خوتەن قەغىزى
خوتەن قەغىزى- دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىدىكى چوڭ كەشپىياتىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئۇزاق تارىختىن بۇيان مىللي قول – ھۈنەرۋەنچىلىك سانائىتىمىزدە مۇھىم ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن. “خوتەن قەغىرى” ئاسانلىقچە يىرتىلمايدىغان ۋە چىرىمەيدىغان ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. ئۇ، ئەۋرىشىم بولغاچقا، خەت يېزىشتىن باشقا يەنە دورا – دەرمانلارنى ئوراش، كىيىم – كېچەكلەرگە قاتۇرما قىلىش، ھەر خىل گۈزەل – سەنئەت بويۇملىرىنى ياساش قاتارلىق ساھەلەردىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
خوتەن قەغىزىنى ئىشلەش خوتەننى مەركەز قىلغان ھالدا، يەكەن ۋە قەشقەرلەرگىچە كەڭ ئومۇملاشقان. شۇنىڭ ئۈچۈن، خوتەن شەھىرى (ئىلچى) دىكى بىر قانچە مەھەللىلەر ھازىرغىچە <قەغەز مەھەللىسى> دېگەن نامى بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە.
ياسىلىش ئۇسۇلى: خوتەن قەغىزىنىڭ ئاساسلىق خام ئەشياسى <سامان قەغىزى> نىڭ خام ماتېرىياللىرىغا ئوخشاشمايدىغان ھالدا، توغراق ۋە ئۈجمە دەرىخىنىڭ قوۋزىقىدىن ئىبارەت. دەسلەپ توغراق ياكى ئۈجمە قوۋزىقىنى يىغىپ ئۇنى سۇغا چىلاپ قويىدۇ. قوۋزاق بىرئاز يۇمشىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ سىرتقى قوپال قاتلىمىنى سويۇپ ئېلىۋېتىپ، ئىچىدىكى بىر قەۋەت نېپىز ئاپئاق قەۋىتى ئايرىۋېلىنىدۇ. مانا شۇ خوتەن قەغىزىنىڭ ئاساسىي خام ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ. بۇ قەۋەتنى قازاندا ئىككى سائەتچە قاينىتىپ بوتقا (لاتقا) قىلىنىدۇ. بۇ قوۋزاق بوتقىسىنى ياغاچ توقماق بىلەن سوقۇپ ئەزگەندىن كېيىن، مەخسۇس ياغاچ تۇڭغا سېلىپ، ئۈستىگە مەلۇم مىقداردا سۇ قۇيىدۇ ۋە ئۇنى توختىماي قوچۇپ ئۇماچقا ئايلاندۇرۇلىدۇ.
ئىككىنچى باسقۇچتا، بۇ قوۋزاق ئۇمىچىنى مەخسۇس ياسالغان چۆمۈچ (يېچكوك دېيىلىدۇ) ئارقىلىق ئۆلچەملىك ياغاچ قېلىپقا تەكشى قۇيۇپ، سۇ كۆلچىكىدە سۈزۈلىدۇ. قېلىپنىڭ يۈزى تەكشىلەنگەندىن كېيىن، شۇ پېتى كۈن نۇرىغا قاقلاپ قويۇلىدۇ. قەغەز بوتقىسى قۇرۇغاندىن كېيىن، قەغەزنى قېلىپتىن سويۇۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دەسلەپكى قەغەز تاختىسى پۈتىدۇ. بۇنداق قەغەزنىڭ بىر تاختىسى ياسىلىپ چىقىش ئۈچۈن، تەخمىنەن سەككىز – ئون چېلەك سۇ سەرپ قىلىنىدۇ. ئەگەر ماتېرىيال تەييار بولسا، بىر قەغەزچى ئۇستا بىر كۈندە بۇنداق قەغەزدىن ئۈچ يۈز تاختا ياساپ چىقالايدۇ. بۇنداق قەغەزنى قېلىپتىن ئالغاندىن كېيىن ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئەگەر ئۇنى تېخىمۇ سىپتا ۋە پارقىراق قىلىپ پىششىقلاپ ئىشلەشكە ھاجەت تۇغۇلسا، گۈرۈچنى ئېزىلگۈچە قاينىتىپ ئەلگەكتنى ئۆتكۈزۈپ، ھېلىقى قەغەز يۈزىنى تەكشى پاتلاپ، قاشتېشى بىلەن سۈركەپ سىلىقلايدۇ. قەدىمكى مۇھىم تارىخىي ھۈججەتلەر پۈتۈلگەن قەغەزلەر مانا شۇ سىلىقلانغان خوتەن قەغىزىدۇر. قولغا تايىنىپ خوتەن قەغىزىنى ياساش بۈگۈنكى كۈندە بارغانسېرى قوقىلىشقا يۈزلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بىر خىل ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر – سەنئىتى سۈپىتىدە تارىختىن ئۆچكىنى يوق. ھازىرمۇ دوپپىچىلار ۋە دورىپۇرۇشلار بۇ قەغەزنى ئىشلىتىپ كەلمەكتە.