چاقماق خەۋەر

قولداما

قولداما

ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، زەنجىۋىل سۈيى ئازراق، گۆش 200 گرام، كاۋاۋىچىن سۈيى ئازراق، سۇ يېغى 140 گرام، ئاچچىقسۇ ئازراق، سامساق ئىككى باش، پۇرچاق ئۇنى ئازراق، پەمىدۇر ئىككى تال، پىششىق ياغ ئازراق، كۆك لازا ئىككى تال، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، سەۋزە ئىككى تال، سۇڭپىياز بىر تال.
خېمىرنى قاتتىق يۇغۇرۇپ، ئۇزۇنچاق پىلتە قىلىپ، ئاندىن پىلتىنى ياپىلاق لەڭمەننىڭكىدەك تەييارلاپ، قاقتەك چوڭلۇقتا كېسىپ، ھەربىر تال ئاشنى بارماق بىلەن يىمىرىپ، ئۈچكىسىدىن ئاجراتقان قاقنىڭ يېرىمىغا ئوخشاش قىلىدۇ. ئاندىن قايناۋاتقان سۇغا سېلىپ بەش مىنۇت قاينىتىپ، سۈزۈپ ئېلىپ سوغۇق سۇدا چايقاپ تەييارلىنىدۇ. 
2. گۆش، سەيلىرى قوناقتەك چوڭلۇقتا توغرىلىدۇ. سەيلىرى قورۇما لەڭمەننىڭكىدەك قورۇلىدۇ. پەقەت جاڭدۇنىڭ ئورنىغا قوناقتەك توغرالغان سەۋزە سېلىنىدۇ. 
3. سەيگە ئاشنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ ئۈستىدىن پىششىق ياغنى سېپىپ ئېلىنىدۇ.

 

مەنبە

 

ئۇيغۇرتائاملىرى

 

 

 

Comments are closed.

Scroll To Top