گەنجو ئۇيغۇر دۆلىتى
( 9-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن 1028-يىلىغىچە)
مىلادى 840-يىلىدىكى چوڭ كۆچۈشتە ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە كۆچكەن قەبىلىلىرىنىڭ ئىچىدە ئازراق بىر تارمىقى ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ خېشى كارىدورى ئەتراپىغا كۆچۈپ كېلىپ، بۇ رايوندا ئەزەلدىن ماكانلاشقان ئۇيغۇر قەبىلىلىرى بىلەن بىرلەشتى.
خېشى كارىدورى ئەزەلدىن ھۇنلار ۋە كېيىنكى ئۇيغۇر قاتارلىق كۆچمەن خەلقلەرنىڭ ماكانلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دەسلەپكى مىلادى 632-يىلى، بىر قېتىم خېشى كارىدورىدىكى گەنجۇ ۋە لياڭجوۋ رايونىغا كېلىپ ماكانلاشقانلىقى ئېنىق. شۇ قېتىملىق كۆچۈشتە ئۇيغۇرلارنىڭ چەبىش قەبىلىسىدىن 6 مىڭ تۈتۈن ،تەخمىنەن 30-40 مىڭ ئادەم مۇشۇ رايونغا كۆچۈپ كەلگەن. دېمەك، 9-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىكى كۆچۈشتە بىر تارماقنىڭ ئۇدۇل خېشى كارىدورىدىكى جايلارغا كېلىشى، بۇ يەردە ئەسلىدىن بار بولغان قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىشىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ چاغدا مەزكۇر جايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ كۆپ بولۇشى تەبىئىي ئىدى.
خېشى كارىدورىغا كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇر قەبىلىلىرى دەسلەپتە مەزكۇر رايوننى كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىۋالغان تۈبۈتلەرگە بەيئەت قىلدى. 9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا خەنزۇ مىلىتارىستى جاڭ يىچاۋ تۈبۈتلەرنىڭ ئىچكى ماجىرالىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ، بۇ جاينىڭ قىسقا ۋاقىتلىق يەرلىك ھۆكۈمرانىغا ئايلاندى. 9-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۇيغۇرلار قەدەممۇ-قەدەم كۈچىيىپ، ئەھۋالى ياخشىلىنىپ، خېشى رايونىدىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندى.
بۇ ئۇيغۇرلار جوڭگۇ مەنبەلىرىدە «خېشى ئۇيغۇرلىرى» ۋە ياكى «گەنجو ئۇيغۇرلىرى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قاغانى گەنجو شەھىرىنى پايتەخت قىلغانلىقى ئۈچۈن «گەنجو ئۇيغۇرلىرى» دەپ ئاتالغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر رايوندا قۇرغان دۆلىتى ھازىرقى زامان تارىخشۇناسلىرى تەرىپىدىن «گەنجو ئۇيغۇر دۆلىتى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئۇيغۇر تارىخچىسى تۇرغۇن ئالماس « كەڭسۇ ئۇيغۇر خانلىقى» دەپ ئاتىغان.
مەزكۇر ئۇيغۇر دۆلىتى ھەققىدە ئۇيغۇرچە ۋە باشقا تىللاردىكى مەنبەلەر يوق دېيەرلىك،پەقەت جۇڭگو مەنبەلىرىدىلا ئۇلار ھەققىدە بىر قەدەر كۆپ ئۇچۇرلار قالدۇرۇلغان بولۇپ، ئەنە شۇ جۇڭگو مەنبەلىرى ئارقىلىقلا مەزكۇر خاندانلىقنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە يېتەرلىك بولمىسىمۇ، مەلۇم چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ.
خېشى ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارقالغان جايلىرى ناھايىتى كەڭرى بولۇپ، گەنجونى ( ھازىرقى گەنسۇنىڭ جاڭيې رايونى) مەركەز قىلغان ئۇيغۇرلار سان جەھەتتىن كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن گەنجو مەركەزگە ئايلانغان ئىدى. ئۇيغۇرلار گەنجونى مەركەز قىلغان ھالدا غەربتە گەنجودىن باشقا يەنە سۇ جوۋ ( ھازىرقى جۇچۈئەن )، گۇاجوۋ،( ھازىرقى ئەنشى)، شاجوۋ ( ھازىرقى دۇڭخۇاڭ)، شەرقىي جەنۇبىي تەرەپتە لياڭجوۋ( ھازىرقى ۋۇۋېي)، لەنجوۋ( ھازىرقى لەنجۇ شەھىرى)، چىنچۈ ( ھازىرقى تيەنشۈي)، شەرقىي شىمالدا خېلەنشەن تېغى ( نىڭشا چېگرىسىدا )، غەربىي شىمالدا ھازىرقى ئېجىنا دەرياسىغىچە بولغان جايلاردا ياشىدى. ئۇيغۇرلار تارقالغان جايلارنىڭ ھەممىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئورنىتىلغان بولۇپ، گەنجوۋ شەھىرى ئۇيغۇر قاغانى ئورۇنلاشقان جاي ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە گەنجوۋدىكى ئۇيغۇر قاغانىغا بويسۇناتتى.
ئۇيغۇرلارنىڭ خېشى كارىدورىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جايلاردا ئىگىلىگەن زېمىنى پەيدىن-پەي كېڭەيگەن بولۇپ، ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ ئەلچىسى شىمالىي سوڭ سۇلالىسىگە ئۆزلىرىنىڭ زېمىنلىرىنىڭ شەرقتە خۇاڭخې دەرياسى بويلىرىدىن تارتىپ، غەربتە قارلىق تاغقىچە ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ تەۋەلىكىدە بىر قانچە يۈز چوڭ- كىچىك ئايماقلار ۋە كەنتلەر بارلىقىنى مەلۇم قىلغان .
10-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا خېشى ئۇيغۇرلىرىنىڭ سانى كۆپىيىپ، 300 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، ئۇلار خېشى رايونىدىكى كۆپ سانلىق خەلققە ئايلانغان ئىدى.
گەنجو ئۇيغۇر دۆلىتى قۇدرەت تاپقاندا، ئۇنىڭ زېمىنى شەرقتە خۇاڭخې دەرياسى ۋادىلىرىدىن، غەربتە دۇنخۇاڭغىچە، جەنۇبتا چوغاي ) چىلەنشەن) تاغلىرىغىچە، شىمالدا گوبى قۇملۇقىغىچە بولغان جايلارغا كېڭەيگەن بولۇپ، بۇ بىپايان زېمىنلەر ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن كونترول قىلىندى.
گەنجو ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرۇلغان يىلى ھەققىدە ھەر خىل قاراش بار. بەزىلەر بۇ خانلىقنى 840-يىلى، پانتېكىن قۇرغانلىقىنى ئېيتىشىدۇ. خانلىقنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى ھەققىدە يەنە، مەزكۇر خانلىق مىلادى 884يىلىدىن ئىلگىرى، ياكى 872-يىلى ۋە ياكى 884-887-يىللىرى ئارىسىدا قۇرۇلدى دەيدىغان قاراشمۇ مەۋجۇت. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ، گەنجو ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ مىلادى 895-900-يىللىرى ئارىسىدا قۇرۇلغانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلارمۇ مەۋجۇت.
يەنە بەزىلەر مەزكۇر يىل كۆرسەتمىلىرىنى ئىشلەتمەي، خانلىقنىڭ 10-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قۇرۇلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مەزكۇر كۆز قاراشتىكىلەر گەنجو ئۇيغۇرلىرىنىڭ 10-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا داۋاملىق شەرق ۋە غەربكە يۈرۈش قىلىپ، خېشى كارىدورى رايونىدىكى بىردىن بىر قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلانغانلىقى ، ئۇنىڭ تەركىبىدە تۈبۈتلەر، تاڭغۇتلار ۋە خەنلەر ياشىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئومۇمەن، گەنسۇدىكى بۇ ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى ھەققىدە بىرلىككە كەلگەن يەكۈن يوق. ئەمما، 10-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا تاڭغۇتلار قەدەممۇ -قەدەم كۈچىيىپ ، خېشى رايونىنى ئۇيغۇرلاردىن تالىشىشقا كىرىشتى. گەنجو ئۇيغۇر قالغانلىقى مىلادى 1001-يىلى، تاڭغۇتلار بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ھەربىي-سىياسىي ئىتتىپاقچى تېپىش مەقسىتىدە شىمالىي سوڭغا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى شەكىللەندۈرۈپ، بىرلىكتە تاڭغۇتلار قارشى تۇرۇشقا پۈتۈشتى.
ئۇيغۇر دۆلىتى يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى ئۈستىگە جايلاشقان بولۇپ، غەرب بىلەن شەرقنىڭ بارلىق سودا-ئىقتىسادىي ئالماشتۇرۇشى مانا شۇ خېشى كارىدورى ئارقىلىق ئۆتەتتى.بۇ مۇھىم ئۆتكەل ئۇزۇن ۋاقىت ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدا بولۇپ، ئۇلارغا زور ئىقتىسادىي پايدا كەلتۈردى. شۇڭا بۇ يولنى ئىگىلەشكە يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن تاڭغۇتلارمۇ ئالاھىدە قىزىقىپ، ئۇيغۇر دۆلىتىنى يوقىتىشقا ئۇرۇندى.
ئۇيغۇرلار بىلەن تاڭغۇتلار ئارىسىدىكى ئۇرۇش 30 يىل داۋاملاشقان بولۇپ، گاھىدا ئۇيغۇرلار غەلىبە قىلسا، گاھىدا تاڭغۇتلار غەلىبە قىلدى. مىلادى 1028-يىلى تاڭغۇتلار گەنجو ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ پايتەختى گەنجو شەھىرىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ئۇيغۇر دۆلىتىنى يوقاتتى. ئۇيغۇرلار ئومۇمىييۈزلۇك قىرغىن قىلىشقا ئۇچرىغان بولۇپ، ھايات قالغان ئۇيغۇرلار چېچىلىپ كەتتى ۋە تاڭغۇتلارغا تەۋە بولۇپ ياشىدى.
گەنجو ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ يوقىتىلىشى خېشى رايونىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ قەدەممۇ-قەدەم تاڭغۇتلار ۋە تۈبۈتلەر ئارىسىغا سىڭىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئەگەردە بۇ خاندانلىق يەنە ئۇزۇن مەزگىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بولسا، خېشى رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىشى، كۆپىيىشى ، گۈللىنىشى ۋە بۇ زېمىن قۇمۇل-تۇرپان تەۋەسى بىلەن تۇتىشىپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ ماكانىغا ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى.
خېشى كارىدورى رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىمى باشتا مانىخەي دىنىغا ئېتىقاد قىلغان بولسا،كېيىن قەدەممۇ-قەدەم مەزكۇر رايونىدىكى ھۆكۇمران دىن بۇددا دىنىنى قوبۇل قىلىپ، بۇددىزم ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق ئېتىقادىغا ئايلاندى. مانا بۇ تەرەپلەر ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددىزم ئېتىقادىدىكى تاڭغۇتلار، تۈبۈتلەر ۋە باشقىلارغا ئاستا-ئاستا سىڭىپ كېتىشىدىكى مۇھىم ئامىلغا ئايلاندى.
خېشى رايونىدىكى بۇ ئۇيغۇرلار ھازىرقى يۈگۇلار، يەنى سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ بىۋاسىتە ئەجدادلىرىدۇر.
گەنجو ئۇيغۇر دۆلىتى بىلەن تۇرپاننى بازا قىلغان ئۇيغۇر ئىدىقۇتلۇقى ئارىسىدا ئالاقىلەر بولۇشى تەبىئىي، چۈنكى، مەزكۇر ئىككى خاندانلىقنى قۇرغۇچىلار ئارىسىدا تۇغقانچىلىق ۋە ئۇرۇق مۇناسىۋەتلىرى بار.ئەمما، ئىككىسىنىڭ ئارىسى يىراق، ئارىلىقىنى بىپايان چۆللۈكلەر ئايرىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن گەنجو ئۇيغۇرلىرى تاڭغۇتلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا تۇرپان ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ ئۇلارغا ياردەم بېرىش ئىمكانىيىتى بولمىدى.
گەنجو ئۇيغۇر دۆلىتى ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ قۇرغان ئۈچ دۆلىتىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ خاندانلىق مەزكۇر ئۈچ دۆلەت ئىچىدە ئەڭ قىسقا ۋاقىت مەۋجۇت بولۇش تۇرۇش قىسمىتىگە دۇچ كەلدى.