خۇرۇچى:
قوينىڭ ئومۇرتقا گۆشى بىر كىلوگرام، سوققان زىرە ئازراق، سۇڭپىياز ئىككى باش، سوققان لازا مۇۋاپىق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، سوققان زەرچىۋە مۇۋاپىق، قارىمۇچ مۇۋاپىق مىقداردا، ئاچچىقسۇ ئىككى مىسقال.
ئېتىش ئۇسۇلى:
1. قوينىڭ ئومۇرتقا گۆشىنى چوڭ – چوڭ يالپاقلاپ توغراپ، ھەربىر پارچىسىنى قىڭراقنىڭ ئارقىسى بىلەن بوش – بوش ئۇرۇپ، يۇمشاتقاندىن كېيىن، سىرلانغان قاچىغا ياكى چېنە قاچىغا سېلىپ، ئۈستىگە ئۇن، قارىمۇچ، ئاچچىقسۇ ۋە ئۇششاق توغرالغان سۇڭپىياز، زەرچىۋىلەرنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، 1-2 سائەتكىچە باستۇرۇپ قويۇلىدۇ.
2. گۆشنى بىر زىخقا ئۈچ پارچىدىن ئۆتكۈزۈپ، تەييارلانغان كاۋاپدانغا قويۇپ، ھەر ئىككى تەرىپىگە زىرە، لازا سېپىپ تەكشى قىزارتىپ پىشۇرۇلىدۇ. پىشقان كاۋاپنى زىختىن ئېلىپ قەلەمچە توغراپ، تەخسىگە ئېلىنىدۇ.