چاقماق خەۋەر

سامبۇسا

سامبۇسا

ئۇيغۇر يىمەكلىكلىرىنىڭ ئىچىدە بىر يەرلەرگە تاۋاق قىلىشتا ياكى مېھمانلار ئۇچۇن ئېتىشتا ئەپچىل ۋە مېزىك يىمەكلىك بولۇپ،ئادەتتىكى تۇرمۇشتىمۇ كەڭ ئىستىمال قىلىنىدۇ.ئىچىدىكى قىيمىسىغا قاراپ بىر نەچچە خىلغا بولىنىدۇ،تۆۋەندە گۇرۇچ سامبۇسىسىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن.

ماتېرىيال:
ئۇن 500 گىرام ، كالىنىڭ ياكى قوينىڭ لوق گۆشىدىن 200 گىرام، كۆك مۇچ بىر تال، پىياز بىر باش،ھوردا پىشۇرۇلغان گۇرۇچ 100 گىرام،سەۋزە 100 گىرام، قارىمۇچ 10 گىرام مۇۋاپىق تۇز ۋە ، سۇ ماي 2لىتىر.

قىيمىنى تەييارلاش:
گۆش،كۆك مۇچ،سەۋزە ۋە پىيازلارغا ئۇششاق توغرايمىز، قازانغا 100 گىرام ماي قۇيۇپ گۆشنى ئاۋال قورۇپ،ئاندىن پىياز سەۋزە كۆك مۇچلارنى سەلىپ قورۇپ، ئۇستىگە پىشۇرۇلغان گۇرۇچنى سەلىپ تۇز ۋە قارىمۇچنى سەلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز.

خېمىرنى تەييارلاش:
ئۇنغا سۇ ۋە 100 گىرام چۈچۈتۈلگەن سۇ يېغى، مۇۋاپىق تۇز سەلىپ قاتتىقراق يۇغىرىمىز.

پىشۇرۇش جەريانى:
خېمىر سەل تىنغاندىن كېيىن خۇددى پېتىر مانتىنىڭ جىلتىسىدەك نىپىز جىلتە ئېچىپ،تەييارلانغان قىيمىدىن بىر چوڭ قوشۇق ئەلىپ جىلتىغا سەلىپ يېرىم ئاي شەكىلدە تۇگۇپ،خېمىرنىڭ ئۆزارا قاتلاشقان يېرىنى قىيىقچە كەسكۇچ بىلەن كېسىپ گۇر چىقىرىمىز. قازانغا ماينى قۇيۇپ،ئوتتۇرىھال قىزدۇرۇپ تۈگۈلگەن سامبۇسىنى مايدا ئىككى تەرىپىنى قىزاتىپ قازاندىن ئالساق تەييار بولىدۇ.

 

مەنبە :  ئۇيغۇر تائاملىرى

Comments are closed.

Scroll To Top