قۇمۇل ئوردا مەشرىپى
ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرى-ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن يىللىق مەدەنىيەت تارىخىدا مىللىي خاسلىقى ئەڭ كۈچلۈك بولغان، يەرلىك پۇرىقى ئۆزگىچە ئىپادىلىنىپ تۇرىدىغان ئەڭ ئاممىۋى، ئەڭ باي مەزمۇنلۇق، ئەڭ رەڭدار ئىلمىي سەنئەت شەكلىنىڭ بىرى.
قۇمۇل مەشرەپلىرى ئۇيغۇر خەلق مەشرەپلىرىنىڭ يارقىن گەۋدىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، باي، مەزمۇنلۇق، جانلىق ئۇسلۇبقا ئىگە خەلق سەنئىتىدۇر.
قۇمۇل مەشرەپلىرى قۇمۇل مۇقاملىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا تەرەققىي قىلغان ۋە خەلق ئىچىگە سىڭگەن. قۇمۇل مەشرەپلىرى گەرچە 20 خىلدىن ئاشسىمۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر بولغىنى ئوردا مەشرىپىدۇر. ئوردا مەشرىپى قەدىمىيلىككە، نەپىس سەنئەت شەكلىگە ۋە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، ۋاقىت جاي خاراكتېرلىك خەلق سەنئىتىدۇر.
بۇ ئوردا مەشرىپى قۇمۇلنىڭ يەتتىنجى ئەۋلاد ۋاڭى مۇھەممەد بېشىر چىڭۋاڭ دەۋرىنى، ئۇنىڭ ئىلى يۇرتىدىن مېھرىبانۇ خېنىمغا ئۆيلەنگەن توي كۈنلىرىنى ئاساس قىلىدۇ.
مۇھەممەد بېشىر چىڭۋاڭ مەرىپەتپەرۋەر، خەلقپەرۋەر، سەنئەتكە ئامراق ۋاڭلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ قۇمۇل يۇرتىنى ئادىللىق بىلەن باشقۇرغان، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەن، ئەلنى قوغدىغان، خەلقىنىڭ مەرىپەت، ئىلىم- بىلىم، سەنئەت ئىشلىرىنى تەرەققى قىلدۇرغان. ئۇ مېھرىبانۇ خېنىمغا ئۆيلىنىشتىن 40 كۈن بۇرۇن قۇمۇلنىڭ 12 تاغ، بەش شەھەر، شەھەر ئەتراپىدىكى داڭلىق ئەلنەغمىچى، سازەندە، ناخشىچى، ئۇسۇلچى، قىزىقچىلارنى يىغىپ ئوردا مەشرىپى ئۈچۈن تەييارلىق قىلدۇرغان ھەم قۇمۇلنىڭ مەشرەپ- مۇقاملىرىنى رەتلەتكۈزگەن. شۇ ئاساستا كېيىنكى ئوردا مەشرەپلىرى ۋە ئىچكى مەشرەپلەر ئۈچۈن ئاساس يارىتىپ بەرگەن.
قۇمۇل ۋاڭلىرى دەۋرىدىكى ئوردا مەشرەپلىرى بەزىدە مېلىش شەكلىنى ئالغان بولۇپ، پەند- نەسىھەت، ئىلىم- تەربىيە، خەلق تۇرمۇشى ھەققىدە مەسلىھەت قاتارلىقلار ئوردا مەشرىپىنىڭ مۇچىم مەزمۇنلىرى بولۇپ قالغان.
ئوردا مەشرىپى ئاساسەن روزا ھېيت، قۇربان ھېيت، نورۇز بايراملىرىدا، توي، بۈشۈك توي، سۈننەت تويلاردا ۋە سىرتتىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش يۈزىسىدىن ئۆتكۈزىلىدۇ. ئوردا مەشرەپلىرىدە ئاساسەن ناخشا، مۇزىكا، ئۇسسۇل، لەپەر، قىززىقچىلىق، بېيت ئېيتىشىش، دورامچىلىق، تەقلىد ئۇسسۇللىرى ئوينىلىدۇ.