[خۇرۇچى] ئاق ئۇن بىر كىلوگرام، قارىمۇچ بىر چىمدىم، گۆش ئىككى يېرىم كىلوگرام، كاۋاۋىچىن 10 تال، تۇخۇم ئىككى دانە،زەنجىۋىل بىر باش، پىياز ئىككى باش ، قۇرۇت 140 گرام. [ئېتىش ئۇسۇلى] 1. گۆشنى 140 گرام چوڭلۇقتا پارچىلاپ، سوغۇق سۇغا سېلىپ قاينىتىپ، تۇز قۇيۇپ شورپىسى بىر
قانچە رەت سورۇلىدۇ. ئاندىن كاۋاۋىچىن، زەنجىۋىلنى پۈتۈن سېلىپ، پەس ئوتتا بىر سائەت سىم-سىم قاينىتىپ، پىشقان گۆشنى، كاۋاۋىچىن، زەنجىۋىلنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىلىدۇ.
2.تۇخۇمنى ئۇنغا چېقىپ، تۇزنى ئۆتكۈزۈپرەك چىڭ خېمىر يۇغۇرۇپ، 10-15 مىنۇت تىندۇرۇلىدۇ.
تىنغان خېمىرنى نېپىز يېيىپ، 15 مىنۇت شامالدىتىپ، قىسقا ئۈگرە كېسىپ، قايناق سۇغا سېلىپ 10 مىنۇت قاينىتىلىدۇ. ئۈگرە پىشقاندا سۈزۈپ ئېلىپ، سوغۇق سۇدا بىر قېتىم چايقاپ لېگەنگە ئېلىپ قۇيۇلىدۇ.
3.ئۇششاق يالپاقلاپ توغرالغان پىيازنى بىر قاچىغا سېلىپ، ئۈستىگە شورپىسىنىڭ يۈزىدىن قۇيۇلىدۇ. تەڭشەلگەن بۇ شورپا <چىق> دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ئۈگرىنىڭ ئۈستىگە گۆشنى ئۇششاق تۇغراپ سېلىپ، سوققان قارىمۇچنى سېپىپ، تاييارلانغان چىق ئايرىم قاچىدا كەلتۈرۈلىدۇ. مېھمانلار يېيىش ۋاقتىدا چىقنى ئاشنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇپ يەيدۇ.
سوققان قۇرت ئايرىم تەخسىدە كەلتۈرۈلىدۇ. قۇرتنى ھەركىم ئۆز تاۋىغا قاراپ ئىستېمال قىلىدۇ. [ئالاھىدىلىكى] گۆش كۆپ، شورپىلىق، تەملىك ۋە كۈچلۈك بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئالاھىدە ئېسىل تاماقلىرىدىن بىرى.