ئۇن بىر كىلوگرام، زىرە مۇۋاپىق، لوق گۆش بىر كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، قۇيرۇق ياغ 175 گرام، قارىمۇچ مۇۋاپىق، پىياز بىر كىلوگرام، سۇ 750 گرام (خېمىرغا 500 گرام، قىيمىغا يېرىم جىڭ سۇ كېتىدۇ).
گۆشنى ئۇششاق توغراپ، يېرىم جىڭ ئىلمان سۇ ئارىلاشتۇرۇپ سۇ يېدۈرۈپ، ئۇنى ئۇششاق توغرالغان دۈمبە ياغ، پىياز، سوقۇلغان زىرە، قارىمۇچ، تۇز بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قىيما قىلىنىدۇ.
2. قۇۋۋەتسىز تۇز سۈيىدە پېتىر خېمىر يۇغۇرۇپ ياخشى ئىشلەپ، 15 ـ 20 مىنۇت تىندۈرۈلىدۇ. ئاندىن 20 گرامدىن زوۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ، پوزا بىلەن ئېچىپ، ھەربىر جىلتقا قىيما سېلىپ، ئۇزۇنچاق، تۆت بۇرجەك ياكى بەش بۇرجەك قىلىپ سامسا تۈگۈلىدۇ.
3. قىزىتقان تونۇرنىڭ داپخانىسىنى ئېتىپ، تونۇرنىڭ يۈزىگە تۇز سۈيى سېپىپ، ئوتنى تونۇرنىڭ ئوتتۇرىسىغا يىغىپ كۆمۈپ، ھاۋىسىنى تەڭشىلىدۇ. تۈگۈلگەن سامسىنىڭ يۈزىگە سۇ ئۇرۇپ، سامسىنىڭ تۈگۈلگەن تەرىپىنى تونۇرغا يېقىپ، ئۈستىگە يەنە ئازراق سۇ ئۇرۇپ، تونۇرنىڭ ئاغزىنى ئېتىپ 10 مىنۇت خۇيلىنىدۇ. خۇي يېگەندىن كېيىن تونۇرنىڭ ئاغزىنى ئېچىۋېتىپ، سامىسىنىڭ يۈزى سارغايغىچە پىشۇرۇلىدۇ. خۇيلىماي ئۇدۇللۇق يېقىپ، ئۇدۇللۇق قۇمۇرۇلغىنى شاكال سامسا ياكى بىر ئوتلۇق سامسا بولىدۇ. بۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى تاماقلىرىدۇر.