خۇرۇچى :قوينىڭ لوق گۆشى ئىككى كىلوگرام، زىرە مۇۋاپىق، قۇيرۇق ياغ 250 گرام، پىياز ئۈچ باش، تۇخۇم تۆت دانە، سوققان لازا مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق.
ئېتىش ئۇسۇلى:
1. ياغ بىلەن گۆشنى باش بارماقنىڭ يېرىمىچىلىك چوڭلۇقتا، يېرىم سانتىمېتىر قېلىنلىقتا يالپاقلاپ توغراپ، ئۇنىڭغا تۇخۇمنى چېقىپ، ئۇششاق چانالغان پىيازنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ يېرىم سائەت تۇرغۇزۇپ، ئاندىن تۆمۈر زىخقا تۆت تال گۆش، بىر تال ياغ ئۆتكۈزۈلسە )500 گرام گۆش 10 زىخقا ئۆتكۈزۈلسە مۇۋاپىق( بولىدۇ.
2
. كاۋاپدانغا ئىسى يوق كۆمۈر قالاپ، كۆمۈر كۆيۈپ چوغ بولغاندا، زىخقا ئۆتكۈزۈلگەن گۆشنى كاۋاپدانغا تىزىپ، ئۈستىگە يۇمشاق تۇز سېپىپ ئىككى مىنۇت قويۇپ، ئاندىن سوققان لازا، زىرە سېپىپ كاۋاپنىڭ ئىككىنچى يۈزىنى ئۆرۈپ يەنە تۇز، لازا سېپىپ پىشۇرۇلىدۇ.
مەنبە: ئۇيغۇرتائاملىرى