كۈنجۈتلۈك نان
ئۇن بەش كىلوگرام، پىياز 500 گرام، سۇ ئىككى يېرىم كىلوگرام، سىيادان 70 گرام، خېمىرتۇرۇچ 175 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، كۈنجۈت 70 گرام.
ئۇنغا خېمىرتۇرۇچ سېلىپ بوشراق خېمىر يۇغۇرۇپ، خېمىر بولغاندا ئىشلەپ،
200 گرام چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ، 20 – 15 مىنۇت تىندۇرۇپ، گىرۋىكىنى قېلىنراق، ئوتتۇرىسىنى نېپىزرەك قىلىپ كەڭرەك نان ياساپ، ئوتتۇرىسىغا چەككۈچ چېكىپ تەييارلىنىدۇ.
2. تونۇرنىڭ ھاۋىسىنى تەڭشەپ، ناننىڭ يۈزىگە كۈنجۈت، سىيادان، ئۇششاق پىياز ئارىلاشمىسىنى تەكشى سۈركەپ، ناننىڭ كەينىگە تۇز ئۇرۇپ، تونۇرغا ئۇدۇللۇق يېقىپ، ئۇدۇللۇق قومۇرۇپ ئېلىنىدۇ