خوتەن گېلىمى
گىلەم – ئۇيغۇر قول ھۈنەر بويۇملىرى ئىچىدە ھەممىدىن ئەتىۋارلىق ۋە ئەڭ كەڭ ئومۇملاشقان مىللىي مەھسۇلاتلارنىڭ بىرى. خوتەن – گىلەمچىلىكنىڭ ئانا ماكانلىرىدىن بىرى. ئۇ، شىنجاڭ گىلىمىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇنىڭدىن ئىككى مىڭ يىل بۇرۇنلا خوتەندە گىلەمچىلىكنىڭ قانات يايغانلىقى ھەققىدە تارىخى خاتىرىلەر بار. خوتەن گىلىمى نۇسخا جەھەتتىن ئاچچىق ئانار نۇسخا ( ئانارگۈل نۇسخا دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، ئىران نۇسخا، كەشمىر نۇسخا، چېچەك نۇسخا، لوڭقا نوسخا، كەلكۈن نۇسخا، شام نۇسخا، ئەدىيال نۇسخا، يۇلتۇز نۇسخا قاتارلىق 10 نەچچە تۈرگە بۆلىنىدۇ. خوتەن گىلەملىرى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن يەر گېلىمى (يەرگە سالىدىغان گېلەم)، تام گىلىمى (ئاسما گىلەم)، كارىۋات گىلىمى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ. بۇ خىل گىلەملەرنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى ۋە رەڭ تۈرلىرى بىر -بىرىدىن پەرقلىنىدۇ.
مەنبە: ئۇيغۇر ئۆرۇپ_ئادەتلىرى