ

Comments are closed.

Scroll To Top