قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار
قازاقىستان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر دىئاسپورىسى ئەڭ كۆپ ياشايدىغان ۋە ئۆز مىللىي مەدەنىيىتى، مائارىپى، سەنئىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ياخشى ساقلاپ، ئۇنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان مەملىكەت. ئۇيغۇرلار ئۆزلىرنى بۇ مەملىكەتنىڭ ھوقۇقتا باراۋەر پۇقرالىرى ھېسابلاپ، قازاقىستاننىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن بىر ئۈلۈش ھەسسە قوشتى، قازاق خەلقىنى ئۆز قان-قېرىنداشلىرى تەرىقىسىدە كۆرۈپ، ئۇلار بىلەن بۇزۇلماس دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىق ئەنەنىۋى مۇناسىۋىتى ئورناتتى. نۆۋەتتە، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئورتاق « قازاقىستانلىق» كىملىكى ئاستىدا داغدام تەرەققىيات يولىدا ئالغا قاراپ ماڭماقتا. ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ 1881-1883-يىللىرى ئارسىدا كەڭ كۆلەمدە يەتتەسۇ ۋادىسىغا كۆچكىنىگە ساق 130 يىل بولدى.
مەلۇمكى، قازاقىستاننىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى يەتتەسۇ رايونى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ماكانلىرىدىن بىرى، ئۇيغۇر خەلقى بۇ زېمىندىكى قازاق، قىرغىز ۋە باشقا خەلقلەر بىلەن يېقىن قوشنا ۋە قېرىنداشلىق ئەنئەنىسىنى راۋاجلاندۇرۇپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلارنىڭ يەتتەسۇ رايونىدا كۆپىيىشى 1860-1880-يىللىرىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەرنىڭ قوزغىلاڭلىرى ۋە رۇسىيە بىلەن چىڭ سۇلالىسى ئوتتۇرىسىدا شەرتنامە تۇزۈلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.
1864-يىلى ئۇيغۇر ۋە تۇڭگانلارنىڭ قوزغىلىڭ نەتىجىسىدە، ئىلى ئۇيغۇر ( تارانچى) سۇلتانلىقى قۇرۇلۇپ، 1871-يىلى، ئىلى سۇلتانلىقى بىلەن چار رۇسىيە قوشۇنلىرى ئارىسىدا ئۇرۇش پارتلىدى. سەۋەب قازاق ئالبان قەبىلىسىنىڭ ئاق ساقاللىرىدىن تازابېك چار رۇسىيە ھۆكۈمىتىگە بويسۇنماي قارشىلىق كۆرسەتكەن ۋە چار رۇسىيە قوشۇنلىرىنىڭ باستۇرىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئىلى سۇلتانلىقىغا قېچىپ بېرىپ پاناھلىق تىلىگەن. چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى تازابېكنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئەلاخان سۇلتان ئۆز مۇسۇلمان قېرىندىشىنى دۈشمىنىگە قايتۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، رۇسىيىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان. نەتىجىدە چار رۇسىيە تۈركىستان گۇبېرنىيىسىنىڭ قوماندانى گېنېرال كائۇفمان يەتتەسۇ گېنېرال گۇبېرناتورى ئا.ن. كالپاكوۋسكىيغا « تارانچىلارنى جازالاش بۇيرۇقى» چۈشۈرگەن(1) . كالپاكوۋسكىينىڭ بىر پولكتىن يۇقىرى زامانىۋى قوراللىق قوشۇنى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى جەڭلەر رۇسلارنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى. ئەلاخان سۇلتان شەھەر ئاھالىسىنىڭ قىرغىن بولۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن تىنچلىق بىلەن تەسلىم بولۇپ، ئالمۇتا شەھىرىگە كۆچۈپ بېرىپ شۇ يەردە ياشىدى. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن ئىلى ۋىلايىتى 10 يىل چار رۇسىيىنىڭ كونتروللۇقىدا تۇردى .
1871-يىلى، ئەلاخان سۇلتان باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم ئاھالىلار ھازىرقى ئالمۇتىغا كۆچۈرۈلۈپ، ئالمۇتا شەھىرىدىكى سۇلتان قورغان مەھەللىسىنى بەرپا قىلغان ئىدى. دېمەك، ئالمۇتا شەھىرىنىڭ بەرپا بولۇشىدا ئۇيغۇرلارمۇ تېگىشلىك ھەسسە قوشتى.
1881-يىلى 24-فېۋرال كۈنى چار رۇسىيە بىلەن مەنچىڭ سۇلالىسى « پېتېربۇرگ شەرتنامىسى» ئىمزالاپ، ئىلى چار رۇسىيە تەرىپىدىن قايتۇرۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، 1882-يىلى باھاردىن 1884-يىلىنىڭ بېشىغىچە بولغان ئارىلىقتا 9 مىڭ 572 ئائىلە، يەنى 45مىڭ373 جان ئۇيغۇر، رۇسىيە كونتروللۇقىدىكى يەتتەسۇ رايونىغا كۆچۈپ كېلىپ ماكانلاشتى، ئىلى ۋىلايىتىدە 2565 ئائىلە ئۇيغۇر كۆچمەي قېلىپ قالدى(2) . ئۇيغۇرلار، يەتتەسۇدا يەركەت شەھىرىنى قۇرغان ۋە 90 دىن ئارتۇق يېزا-قىشلاق ھەم ۋېرنېي شەھىرىدە، يەنى ھازىرقى ئالمۇتا شەھىرىدە تۆت مەھەللە پەيدا قىلغان قىلدى.
1954-1962-يىللىرى ئارىسىدا يەنە بىر قېتىم ئىلى، چۆچەك ۋە باشقا جايلاردىن كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيەتلىرىگە كېلىپ ماكانلاشتى. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 2010-يىلىدىكى ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇماتى 227مىڭ بولۇپ، پۈتۈن قازاقىستان ئاھالىسىنىڭ 1.39 % نى تەشكىل قىلغان. لېكىن، ئەمەلىيەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ 241مىڭدىن كۆپ ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس تەرەققىيات تارىخى مۇرەككەپ بولۇپ، ئاساسلىقى 1950-يىللاردىن كېيىن تېز سۈرئەتتە تەبىئىي ۋە كۆچۈپ كەلگەن نوپۇس بىلەن بىرلىشىپ تېز ئارتقان.قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 1897-يىلىدىكى چار رۇسىيىنىڭ تۇنجى نوپۇس تەكشۈرىشىدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان نوپۇس ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:
1897-يىلى. 55 مىڭ 815نەپەر
1926-يىلى. 62 مىڭ313نەپەر
1939-يىلى. 35 مىڭ409نەپەر
1959-يىلى. 59مىڭ840نەپەر
1970-يىلى. 120 مىڭ784 نەپەر
1979-يىلى. 147 مىڭ 943نەپەر
1989-يىلى. 186 مىڭ301نەپەر
1999-يىلى. 210 مىڭ 365 نەپەر
2009-يىلى. 224 مىڭ 713نەپەر
2012-يىلى. 228 مىڭ 582 نەپەر(3)
ئۇيغۇرلارنىڭ قازاقىستاننىڭ 14 ئوبلاستىدىكى نوپۇس ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى ۋىلايىتى بىلەن چېگرىداش ئالمۇتا ئوبلاستىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئالمۇتا ئوبلاستىدىن باشقا نوپۇسى بىر قەدەر كۆپرەك ئوبلاست جامبۇل بىلەن جەنۇبىي قازاقىستاندۇر. ئۇنىڭدىن كېيىن قالسا شەرقىي قازاقىستاندۇر. لېكىن بۇ ئۈچ ئوبلاستىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جەمىئىي سانى 10 مىڭغا يەتمەيدۇ.
ئۇيغۇرلار قازاقىستاننىڭ غەربىي ۋە شىمالىي تەرەپلەردىكى رۇسىيە بىلەن چېگرىداش ئوبلاستلارغا ناھايىتى ئاز تارقالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۇدەك خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن بېرىپ ئوتلۇراقلىشىپ قالغانلاردۇر. مەسىلەن قازاقىستاننىڭ غەربىيدىكى كاسپىي بويىغا يېقىن ئاتراۋ ئوبلاستىدا ئاران 62 نەپەر ئۇيغۇر ياشايدۇ. بۇ، ئۇيغۇرلار ئەڭ ئاز ئوبلاست بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
تۆۋەندىكىسى قازاقىستان ھۆكۇمىتىنىڭ ھەر قايسى ئولاستلاردىكى مىللەتلەر نوپۇسى ئەھۋالىغا ئاساسەن ئېلان قىلغان نوپۇس ماتېرىيالى ئاساسىدا تەييارلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى(4).
ئاقموللا ئوبلاستى – 269 نەپەر
ئاقتۆپە ئوبلاستى – 120
ئالمۇتا ئوبلاستى- 155مىڭ 158 نەپەر
ئاتراۋ ئوبلاستى- 62 نەپەر
شەرقىي قازاقىستان ئوبلاستى – 1450
جامبۇل ئوبلاستى – 2783
غەربىي قازاقىستان ئوبلاستى 79 نەپەر
قاراغاندا ئوبلاستى – 749
قوستاناي ئوبلاستى- 165 نەپەر
قىزىل ئوردا ئوبلاستى- 124 نەپەر
ماڭغىستاي ئوبلاستى – 131 نەپەر
پاۋلودار ئوبلاستى- 273 نەپەر
شىمالىي قازاقىستان ئوبلاستى- 143 نەپەر
جەنۇبىي قازاقىستان ئوبلاستى – 3784 نەپەر
ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ئالمۇتا ۋىلايىتىگە جايلاشقان بولۇپ، پۇتۇن ئوبلاست ئاھالىسىنىڭ 9.16%نى تەشكىل قىلغان. ئۇيغۇرلار ئالمۇتا ئوبلاستىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا ئەڭ كۆپ ۋە زىچ جايلاشقان بولۇپ، بۇ رايوندىكى ئاھالىنىڭ 56%نى تەشكىل قىلغان. بۇ جايدا ئۇيغۇرلار زور كۆپچىلىكنى ئىگىلىگەن.
پۈتۈن ئالمۇتا ۋىلايىتىدە 2010-يىلى سانلىق مەلۇمات بويىچە 155158 ئۇيغۇر ياشىغان(5) . ئۇيغۇرلار ئالمۇتا ئوبلاستىدىكى مىللەتلەر ئارىسىدا نوپۇس جەھەتتە قازاقلار ۋە رۇسلاردىن قالسا ئۈچىنچى ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ئۇلار ئاساسلىقى ئالمۇتا ئوبلاستىنىڭ ئۇيغۇر رايونى، پانفىلوف رايونى، ئەمگەكچى قازاق رايونلىرىغا ماكانلاشقان.
ئۇيغۇرلار قازاقىستاندىكى مىللەتلەر ئارىسىدا نوپۇس جەھەتتە قازاقلار، رۇسلار، ئۇكرائىنلار ۋە ئۆزبېكلەردىن قالسا، 5-ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. قازاقىستاندا 131 مىللەت بار بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئەنە شۇ 131 مىللەت ئىچىدە نوپۇسى كۆپ ئاز سانلىق مىللەت ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى مەركەزلىك ھالدا ئالمۇتا شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، ئالمۇتا شەھىرىدە 80 مىڭ ئۇيغۇر ئاھالىسى ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى سۇلتان قورغان، دوستلۇق، گورنىي گىگانت، زارىيا ۋوستوكا، تۇركسىب، ئايرودروم قاتارلىق مەھەللىلەردە توپ ھالەتتە ياشايدۇ. ئازراق قىسىمى شەھەر ئىچىدىكى كۆپلىگەن جايلارغا تارقاق جايلاشقان. ئۇيغۇرلار ئالمۇتا شەھىرى ئاھالىسىنىڭ 5.5%نى تەشكىل قىلغان .
بۇلاردىن باشقا يەنە قازاقىستاننىڭ ھەر قايسى ئوبلاستلىرىدىمۇ ئاز ساندا ئۇيغۇرلار تاراق ھالدا ياشايدۇ. پايتەخت ئاستانا شەھىرىدە 2009-يىلىدىكى سانلىق مەلۇماتتا 630 نەپەر ئۇيغۇر ياشايدىغانلىقى خاتىرىلەنگەن.
ئۇيغۇرلار كۆپ ۋە زىچ جايلاشقان ئالمۇتا ئوبلاستىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ مەركىزى چۈنجە بولۇپ، مەزكۇر رايوندا تۆۋەندىكى كونا ئۇيغۇر يېزىلىرىدىن ئاۋات، ئاقتام، باھار، چوڭ ئاقسۇ، دادامتۇ، دولايتى، كەتمەن، غاجات، كىچىك ئاقسۇ، سۇمبە، شۇڭقار، تاشقارسۇ، تۈگمەن ، ئۇزۇنتام، چارىن ۋە باشقىلار. بۇ يېزىلار 1881-8841-يىللىرىدىكى كۆچۈشتە پەيدا قىلىنغان(6). مەزكۇر ناھىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 36871 نەپەر بولۇپ، بۇ قازاقىستاندىكى بىردىن -بىر ئۇيغۇرلار نوپۇس جەھەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن ناھىيىدۇر. ئۇيغۇرلاردىن قالسا قازاقلار، ئۇنىڭدىن كېيىن رۇسلار بۇ ناھىيىدىكى ئاساسلىق نوپۇستۇر.
ئۇيغۇر رايونىدىن باشقا ئۇيغۇرلار كۆپ جايلاشقان يەنە بىر كونا رايون پانفىلوف رايونى بولۇپ، مەركىزى يەرتكەت شەھىرى بولغان مەزكۇر جايدا 37 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئاھالىسى جايلاشقان(7).ئەينى ۋاقىتتا كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىمى ئۆسەك دەرياسى بىلەن قورغاس دەرياسى ۋادىسى ئارىسىغا ماكانلاشقان ھەمدە 1882-يىلى، بۇ يەردە يەركەت شەھىرى قۇرۇلغان. ئۇلار يەركەتنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردا چوڭ چىغان ، كىچىك چىغان،ئاققېيىن، چۇلۇقاي، پەنجىم، نادىيەك، قورغاس، سوقۇر خوتۇن ( كېيىن سادىرغا ئۆزگەرتىلدى) خونخاي،ئالتۇنۆي قاتارلىقلار يېزىلارنى پەيدا قىلدى(8).بۇ يېزىلار ھازىرمۇ ئۆز ئەسلى نامى بىلەن ئاتالماقتا.
ئالمۇتا ئوبلاستىنىڭ ئەمگەكچىقازاق رايونىمۇ ئۇيغۇرلار زىچ جايلاشقان ئورۇن بولۇپ، ئۇنىڭ تەۋەسىدە غەيرەت، دېخان،قورام، مالىۋاي، ئاۋات، قاراساي، قاراتورۇق، لاۋار، تاۋقاراتورۇق،قاينار،بايتېرەك ، بايسېيىت ، ئالغا،قاينەزەر، ئازات، تاشكەنساز، غۇلجا، بايانداي، تاشقانسۇ، چىلەك قاتارلىق كۆپلىگەن يېزىلار بار. بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى 1882-1884-يىللىرىدىكى كۆچۈش جەريانىدا پەيدا قىلىنغان9) (. بۇ ناھىيىدىكى ئۇيغۇرلار نوپۇس جەھەتتە قازاقلاردىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، بۇلاردىن باشقا يەنە 20 دىن ئارتۇق مىللەت ياشايدۇ.
قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى شەھەر ۋە يېزا ئىگىلىك رايونى ئاھالىلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق قىسىمى يەنىلا دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى كۆپ تىللىق مىللەت بولۇپ، مۇتلەق كۆپ قىسىمى ئۇيغۇرچە، رۇسچە ۋە قازاقچە ئۈچ تىلنى تەڭ ئىشلىتەلەيدۇ.
قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىيەت-مائارىپ ساپاسى يۇقىرى ھېسابلىنىدۇ شۇنىڭدەك ئۆز مىللىي مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى، سەنئىتى ھەم ئەدەبىياتىنى ياخشى ساقلىغان ۋە تەرەققى قىلدۇرغان. ئۇلار ئارىسىدىن پۇتۇن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە قازاقىستانغا تونۇلغان مەشھۇر ئەربابلار كوپ يېتىشىپ چىققان.
قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىلىدىكى مىللىي مائارىپ ياخشى ساقلانغان بولۇپ، ئۇيغۇر پەرەزەنتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئۆز ئانا تىلىدا باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك مائارىپ تەربىيىسى ئالىدۇ.
ئۇيغۇر تىلىدا جۇمھۇرىيەتلىك « ئۇيغۇر ئاۋازى » گېزىتى چىقىدۇ، قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرى ئۆز پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. مەكتەپ نەشىرىياتىدا ئۇيغۇر تىلىدا دەرسلىك ماتېرىيللىرى چىقىرىلىدۇ.
قازاقىستاندا 1986-1995-يىللىرى ئارىسىدا قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ قارمىقىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى 70 تىن ئارتۇق ئۇيغۇرشۇناسنى تەشكىللەپ مەخسۇس ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى خىزمىتى ئېلىپ باردى. ھازىر مەزكۇر ئورگان كىچىك بىر مەركەز سۈپىتىدە پائالىيىتى داۋاملاشتۇرماقتا.
1980-يىللاردا قازاقىستان تېلېۋىزىيىسى مەخسۇس ئۇيغۇر تىلىدا ھەر كۈنى بىر سائەت پروگرامما تارقاتتى، ئۇيغۇر تىلىدىكى رادىئو دولقۇنلىرى ئۈچۈن ھەر كۈنى بىر سائەت ئاجرىتىلدى. ھەر قايسى نەشىرىيات ئورۇنلىرىدا ئۇيغۇر بۆلۈمى بولۇپ، تۈرلۈك كىتابلارنى نەشىر قىلدى.
قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى چار رۇسىيە دەۋرى ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋىرلىرىنى بېسىپ ئۆتۇپ، نوۋەتتە مۇستەقىل قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەڭ باراۋەر پۇقرالىرى سۈپىتىدە مەزكۇر ياش مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە باشقا جەھەتلەردىكى تەرەققىياتلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ تېگىشلىك ھەسسىسىنى قوشماقتا. قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاز نوپۇسلۇق خەلق بولۇشىغا قارىماي،ئۇلارنىڭ مىللىي تىل-يېزىقىنى ساقلاپ قېلىشلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپ تەربىيىسى ئېلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش ۋە رۋاجلاندۇرۇش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.
قازاقىستاندا ياشىغان ۋە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەلاخان سۇلتان ، ئابدۇللا روزىباقىيېف، ئىسمايىل تاھىروف، ئىسمايىل يۈسۈپوف، كېرىم مەسىموف ( دۆلەت رەھبەرلىرى) ماخمۇت غوجامياروف ، غەنى باتۇر، مەسۈم ياقۇپوف، داداش باباجانوف ( قەھرىمانلار)، ھېزىم ئىسكەندەروف، زىيا سەمەدى، خىزمەت ئابدۇللىن، ئەخمەتجان ھاشىروف ( ئەدىبلەر)، قۇددۇس غوجامياروف، ئەزىز دۇگاشېف، رۇشەنگۈل ئېلاخۇنوۋا، گۈلۋىرە رازىيېۋا، مۇرات ئەخمەدى ، مۇرات ناسىروف، دىلناز ئەخمەدى، ئادىل جانباقىيېف ( ئارتىست-مۇزىكانتلار)، غوجاخمەت سادۋاقوسوف ، مۇرات ھەمرايېف، شۆھرەت مۇتەللىپوف، ماخمۇت ئابدۇراخمانوف، ئايشەم شەمىيېۋا، دەمىر ساتتاروف( ئالىملار)، ماخمۇت ئۆمەروف، زاكىر توختىيېف، ئابدۇرېشىت ئابدۇللايېف ، ھىمىت ھېيتاخۇنوف ( دۇنيا چېمپىيونلىرى)ۋەلىباي يولداش ، ئەلىبەك ئىبرايىموف ، دىلمۇرات قوزىيېف ، ماگىلان شەرىپوف،( سودا-سانائەتچىلەر ) ، زۇنۇن تېيىپوف، يۈسۈپبېك مۇخلىسوف، قەھرىمان غوجامبەردى، ئەخمەتجان شاردىنوف ( سىياسىيونلار) ۋە باشقىلارنىڭ نامى مەشھۇردۇر.
ئىزاھاتلار
(1).В.А. Моисеев, Россия и Китай в Центральной Азии (вторая половина XIX в. – 1917 гг.). ( رۇسىيە ۋە خىتاي مەركىزىي ئاسىيادا، 19-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىن 1917-يىلىغىچە) Барнаул: .- С.124-130.
(2). Баранова Ю. Г. К вопросу о переселении мусульманского населения из Илийского края в Семиречье в 1881 -1883 гг.( مۇسۇلمان ئاھالىسىنىڭ 1881-1883-يىللىرى ئىلى ۋىلايىتىدىن يەتتەسۇغا كۆچۈشى مەسىلىسى ھەققىدە )Труды сектора востоковедения, т. I – Алма –Ата, – 1959.- С.49-50.
(3).Агентство Республики Казахстан по статистике. Численность населения Республики Казахстан по отдельным этносам на 1 января 2012 года.(قازاقىستان ئىستاتېستىكا ئاگېنتلىقىنىڭ 2012-يىلى، 1-يانۋاردىكى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ سانلىق مەلۇمات <1897-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە سېلىشتۇرما جەدۋىلى
(4). Численность населения Республики Казахстан по областям, городам и районам, полу и отдельным возрастным группам, отдельным этносам на 1 января 2010 года (قازاقىستاننىڭ ئوبلاست، شەھەر ۋە رايونلىرىدىكى ئاھالىلارنىڭ جىنسى ، يېشى ۋە مىللىتى بويىچە 2010-يىلى، 1-يانۋاردىكى نوپۇسى).
(5). Численность населения Республики Казахстан по областям, городам и районам, полу и отдельным возрастным группам, отдельным этносам на 1 января 2010 года (قازاقىستاننىڭ ئوبلاست، شەھەر ۋە رايونلىرىدىكى ئاھالىلارنىڭ جىنسى ، يېشى ۋە مىللىتى بويىچە 2010-يىلى، 1-يانۋاردىكى نوپۇسى).
(6).Румянцев П.П. Уезды Жетысу. Таранчи, ( يەتتەسۇ ناھىيىلىرى. تارانچىلار ).Алматы, 2000
7).Национальный состав населения Казахстана по данным переписей 2009(قازاقىستان ئاھالىسىنىڭ 2009-يىلىدىكى مىللەت تەركىبى).
(8).Рузиев, Машур Рузиевич, Возрожденный уйгурский народ( قايتا تۇغۇلغان ئۇيغۇر خەلقى ).Алма-Ата : Казахстан, 1976. .- С.74-75
(9). Румянцев П.П. Уезды Жетысу. Таранчи, ( يەتتەسۇ ناھىيىلىرى. تارانچىلار ).Алматы, 2000.