تاۋا كاۋاپ
(خۇرۇچى)
قوينىڭ لوق گۆشى بىر كىلوگرام، سوققان زىرە مۇۋاپىق، پىياز 70گرام، سوققان قارىمۇچ مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، ئاق ئۇن ئازراق، سوققان لازا مۇۋاپىق، شاكال بەدىيان بەش تال.
(ئېتىش ئۇسۇلى)
1.گۆشنى سەرەڭگە قېپچىلىك چوڭلۇقتا، بارماقچىلىك نېپىزلىكتە توغرايمىز. ئۇششاق چانالغان پىياز، سوقۇلغان زىرە، قارىمۇچلارنى گۆشكە سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، شۇ پېتىچە 15-20 مىنۇت تۇرغۇزىلىدۇ.
2.تاۋىنى ياخشى قىزىتىپ، ھاۋىسىنى تەڭشەپ، گۆشنى ئۇنغا مىلاپ تاۋىغا تىزىپ، ھەر ئىككى تەرىپىنى ئۆرۈپ تەكشى سارغايتىپ پىشۇرۇلىدۇ.
3.پىشقان كاۋىغا ئازراق شورپا قويۇپ ئۇنىڭغا قارىمۇچ شاكال بەدىيان سېلىپ، 40مىنۇت دۈملىنىدۇ.
(ئالاھىدىلىكى)
تېشى چۈرۈك، ئىچى يۇمشاق تەملىك بولىدۇ. بۇ كاۋاپنى ئېتىشكە زىخ كەتمەيدۇ. تاۋىدىمۇ، قازاندىمۇ پىشۇرغىلى بولىدۇ.
مەنبە: ئۇيغۇرتائاملىرى