قەشقەر كىتابخانىلىق مەشرىپى
«كىتابخانىلىق مەشرىپى»-ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرى ئىچىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. «كىتابخانىلىق مەشرىپى» ئۇلۇغ ئالىم، تىلشۇناس مەھمۇد قەشقىرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا «سۇغدۇش» ( كۆڭۈللۈك ئولتۇرۇش ) دەپ؛ ئىسلامىيەتتىن كېيىن ئەرەپچە «مەشرەپ» ، «مەجالىسۇن كۇتۇپ» ( كىتاب ئوقۇش مەشرىپى ) دەپ ئاتالغان بولسا، ئۇلۇغ ئۇيغۇر شائىرى ناۋائىي زامانىسىدا «ئىلمىي مۇسابىيە» ( ئىلمىي سۆھبەت ) ، «مەجالىسۇن نەپائىس» ( گۈزەل مەجلىسلەر ) دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. ئابدۇرېھىم نىزارىدىن كېيىن ئانا تىلىمىزدا «كىتابخانىلىق مەشرىپى دەپ ئاتىلىپ كەلگەنىدى.
«كىتابخانىلىق مەشرىپى» كىتابلار ھەققىدە ئىلمىي سۆھبەت، بەس- مۇنازىرىلەر، باھالار، قۇتلۇق تىلەكلەر، ئۈمىد- ئارزۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يەرلىك خەلقنىڭ سەنئەت ئويۇنلىرى زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن. /~?*=}c^m
«كىتابخانىلىق مەشرىپى» دە ئىلىم- مەرىپەت، مۇقام، ئەلنەغمە، ناخشا- مۇزىكا، قىزىقچىلىق، ھەجۋىي ئويۇنلار، خۇشخەت، ۋاھىزلىق، مۇشائىرە، تېپىشماق قاتارلىق مول مەزمۇن، رەڭدار، خىلمۇخىل شەكىللەر ئارقىلىق ئىلىم- ھىكمەت، ئەخلاق، ئەقىدە- ئېتىقاد، ئادىمىيلىك پەزىلەت تەربىيىسى ئېلىپ بېرىپ، كىشىلەرنى تەربىيلەيدىغان سېھرىي كۈچى نامايان قىلىنغان.