يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلى دەۋرى (چاغىتاي ئۇيغۇر تىلى دەۋرى)
بۇ دەۋر مىلادىيە 13 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرغىچە بولغان دەۋرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چاغىتاي تىلى دەۋرى ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ؛ بىرىنچى باسقۇچ دەسلەپكى چاغىتاي تىلى دەۋرى بولۇپ، بۇ باسقۇچ مىلادىيە 13 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن 15 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان دەۋرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ چاغىتاي تىلىنىڭ شەكىللىنىش باسقۇچى. بۇ باسقۇچتا، ئىدىقۇت ئۇيغۇر يازما ئەدەبىي تىلى بىلەن قاراخانىلار دەۋرىدە قوللىنىلغان يازما ئەدەبىي تىل قوشۇلۇپ كەتكەن ۋە ئۇلارنىڭ تەركىبى قىسىملىرى، بولۇپمۇ لېكسىكا قىسمىدا ئەرەب، پارس تىللىرىدىن كۆپلەپ سۆز قوبۇل قىلىنغان. بۇ دەۋىردە پەلسەپە، ئەدەبىيات، تارىخ، تىبابەتچىلىككە دائىر نۇرغۇن ئەسەرلەر يېزىلغان ۋە ئەرەب، پارىس تىللىرىدىنمۇ نۇرغۇن ئەسەرلەر تەرجىمە قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن چاغىتاي تىلىنىڭ تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرگەن. جامال قارشى، سەيپى، سارايى، خارەزىمى، سەككاكى، نەسىردىن رابغۇزى، لۇتفى، ئاتايى قاتارلىقلار يازغان ئەسەرلەرنىڭ تىلىنى مۇشۇ دەۋر تىلىغا ۋەكىل قىلىپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ.
ئىككىنچى باسقۇچ ئوتتۇرا چاغىتاي تىلى دەۋرى بولۇپ، 15 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 17 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان دەۋرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ دەۋىرنى ئالىملار « كلاسسىك چاغىتاي دەۋرى» دەپمۇ ئاتايدۇ. بۇ دەۋر چاغىتاي تىلىنىڭ كامالەتكە يەتكەن ۋە ئالدىنقى دەۋىرگە نىسبەتەن تۇراقلىققا ئىگە بولغان دەۋر ھېسابلىنىدۇ. بۇ دەۋردە پەلسەپە، ئەدەبىيات، تارىخ، ئاسترونومىيە، تىبابەتچىلىك ۋە تىلغا دائىر نۇرغۇن ئەسەرلەر يېزىلغان ۋە شۇنداقلا ئەرەب،پارىس تىللىرىدىن نۇرغۇن ئەسەرلەر تەرجىمە قىلىنغان. نەۋائىي، ھۈسەيىن بايقارا، بابۇر، مۇھەممەد سالىھ قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تىلىنى مۇشۇ دەۋر تىلىغا ۋەكىل قىلىپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ.
ئۈچىنچى باسقۇچ كېيىنكى چاغىتاي تىلى دەۋرى بولۇپ، بۇ دەۋر 17 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە بولغان دەۋرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ دەۋىردە پۈتۈن چاغىتاي تىلى ھەرقايسى ئۇلۇسلارنىڭ تىل ئالاھىدىلىكلىرىگە ئۇيغۇنلاشقان ھالدا، ھەرقايسى رايونلاردا ئۆزىگە خاس تەرەققىيات يۆلۈنۈشى بويىچە تەرەققىي قىلغان، جۈملىدىن ئۇيغۇر، ئۆزبېك خەلقلىرى ئارىسىدىمۇ بىر پۈتۈن چاغىتاي تىلىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى ئەكس ئەتكەن. بۇ دەۋىردە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى باسقۇچىغا ئۆتۈشنىڭ سان جەھەتتىكى زۆرۈر ئۆزگىرىشلىرى ھازىرلانغان. شۇڭا 19 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى چاغىتاي تىلىنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ئۆتۈش باسقۇچى دېيىشكە بولىدۇ. گۇمنام، خىرقىتى، زەلىلى، نەۋبەتى، ئابدۇرەھىم نىزارى، قەلەندەر، موللا مۇھەممەد تۆمۈر ياركەندى، غەرىبىي قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تىلىنى مۇشۇ دەۋر تىلىغا ۋەكىل قىلىپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ.