چاقماق خەۋەر
Home 20 ئۇيغۇر مەدەنىيىتى 20 ياپىلاق گۆش قورۇمىسى

ياپىلاق گۆش قورۇمىسى

ياپىلاق گۆش قورۇمىسى

 

خۇرۇچى
قوي گۆشى 500گرام ،كاۋاۋىچىن ئازراق،تۇخۇم بىر دانە ،ئەبجەش ياغ بىر كلوگرام، پۇرچاق ئۇنى 35گرام،تۇز مۇۋاپىق مىقداردا ،شورپا ئازراق،سۇيېغى ئازراق

قورۇش ئۇسۇلى
1.قوي گۆشىنىڭ يىپ،پەيلىرىنى ئېلىۋىتىپ ،ئۇزۇنلىقى ئۈچ سانتىمىتىر ،كەڭلىكى ئككى سانتىمىتىر قىلىپ نىپىزرەك يالپاقلاپ توغرىلىدۇ.
2.گۆشكە چىلىغان پۇرچاق ئۇنى ،تۇز ،سوققان كاۋاۋىچىن ،جاڭيۇ، تۇخۇم، شورپا ئارىلاشتۇرىلىدۇ.
3.قازانغا ياغ قۇيۇپ 7-8دەرىجە قىزىتىپ گۆشنى سېلىپ توق سېرىق رەڭگە كىرگۈچە بىر بىرىگە چاپلاشتۇرماي پشۇرۇپ ،تەخسىگە ئېلىپ ،ئۈستىگە سوققان كاۋاۋىچىننى تەكشى سېپىپ ،ئازراق سۇ يېغى چېچىپ قۇيۇلىدۇ.

ئالاھىدىلىكى
تېشى چۈرۈك ، ئىچى يۇمران ، دورا دەرمەك تەمى كۈچلۈك.

 

مەنبە:ئۇيغۇر تائاملىرى

Comments are closed.

Scroll To Top