قانقىل دۆلىتى
(مىلادى 487-541-يىللىرى )
مىلادى 5-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن 6-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا تارىم ۋادىسى، جۇڭغارىيە ئويمانلىقىنىڭ بىر قىسىمى ھەمدە تۇرپان تەۋەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر دۆلىتى، يەنى قانقىل دۆلىتى مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. قانقىللار ئۇيغۇرلارنىڭ 5-6-ئەسىرلەردىكى بىر خىل ئاتىلىشى بولۇپ، خەنزۇلار ئۇلارنىڭ ئېگىز ھارۋىلارنى قاتناش قوراللىرى قىلىپ ئىشلەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، << گاۋچې>> يەنى ئېگىز ھارۋىلىقلار دەپ ئاتىغان ئىدى.
5-6-ئەسىرلەردىكى قانقىل قەبىلىلىرى جەمىي 6 ئۇرۇق ۋە 12 جەمەتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ شەرقىي تارماقلىرى موڭغۇلىيە يايلىقىدىكى تۇغلا دەرياسى بىلەن ئورخۇن-يېنىسەي دەريا ۋادىلىرى ئارىسىغا، غەربىي تارمىقى تەڭرى تاغلىرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىر قىسىمىغا تارقالغان. قانقىل قەبىلىلىرى 6-7-ئەسىرلەردە يەنە تېلە قەبىلىلىرى دەپمۇ ئاتالغان بولۇپ، تېلې قەبىلىلىرىنىڭ تارقىلىش دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ بولۇپ، غەربتە ئوتتۇرا ئاسىيادىن تارتىپ ۋولگا دەرياسى ۋادىلىرىغىچە بولغان جايلارغا يېيىلغان.
قانقىللار 4-5-ئەسىرلەردە سىيانپىلارنىڭ شىمالىي ۋېي سۇلالىسى ۋە جۇجان خانلىقى بىلەن تەڭ كۈرەش قىلىشقا مەجبۇر بولدى. بۇ ئىككى كۈچ قانقىللارنى ئۆزلىرىگە بويسۇندۇرۇپ، ئۇلارنى بىر-بىرىگە قارشى ئۇرۇشقا سېلىشقا ئۇرۇندى. قانقىل قەبىلىلىرى دائىم سىيانپىلار ۋە جۇجانلارغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈرەتتى. ئەمما، ئۇلار بىۋاسىتە جۇجانلارنىڭ قۇل قىلىشىغا ئۇچرىدى ۋە جۇجانلار قانقىللارنى سيانپىلار بىلەن بولغان ئۇرۇشلارغا سېلىشقا زورلىغانلىقى ئۈچۈن مىلادي 487-يىلى، قانقىللارنىڭ پوۋۇرغۇر قەبىلىسى جۇجانلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ، جۇجانلارغا قارشى ئىسيان كۆتۈردى. پوۋۇرغۇر قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئاپۇرغۇر ، يەنى جۇڭگو مەنبەلىرىدە ئافۇجىلو دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىنىسى ئىنىسى كۆنچى بولسا، جۇڭگو مەنبەلىرىدە چوڭچى دەپ ئاتالغان ئىدى. ئاكا-ئۇكىلار 100 مىڭ ئۆيلۈك ، يەنى تەخمىنەن 500 مىڭ ئادەمنى باشلاپ، غەربكە كۆچۈپ، تۇرپان ئەتراپىغا كېلىپ، ماكانلاشتى ۋە ئاپۇرغور ئۆزىنى قاغان دەپ جاكارلاپ ئۆزىگە << كۈل بىلگە>>، يەنى ئۇلۇغ <<تەڭرىزات>> ئۇنۋانىنى بەردى. ئىنىسى بولسا << كۈل بەگ>> دەپ ئاتالدى.
ئاكا-ئۇكا ئىككەيلەن قانقىل دۆلىتىنى ئىككىگە بۆلۈپ، ئىدارە قىلغان بولۇپ، شىمال تەرەپتىكىلەرگە ئاكىسى ئاپۇرغۇر، جەنۇب تەرەپتىكىلەرگە ئىنىسى كۆنچى باشلامچىلىق قىلدى. ئەلۋەتتە، چوڭ قاغان يەنىلا ئاكىسى ئىدى. مانا شۇ 487-يىلى، قانقىل ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ قۇرۇلغان يىلىدۇر.
ئاپۇرغۇر ۋە كۆنچى باشچىلىقىدىكى قاڭقىللار ئۆزىنىڭ ئەشەددىي رەقىبى جۇجانلار بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، جۇجانلارنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تارىم ۋادىسىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇپ تەرەپلىرىگىچە كېڭىيىپ ، ئىلگىرى – كېيىن قاراشەھەر، خوتەن، پىشامشان قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلدى. قانقىللارنىڭ جەنۇبىي خانلىق تارمىقى كۆنچىنىڭ باشچىلىقىدا قاراشەھەرنى مەركەز قىلىپ، تارىم ۋادىسىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇب تەرەپلىرىگە ئىگىدارچىلىق قىلدى.
مىلادى 496-يىللىرىغا كەلگەندە قانقىل دۆلىتى پۈتۈن تارىم ۋادىسى ۋە تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالىي ھەم شەرقىي قىسىملىرىنى ئۆز خەرىتىسى ئىچىگە كىرگۈزدى. بىراق، 497-يىلىدىن كېيىن جۇجانلارنىڭ تۇرپان ۋادىسىدىكى تەسىر كۈچى ئېشىشقا باشلاپ، قانقىللار بىلەن جۇجانلار ئارىسىدىكى ئۇرۇشلار كۈچىيىپ كەتتى . بۇ ۋاقىتتا يەنە يېڭىدى باش كۆتۈرگەن ئېفتالىتلارنىڭ تەسىرى كۈچى ئاشقان بولۇپ، ئەسلىدە قانقىللار بىلەن تۇغقانداشلىققا ئىگە بۇ خەلق ئەسلىدە جۇڭگو مەنبەلىرىدە << غەربي دىڭلىڭلار>> دەپ ئاتالغان، ياۋوپا مەنبەلىرىدە بولسا ئېفتالىتلار، ۋە ياكى << ئاق ھۇنلار>> دەپ ئاتالغان ئىدى. ئېفتالىتلار جۇجانلار بىلەن بولغان ئۇرۇشلار تۈپەيلىدىن شىمالدىكى يايلاق رايونلىرىنى تاشلاپ، تەڭرى تاغلىرىدىن ئۆتۈپ، خوتەن ئەتراپىغا كېلىپ يەرلەشكەن ۋە مىلادى 425-يىلى، يەنە داۋاملىق كۆچۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئافغانىستان قاتارلىق جايلارغا بېرىپ بۇ يەرلەردە بارغانسېرى قۇدرەت تاپقان. قانقىللار دۆلىتى قۇرۇلۇپ، چوڭچى تارىم ۋادىسىنىڭ ئەتراپلىرىنى بويسۇندۇرغان پەيتتە ئېفتالىتلارمۇ زېمىن دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، كەشمىر، ئافغانىستان، ماۋاراننۇئەھىر قاتارلىق جايلارنى بويسۇندۇرغان چوڭ دۆلەتكە ئايلانغان ھەمدە تارىم ۋادىسىنىڭ جەنۇبىي گىرۋەكلىرىگىچە كېڭەيگەن.
مىلادى 492-يىلى، قانقىل دۆلىتىگە ئىككىگە بۆلۈنۈپ، ئاپۇرغۇرنىڭ ئىنىسى كۆنچى قاراشەھەرنى مەركەز قىلىپ ، تارىم ۋادىسى رايونلىرىنى ئۆز دائىرىسىگە كىرگۈزگەن ھەمدە ئۇ ئېفتالىتلار بىلەن ئاساسلىق ئۇرۇش قىلغۇچىغا ئايلانغان. مىلادى 497-يىلى كۆنچى ئېفتالىتلار بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئۆلدى ھەمدە قاراشەھەر ئېفتالىتلارنىڭ قولىغا ئوتتى. ئېفتالىتلار كۆنچىنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن ، ئۇنىڭ ئوغلى مىئەتۇنى ئەسىرگە ئېلىپ كەتتى.
بۇ ۋاقىتتا يەنە تىبەت تىللىق خەلقلەردىن تۇيغۇنلار كۈچىيىپ، تارىم ۋادىسىنىڭ جەنۇبىنى قانقىللاردىن تالىشىش ئۇرۇشىغا قاتناشتى ھەمدە پىشامشاننى ئىگىلىۋالدى. بۇ ۋاقىتتا قانقىل دۆلىتى جۇجانلار، ئېفتالىتلار ۋە تۇيغۇنلاردىن ئىبارەت ئۈچ كۈچ بىلەن تەڭلا ئۇرۇش قىلىشقا دۇچ كەلگەن بولۇپ، نەتىجىدە قانقىللارنىڭ كۈچى ئاجىزلاشتى ھەمدە خان جەمەتىدە ئىختىلاپلار كۈچەيدى، ئاپۇرغۇر خان ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنغان چوڭ ئوغلىنى ئۆلتۈردى ۋە دۆلەتتە قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا قارشى كۈچلەر تەرىپىدىن مىلادى501-يىلى ئۆلتۈرۈلدى، بەلكى بۇ ئىچكى زىددىيەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدا جۇجان، ئېفتالىتلارنىڭ ئوينىغان رولى بولۇشى مۇمكىن. ئاپۇرغۇر ئۆلگەندىن كېيىن، ئاپۇرغۇرنىڭ تۇغقانلىرىدىن بالىيان ئىسىملىك بىر كىشى مىلادى 503-505-يىللىرى ئارىسىدا قانقىل خانى سۈپىتىدە قانقىل قەبىلىلىرىنى باشقۇردى. بالىنا جۇجانلار بىلەن ياخشى ئۆتۈش سىياسىتى يۈرگۈزگەن بولۇپ، ئېفتالىتلار بالىياننىڭ جۇجانلار بىلەن ئۇرۇش قىلماسلىق سىياسىتىنى قوللىمىدى ھەمدە قانقىللارغا ئۇرۇش قوزغاپ، بالىيانن يوقىتىپ، كۆنچى خاننىڭ ئەسىرلىكتە تۇرىۋاتقان ئوغلى مىئېتۇنى تەختكە چىقاردى. مىئېتۇ ئەقىللىق سىياسىيون بولۇپ، ئۇ قاڭقىللار بىلەن ئېتنىك جەھەتتىن تۇغقان بولغان ئېفتالىتلارغا يولىنىپ ، قانقىل دۆلىتنىڭ مۇستەقىللىقىنى ساقلىدى ھەمدە قانقىللارنىڭ تۆت ئەتراپى ھەر خىل كۈچلەرنىڭ قورشاۋى ئاستىدا قالغان شارائىتىدا قانقىل دۆلىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش يوللىرىنى ئىزدىدى. مىئېتۇ ئەجدادلىرىنىڭ ئىزىنى بېسىپ، ئاساسلىقى ھۇجۇم نىشانىنى قانقىللارنىڭ كونا رەقىبى بولغان جۇجانلارغا قاراتتى. 508-يىلى مىئېتۇ قانقل قوشۇنلىرىغا قوماندانلىق قىلىپ، بارىكول ئەتراپىدا جۇجانلار بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، جۇجانلارنى مەغلۇپ قىلدى، شۇنىڭدىن كېيىن قانقىللار داۋاملىق كۈچەيدى ھەمدە تارىم- تۇرپان ۋادىلىرىغا بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتىپ قوچۇ خانلىقىنى ئۆزىگە بويسۇندۇردى. مىئېتۇ ئېفتالىتلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئى تەختتە ئولتۇرغان 11 يىل جەريانىدا پۈتۈن كۈچىنى جۇجانلارغا قارشى تۇرۇشقا قاراتتى.
مىلادى 516-يىلى، مىئېتۇ باشچىلىقىدىكى قاڭقىللار ئىككىنچى قېتىم جۇجانلار بىلەن كەڭ كۆلەمدە ئۇرۇش قىلدى. بىراق، مىئېتۇ بۇ ئۇرۇشتا يېڭىلىپ قالدى ھەمدە ئۇ ئۆلتۈرۈلدى. ئۇنىڭ خانلىق ئورنىنى ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئېفتالىتلار تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنغان يەنە بىر ئىنىسى يىفۇ ئىگىلىدى. يىفۇ مىلادى 518-يىلىدىن 524-يىلىغىچە قانقىل خانى بولۇپ ھاكىمىيەت سۈردى ھەمدە سىيانپىلارنىڭ شىمالىي ۋېي سۇلالىسى بىلەن ئىتتىپاقداشلىق ئورناتتى. 520-يىلى، يىفۇ قانقىللارغا باشلامچىلىق قىلىپ جۇجانلارغا قارشى ئۇرۇش قوزغاپ، قولدىن كەتكەن زېمىنلارنى قايتۇرىۋالدى. بۇ ئۇرۇشتا ئۇلار ئېفتالىلارنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن ئىدى.
521-يۇلى، قانقىللار يەنە بىر قېتىم جۇجانلارغا ھۇجۇم قىلىپ، جۇجانلارنى موڭغۇلىيە يايلاق رايونىغىچە قوغلاپ بېرىپ، جىجان خانلىقىنى يوقىتىشقا ئازلا قالدى. بۇ ۋاقىتتا قانقىل خانلىقىنىڭ تەسىر دائىرىس ۋە تەسىر كۈچى ئاشقان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئۆز ئىتتىپاقچىسى بولغان شىمالىي ۋېي ، ھەتتا ئېفتالىتلارمۇ ئەندىشە قىلدى. ئەمما، مىلاد 524-يىلى يىفۇ خان جۇجانلار بىلەن بولغان ئۇرۇشتا يېڭىلىپ قېلىپ، ئۇنىڭ ئىنىسى يوجۇ ئاكىسىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆزىنى خان جاكارلىدى. 524-يىلىغا ، قانقىللار شىمالىي ۋەي بىلەن بولغان ئولپان تاپشۇرۇش مۇناسىۋىتىنى ئۈزدى.
يوجۇ 524-536-يىللىرى ئارىسىدا تەختتە ئولتۇرغان بولۇپ، ئۇ 533-536 يىللاردا جۇجانلارغا قارشى ئۇرۇشنى قانات يايدۇردى. ئەمما 536-يىلى، ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندا ئۇنىڭ ئوغلى بىشى تەرىپىدىن ئۆلتۈرگىلىپ، بىشى 536-540-يىللىرى ئارىسىدا قانقىللارنىڭ خانى بولدى. بۇ ۋاقىتتا قانقىللارنىڭ كۈچى ئاجىزلاشقان، ئېفتالىتلار ۋە شىمالىي ۋېي سۇلالىسىنىڭ قوللىشىمۇ يېتەرلىك بولمىغان ئىدى.
540-541-يىللىرى ئارىسىدا جۇجانلار قانقىللارغا قارشى كەڭ كۆلەمدە ئۇرۇش قوزغاپ، قانقىللارنى مەغلۇپ قىلدى ۋە بىشى خاننى ئاننى ئۆلتۈردى.
قالدۇق قانقىل قەبىلىلىرى چۇبىننى خان سايلاپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، ۋېي سۇلالىسىگە بېقىنغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ 541-يىئىل ئۆلتۈرۈلۈپ، قانقىللار دۆلىتى ئۈزۈل-كېسىل ئاخىرلاشتى.
مىلادى 487-يىلىدىن 541-يىلىغىچە 54 يىل مەۋجۇت بولغان قانلىق دۆلىتىدە 7 خان ئۆتتى. ئاپۇرغۇر قۇرغۇچى خان بولۇپ، ئۇ ئىنىسى كۆنچى بىلەن بىرلىكتە قانقىل دۆلىتىنىڭ ئاساسىنى سالدى ھەمدە تەڭرى تېغىنىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىدىكى كەڭ رايونلاردا قانقىل دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئورناتتى.
قانقىل دۆلىتى، قانقىل قەبىلىلىرىنىڭ جۇجانلار بىلەن بولغان ئۇرۇش يەنى، جۇجانلارنىڭ قۇل قىلىشىغا قارشى تۇرۇپ ئۆز ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش جەريانىدا قۇرۇلغان دۆلەت ئىدى .
يېرىم ئەسىرلىك مۇساپە جەريانىدا ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالىي، جەنۇبىي ۋە شەرقىدىكى كەڭ جايلارنى بىر سىياسىي گەۋدىگە مەركەزلەشتۈرگەن دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئورنىتىپ ، كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى كۆك تۈركلەر ھەم ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ بۇ زېمىنلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى ئۈچۈن ئاساسىنى ياراتتى شۇنىڭدەك ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ بۇ زېمىندا كەڭ ماكانلىشىشى ئۈچۈن زېمىن ھازىرلىدى. موڭغۇلىيە رايونىدىن كۆچۈپ كەلگەن ئاپۇرغۇر باشچىلىقىدىكى 100 مىڭ ئائىلە قاڭقىللار ئەسلىدە تەڭرى تاغ ئەتراپىدا ياشايدىغان قانقىل ئۇيغۇر قەبىلىلىرى بىلەن بىرلىشىپ، ئۇلارنىڭ سانى بۇ زېمىندىكى ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىدى. ئەنە شۇ سەۋەبتىن ئۇلار تېز سۈرەتتە تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالىي، شەرقى ۋە تارىم ۋادىسىنىڭ ئەتراپىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن ھاكىمىيەت قۇرالىدى. ئەگەر ئەسلىدىن بۇ زېمىنلاردا ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ياشىمىغان بولسا ۋە ئۇلارنىڭ قوللىشى بولمىغان بولسا ئاپۇرغۇر ۋە كۆنچى باشچىلىقىدىكى قانقىل دۆلىتىنىڭ مۇنچە زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشەلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
قانقىللارنىڭ ئۇزۇن مەزگىل جۇجانلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشى، بولۇپمۇ جۇجانلارنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلىشى ئەينى دەۋردە يايلاق رايونىنى مەركەز قىلغان ئەڭ قۇدرەتلىك جۇجانلار ھاكىمىيىتىنىڭ كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ جۇجانلارنىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلۇش ئىراسىدىگە ئىلھام بەرگەن ئىدى.
ئەنە شۇ قانقىللارنىڭ قاتتىق زەربىلىرى نەتىسىئىدە جۇجانلار باغانسېرى ئاجىزلىشىپ، ئاخىرى كۆك تۈركلەرنىڭ باش كۆتۈرىشى ۋە ئۇلار تەرىپىدىن يوقىتىلىشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلىدى.
قانقىل دۆلىتى ئۆزىنىڭ يېرىم ئەسىرلىك مەۋجۇتلۇق تارىخىدا ئىنتايىم قىيىن ھەربىي-سىياسىي بېسىملارغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، قانقىل دۆلىتى جۇجانلار، ئېفتالىتلار، تۇيغۇنلار ۋە سىيانپىلار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ۋە ياكى تۈرلۈك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ۋەزىيىتىگە دۇچ كەلدى. سىيانپىلار ۋە ئېفتالىتلار ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ دۈشمىنى جۇجانلارغا قارشى كۈرەشلىرىدە پايدىلاندى. قانقىللارمۇ جۇجانلار بىلەن ئۇرۇش قىلىش يولىدا ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان ئېفتالىتلارنىڭ ياردىمىدىن پايدىلاندى شۇنىڭدەك سىياسىي ئېھتىياج تۈپەيلىدىن سىيانپىلار بىلەنمۇ ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورناتتى. دېمەك، قانقىل دۆلىتى ئەنە شۇنداق مۇرەككەپ ۋەزىيەت شارائىتىدا مەۋجۇت بولۇپ، ئاخىرىدا جۇجانلار بىلەن بولغان ئۇرۇشتا يوقىتىلدى.
يەنە بىر نۇقتا شۇكى، قانقىل دۆلىتىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىمۇ مۇرەككەپ زىددىيەتلەر مەۋجۇت بولۇپ، ھاكىمىيەتتىكى پوۋۇرغۇر قەبىلىسى بىلەن باشقا قەبىلىلەر ئارىسىدا ھوقۇق تالىشىش يۈز بەردى. ئېفتالىتلار، سىيانپىلار ۋە جۇجانلار ئۇلارنىڭ ئىچكى كۈرەشلىرىدىن پايدىلاندى.
قانقىل خانلىقىنىڭ نەسەپنامىسى:
ئاپۇرغۇر(487-503)
بالىيان (503- 505. خان جەمەتى ئەمەس)
كۆنچى (492-497)
مىئېتۇ (505-516)
يىفۇ (618-524)
يوجۇ (524-536)
بىشى ( 536-540)
چۇبىن.) 540-541)
قانقىل قەبىلىلىرى :
قانقىللارنىڭ 6 ئۇرۇقى ۋە 12 جەمەتىنىڭ ناملىرى
دى ئۇرۇقى
ئۇيغۇر ئۇرۇقى
قوغۇرسۇر ئۇرۇقى
چۈبە ئۇرۇقى،
قۇتلۇق غۇز ئۇرۇقى
ئىزگىل ئۇرۇقى
قانقىللارنىڭ 12 جەمەتى:
بۆركلى جەمەتى،
تۆرە جەمەتى
ئېلخان جەمەتى
تارلان جەمەتى
قۇغا جەمەتى
بايخان جەمەتى
ئارۇن جەمەتى
مويۇن جەمەتى
ئەركىن جەمەتى
پوۋۇرغۇر جەمەتى
كىيان جەمەتى.
بۇلاردىن باشقا يەنە پوۋۇرغۇر قەبىلىسى، تۇرغىيىش قەبىلىسى، جىرۇق قەبىلىسى، دۇچىن قەبىلىسى قوغۇرسۇ قەبىلىسى قاتارلىق 23 خىلدىن ئارتۇق ئۇرۇق قەبىلىلەر بار ئىدى. قەبىلە ئىتتىپاقى بولمىغاندا ھەر قايسى قەبىلىلەرنى ئۆز ئاق ساقاللىرى باشقۇراتتى . پوۋەئۇرغۇر قەبىلىسى جۇجانلارنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالدى، كېيىن ئىسيان كۆتۈرۈپ، ئاپۇرغۇر << كۈل بىلگە، يەنى ئۇلۇغ تەڭرى زات<<، كۆنچى ،< كۈل بىي>>، يەنى <<نايىب ھۆكۈمران<<، دەپ ئاتالغاندا ھەر قايسى قەبىلە ئاق ساقاللىرى ئىچكى ماجىرا تۇغدۇردى.