چاقماق خەۋەر
Home 20 ئۇيغۇر مەدەنىيىتى 20 يېڭىسار پىچىقى

يېڭىسار پىچىقى

يېڭىسار پىچىقى

 پىچاق قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئادىتىدە يىگىتلەر كېچە – كۈندۈز يېنىدىن ئايرىمايدىغان “قورال” بولۇپ كەلگەن، ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ بېلىنى بەلباغ بىلەن باغلاش ئادىتىمۇ پىچاقنى يانغا ئېسىش ئىھتىياجىدىن كىلىپ چىققان. قىسىقىسى، پىچاقنى ئۇلۇغلاش ۋە ئۇنى يانغا ئېسىپ يۈرۈش، پىچاقنى ئەرلىك جاسارىتىنىڭ مۇھىم بەلگىسى دەپ بىلىش، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم ئەنئەنىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇ سەۋەپتىن، بالىنى تۈنجى قېتىم بۆشۈككە سالغاندا، ئەگەر ئوغۇل بالا بولسا، ئۇنىڭغا ھەمراھ قىلىپ ياستۇقنىڭ ئاستىغا پىچاق قويۇپ قويىدىغان ئادەتلەر، قەسەم قىلغاندا پىچاقنى يەرگە سانچىپ قويۇپ، ئۇنى “گۇۋاھچى” قىلىش قاتارلىق ئەقىدىلەر پەيدا بولغان.

مەنبە: ئۇيغۇر ئۆرۇپ_ئادەتلىرى

Comments are closed.

Scroll To Top