قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى
ئۇيغۇرلار قىرغىزىستاندىكى نوپۇسى بىر قەدەر كۆپ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى بۇ دۆلەت تارىخىدا ناھايىتى ئۇزۇن تەرەققىيات جەريانىنى بېسىپ ئۆتتى. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى چار رۇسىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ھازىرقى مۇستەقىللىق دەۋرلىرىدىن ئىبارەت ئۇزۇن مۇساپىنى باشتىن كەچۈردى.
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىر قىسىمى سۈپىتىدە ئۆز تىلى، مەدەنىيىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلىغان بولۇپ، نوپۇس جەھەتتىكى ئازلىقى ۋە تارقاقلىقى تۈپەيلىدىن مىللىي مائارىپ ئەنئەنىسى يارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىغان. بىراق، ئۆز مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى بىر قەدەر ياخشى ساقلىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات
يۆنىلىشى ھەققىدە خۇلاسە چىقىرىش قىيىن. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەڭ باراۋەر پۇقرالىرى سۈپىتىدە جۇمھۇرىيەتنىڭ سىياسىي،ئىجتىمائىي، سودا- ئىقتىساد، ئىگىلىك ۋە مەدەنىي ھاياتىدا تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە ئورتاق « قىرغىزىستانلىق» كىملىكىنى تۇرغۇزۇش يولىدا تىرىشىپ، دۆلەتنىڭ « قىرغىزىستان ھەممىمىزنىڭ ئورتاق ئۆيى» دېگەن مىللىي ئىتتىپاقلىق شوئارى ئاستىدا، مىللي باراۋەرلىك ھوقۇقلىرىدىن بەھرىمەن بولۇپ، مەزكۇر جۇمھۇرىيەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئۆز ھەسسىسىنى قوشماقتا.
ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىزىستانغا ماكانلىشىشى
ئۇيغۇرلار قىرغىزىستاننىڭ يەتتەسۇ بىلەن تۇتىشىدىغان جايلىرى، ئىسسىق كۆل رايونى ۋە پەرغانە ۋادىسى بىلەن ئۇزۇن تارىخىي باغلىنىشلىق مۇناسىۋەتكە ئىگە. بۇ رايونلار قەدىمدىن تارتىپ تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ پائالىيەت مەركەزلىرىدىن بولۇپ، ئەركەشتام، تورغات ۋە بەدەل ئارت تارىم ۋادىسى بىلەن ئىسسىق كۆل ھەم پەرغانە ۋادىلىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم ئۆتكەللەردۇر. ئىككى تەرەپ ئاھالىسى قەدىمدىن تارتىپ، بۇ ئۆتكەللەر ئارقىلىق بىر-بىرىنىڭ تېررىتورىيىلىرىگە ئۆتۈپ ياشىغان ئىدى. مۇنداق ئېتنىك،سىياسىي-ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرى ئەسىرلەردىن بۇيان ئىزچىللىقنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، قىرغىز قەبىلىلىرىنىڭ مەزكۇر ئۆتكەللەر ئارقىلىق تارىم بوستانلىقى ئەتراپىدىكى رايونلارغا كۆچۈشى، ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە شۇ ئۆتكەللەر ئارقىلىق پەرغانە ۋە ئىسسىق كۆل ھەم چۇ دەريا ۋادىلىرىغا كۆچۈشى ئەنە شۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ نەتىجىسى ئىدى خالاس.
ئىسسىق كۆل بويى، نارىن، ئوش ۋىلايەتلىرىنىڭ قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى ئېتنىك-سىياسىي، مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن ئۇيغۇر ئېلى بىلەن، بولۇپمۇ تارىم ۋادىسى ھەم تەكلىماكان ئەتراپى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتلەردە بولغانلىقى ئېنىق. قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىرلەردە بۇ رايونلار ئورتاق سىياسىي گەۋدىلەر ئىچىدە ئىدى.
18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن ئېتىبارەن مەركىزىي ئاسىيا سىياسىي تارىخىدا جىددىي ئۆزگىرىشلەر باشلاندى. تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالىي، شەرقىي رايونلىرى ۋە تارىم بوستانلىقى مانجۇر-چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىغا چۈشتى. 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ئېتىبارەن چار رۇسىيە قوشۇنلىرى ئىسسىق كۆل ۋە يەتتەسۇ رايونلىرىنى ئىگىلىدى . 19-ئەسىردە بىر قىسىم قىرغىز قەبىلىلىرى قوقەنت خانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈردى. ئۇلار قوقەنت خانلىقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن رۇسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ تەۋەلىكىنى قوبۇل قىلدى. 1853-1863-يىللىرى شىمالىي قىرغىزىستان رۇسىيىگە قوشۇلدى. 1854-يىلى، چار رۇسىيە قوشۇنلىرى ھازىرقى ئالمۇتادا ۋېرنېي شەھىرىنى قۇرۇپ، ئۇنى بارغانسېرى زورايتىشقا كىرىشتى.1862-يىللىرىغا كەلگەندە رۇسلار چۇي دەرياسى ۋاسىدىنى ئىگىلەپ، پىشپېك ناھىيىسىنى قۇرۇپ، قوقەنت خانلىقى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا زېمىن تالىشىش كۈرىشى ئېلىپ باردى[1]. 1867-يىلى،يەتتەسۇ يەتتەسۇ ئوبلاستى قۇرۇلۇپ، پۈتۈن شىمالىي قىرغىزىستان ۋە ئىسسىق كۆل ئەتراپى مەزكۇر ئوبلاستقا قارىدى، 1869-يىلى، چار رۇسىيە ئىسسىق كۆلنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا قاراقول شەھىرىنى بەرپا قىلىپ، بۇ جاينى داۋاملىق قەشقەرىيىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە قەشقەرىيە بىلەن سودا ئالاقىلىرى قىلىش مەركىزىگە ئايلاندۇردى.
بۇ ۋاقىتتا ياقۇببەك رەھبەرلىكىدىكى قەشقەرىيە دۆلىتى كۇچىيىۋاتقان بولۇپ، چار رۇسىيە قوشۇنلىرى داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، نارىن قاتارلىق جايلارغىچە ئىگىلەپ، قەشقەرىيە چېگرىسىغا يېقىنلاشقاندا ياقۇب بەك بىلەن چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئارىسىدا چېگرا كېلىشىمى تۈزۈلگەن ئىدى. پۈتۈن قىرغىزىستان 1876-يىللىرىغا كەلگەندە پۈتۈنلەي رۇسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ خەرىتىسىگە كىردى.
بىر قىسىم قىرغىز قەبىلىلىرى رۇسىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما قوقەنت خانلىقىنىڭ كونتروللۇقىدىن قۇتۇلۇشنى ئۈمىد قىلغان بىر قىسىم قىرغىز قەبىلە ئاق ساقاللىرى رۇسىيىگە بويسۇنۇش ئارقىلىق ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالماقچى بولغان ئىدى. جەنۇبىي قىرغىزىستان ، يەنى ھازىرقى ئوش، باتكەنت ۋە باشقا جايلار 1876-يىلى، چار رۇسىيە قوقەنت خانلىقىنى ئۈزۈل-كېسىل يوقاتقاندىن كېيىن رۇسىيە تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلدى.
19-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن باشلانغان ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەرنىڭ مانجۇر-چىڭ سۇلالىسىغا قارشى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە 1878-يىلى، مانجۇر-چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ قەشقەرىيىنى قايتىدىن ئىشغال قىلىشى، 1881-يىلىدىكى « پېتېربۇرگ شەرتنامىسى» دىن ئىبارەت مەزكۇر سىياسى ۋەقەلەر تارىم بوستانلىقى رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ توختاۋسىز ھالدا پەرغانە ۋادىسى ۋە يەتتەسۇ ھەم ئىسسىق كۆل رايونىغا كۆچۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. مەنچىڭ ئىمپېرىيىسىگە قارشى ھەر قېتىملىق قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، قەشقەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاھالىلارنىڭ قېچىپ پاناھلىنىش يولى پەرغانە ۋادىسى بولۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى ئەركەشتام ۋە تورغات ئۆتكەللىرى ئارقىلىق پەرغانە ۋادىلىرىغا بېرىپ ماكانلاشقان.
ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسى ۋە ئاقسۇغا يېقىن جايلاردىكى ئاھالىلارنىڭ قېچىش، كۆچۈش ۋە كارۋان يوللىرى ئۇچتۇرپان تەۋەسىدىكى تەڭرى تاغلىرىنىڭ بەدەل ئارت قاتارلىق ئۆتكەللىرى بولۇپ، بەدەل ئارت تەڭرى تېغىنىڭ چوڭقۇر جىلغىسىغا جايلاشقان بولۇپ، مەزكۇر ئۆتكەل يەر شارائىتىنىڭ خەتەرلىك ئەمەسلىكى ۋە نەپەس ئېلىش قىيىن ئېگىز داۋان بولماسلىقىدەك تەرەپلىرى بىلەن ئاھالىلارنىڭ كوللېكتىپ ھالدا ،يۈك-تاقلىرى ۋە مال-چاۋىلىرىنى ئېلىپ ئۆتۈشىگە ناھايىتى قولايلىق ئىمكانىيەت ياراتقان ئىدى. ئۇچتۇرپان بوستانلىقى بىلەن ئىسسىق كۆل رايونىغا تۇتىشىدىغان بوستانلىق رايونلارنىڭ تەخمىنەن ئارىلىقى 100 كىلومېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، شارائىتى ناچار تاغلىق رايونلارنىڭ دائىرىسى ئانچە كۆپ ئەمەس.ئۇنىڭ ئۈستىگە بەدەل ئارتنىڭ غەربى تەرىپى پۈتۈنلەي ئورمان ۋە يايلاقلار بىلەن قاپلانغان بولۇپ، تەبىئىي شارائىتى ناھايىتى ياخشى. ئارقىلىق ئۇدۇل ئىسسىق كۆل ئەتراپىغا چۈشۈپ يەرلەشكەن. 19-ئەسىردىكى چوڭ كۆچۈشلەردە زور ساندىكى ئۇيغۇرلار ئوخشاشلا مەزكۇر ئۆتكەل ئارقىلىق ، ئىسسىق كۆل بويىغا كېلىپ ماكانلاشقان ، ھەتتا تورغات ئارقىلىق ئۆتكەنلەرنىڭ بىر قىسمىمۇ شىمال تەرەپكە يۈرۈپ، ئىسسىق كۆل بويى ئەتراپىدىكى دېھقانچىلىق رايونلىرىغا يەرلەشكەن ئىدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىزىستان تەۋەسىگە يەنە بىر قېتىملىق كەڭ كېلىپ ماكانلىشىشى 1954-1962-يىللىرىدىكى ئاممىۋى كۆچۈش نەتىجىسىدە يۈز بەردى. ئالدى بىلەن قازاقىستان تەۋەسىگە كېلىپ، ھەر قايسى ئوبلاستلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان زور ساندىكى ئۇيغۇرلار قەدەممۇ-قەدەم فرۇنزې شەھىرى ۋە چۇ ۋىلايىتى ھەم قاراقول شەھەرلىرىگە كېلىپ يەرلىشىپ، فرۇنزې شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىر قىسىم ئاھالىلار پونكىتلىرىنى شەكىللەندۈردى.
شۇنىڭغا ئوخشاشلا 1916-يىلى، قىرغىزلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ چار رۇسىيىگە قارشى قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن قاچقان زور ساندىكى قىرغىز مۇساپىرلىرى بەدەل ئارت ئۆتكىلى ئارقىلىق ئۇچتۇرپان، ئاقسۇ، كۇچار قاتارلىق ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان تارىم بوستانلىقىنىڭ ئەتراپىغا ۋە ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ ئارىسىغا تارقىلىپ، پاناھلانغان ئىدى.
20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان شەھەرلەرنىڭ بىرى قاراقول ، يەنى پىرزھىۋالسك شەھىرى بولۇپ، بۇ جاي 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چار رۇسىيە ۋە كېيىنكى سوۋېت رۇسىيىسى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مۇھىم سودا-ئىقتىساد ئالماشتۇرۇش مەركىزىلىق رولىنى ئوينىغان ئىدى. شەھەرگە كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار ماكانلاشقان بولۇپ، دەسلەپكى شەھەر ئاھالىسى رۇسلار، ئۇيغۇرلار، ئۆزبېكلەر، قىرغىزلار،تاتارلار ۋە تۇڭگانلاردىن ئىبارەت ئىدى. ئەنە شۇنداق كۆپ تۈركىي خەلقنىڭ بىرلىكتە ياشاش ۋەزىيىتى ئۇزۇن داۋاملاشقانلىقى تۈپەيلىدىن قاراقول شەھىرىنىڭ تۈركىي ئاھالىسى ئورتاق ئالاقە ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئورتاق تۈركىي ئېغىز تىلى شەكىلەندۈرگەن بولۇپ، بۇ تىلدا ئۇيغۇر، ئۆزبېك، قىرغىز ۋە تاتار تىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى جارى قىلدۇرۇلغان ئىدى.
تاكى 1930-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر دىياردىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا توشۇلىدىغان تۈرلۈك چارۋا ماللىرى، خام ئەشيالار ۋە باشقا تۈرلۈك يەرلىك مەھسۇلاتلار ئۇچتۇرپان ۋە بەدەل ئارت داۋىنى ئارقىلىق ئىسسىق كۆل بويىدىكى قاراقول شەھىرى ئەتراپىغا ئېلىپ بېرىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى سودا شىركەتلىرىگە ئۆتكۈزۈلۈپ ۋە ياكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يېنىك سانائەت ماللىرىغا ئالماشتۇرۇلۇپ، يەنە شۇ بەدەل ۋە ئۇچتۇرپان ئارقىلىق ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە باشقا جايلارغا توشۇلاتتى.قاراقولنىڭ مۇنداق ئالاھىدىلىكى تۈپەيلىدىن مەزكۇر شەھەرگە كۆپ ساندا ئەسلى قەشقەر ۋە ئاتۇش تەۋەسىدىن كەلگەن سودىگەرلەر تەبىقىسى ماكانلاشقان.
ھەتتا، 1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئىنقىلاب رەھبەرلىرىدىن ئابدۇكېرىم ئابباسوف ، مۇھەممەد ئىمىن ئىمىنوف قاتارلىقلارنىڭ ئائىلىسىمۇ ئەنە شۇ شەھەردە ياشىغان بولۇپ، ئابدۇكېرىم ئابباسوف قاراقول شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن ئىدى.
قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى، تۇنجى ئۇيغۇر پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى ۋە پروفېسسور ئەزىز ئەيساجان ئوغلى نارىنبايېفمۇ ئەشۇ قاراقول شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ بوۋىسى ۋە مومىسى 1877-1878-يىللىرى ئارىسىدا مانجۇر-چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ قىرغىن قىلىشىدىن قورقۇپ ئاقسۇ تەۋەسىدىن ئىسسىق كۆل بويىدىكى مەزكۇر قاراقول شەھىرىگە كېلىپ ماكانلاشقان ئىكەن.
نوپۇس تەرەققىياتى
قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى بويىچە ئۇيغۇرلار قىرغىز، رۇس، ئۆزبېك، تۇڭگاندىن كېيىن 5-ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىزىستاندىكى سانى 2013-يىلى، 51 مىڭ 389 نەپەر دەپ ئېلان قىلىنغان. لېكىن، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھەقىقىي سانى ھەققىدە ھەر خىل ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار مەۋجۇت. بەزىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جۇمھۇرىيەتتىكى سانىنىڭ دۆلەت رەسمىي سانلىق مەلۇماتىدىن خېلىلا كۆپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ
قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 1959-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى دۆلەت سانلىق مەلۇماتى تۆۋەندىكىچە:
1959-يىلى، 13مىڭ 157
1989-يىلى، 36مىڭ 779
1999-يىلى، 46مىڭ 944
2009-يىلى، 48 مىڭ 543
2012-يىلى، 50 مىڭ 346 [2].
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1926-يىلىدىكى تۇنجى قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، پۇتۇن سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى مىللەتلەر قاتارىدا بىر ئۇيغۇر مىللىتى « قەشقەرلىق» ، « ئۇيغۇر»، ۋە «تارانچى» دىن ئىبارەت ئۈچ خىل نام بىلەن خاتىرىلەنگەن بولۇپ، ئۇ چاغدا قىرغىزىستان ، رۇسىيە فېدېراتسىيىسىگە تەۋە قىرغىز سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونوم جۇمھۇرىيى دەپ ئاتالغان ئىدى. 1926-يىلىدىكى سانلىق مەلۇماتتا قىرغىز ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدە 7467 نەپەر قەشقەرلىق، 73 نەپەر ئۇيغۇر ۋە 523 نەپەر تارانچى ياشىغان. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوشسا، جەمئىي 8مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشىغان بولىدۇ.[3] 1939-يىلىدىكى نوپۇس تەكشۈرۈشتە ، قەشقەرلىق ۋە تارانچى ناملىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ھەممىسى بىردەك ئۇيغۇر دەپ خاتىرىلىنىپ، قىرغىزىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 9مىڭ 412 نەپەر دەپ كۆرسىتىلگەن[4].
1959-يىلىدىكى سانلىق مەلۇماتتا ئۇيغۇرلار مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى بويىچە تۆتىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى تۇڭگانلاردىن 2 مىڭ ئادەم ئارتۇق ئىدى، يەنى تۇڭگانلار 11مىڭ 88 ئىدى. ئۇيغۇرلار نوپۇس بويىچە تاجىك، ئۇكرائىن، ئەزەر، تاتار ، قازاقلاردىن كېيىن 10-ئورۇندا تۇراتتى. ئەمما، 1989-يىلىدىن كېيىن بۇ مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى ئازلاشقا باشلىغان بولۇپ، 1999-يىلىدىن كېيىن تامامەن ئازلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئارتقان. قىزىق نۇقتا شۇكى تۇڭگانلارنىڭ سانىمۇ 1989-يىلى، ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشاش ھالەتتە بولغان بولسا، 2009-يىلى، ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا 10 مىڭ ئادەم كۆپەيگەن. 2012-يىلى، 11 مىڭ ئادەم ئارتۇق بولغان. يەنى تۇڭگانلارنىڭ سانى كۆپىيىپ، 61مىڭ 372 نەپەرگە يەتكەن . نەتىجىدە، 2012-يىلىغا كەلگەندە ئۇيغۇرلار قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى مىللەتلەر نوپۇسى بويىچە قىرغىزلار، ئۆزبېكلەر، رۇسلار ۋە تۇڭگانلاردىن كېيىن 5-ئورۇندىكى مىللەتكە ئايلانغان [5]. بۇ يەردە قانداق بولۇپ تۇڭگانلارنىڭ سانى ئەسلىدە ئۇيغۇرلاردىن ئاز تۇرۇقلۇق، نېمە سەۋەبتىن 1989-يىلىدىن كېيىن بىراقلا تېز كۆپىيىپ ئۇيغۇرلاردىن ئېشىپ كەتتى؟ بۇ، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى يىللاردىن كېيىن، قوشنا قازاقىستان، رۇسىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرگە كېتىش نىسبىتىنىڭ كۆپەيگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ ۋە ياكى تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى ئازلاپ كەتتىمۇ؟بۇ بىزگە ئېنىق ئەمەس. يەنە بىر مەسىلە ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىزلار ، ئوزبېكلەر بىلەن توي قىلىش نىسبىتىمۇ كۆپەيگەن.
قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى رۇسلارنىڭ سانىمۇ 1989-يىلى، 916مىڭدىن ئېشىپ قىرغىزلاردىن كېيىنكى 2-ئورۇننى ئىگىلىگەن بولسا، قىرغىزىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن تېز سۈرئەتتە ئازلاپ، 2012-يىلىغا كەلگەندە 381مىڭغا تۆۋەنلەپ، نوپۇس جەھەتتە ئۆزبېكلەردىن كېيىنكى 3- ئورۇنغا، ئۆزبېكلەر 2-ئورۇنغا ئۆتكەن، يەنى ئۆزبېكلەرنىڭ نوپۇسى 1959-يىلى،218 مىڭ بولغان بولسا، 2012-يىلىغا كەلگەندە 796مىڭدىن ئېشىپ، پۈتۈن قىرغىزىستان ئاھالىسىنىڭ 14 %نى ئىگىلىگەن. نۆۋەتتە، قىرغىز جۇمھۇرىيىتىدىكى رۇسلار، ئۇكرائىنلار، نېمىسلار ۋە باشقا ياۋروپا مىللەتلىرىنىڭ نىسبىتى داۋاملىق ئازلىماقتا. ئۇيغۇرلار 2012-يىلى قىرغىزىستان نوپۇسىنىڭ 0.91%نى ئىگىلىدى. تۇڭگانلار بولسا، 1.11%نى تەشكىل قىلدى.
1959-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە بولغان نوپۇس تەرەققىياتىدىن قارىغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى بىر قىسىم مۇستەقىل دۆلەتكە ئىگە بولغان مىللەتلەرنىڭ قىرغىزىستاندىكى نوپۇسىنىڭ بىراقلا ئازلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، بۇلار رۇس، ئۇكرائىن، نېمىس قاتارلىق ياۋروپا مىللەتلىرىدۇر. 1989-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا قىرغىزىستاندىكى رۇسلارنىڭ نوپۇسى تەخمىنەن 600 مىڭ ئادەم ئازلىغان بولۇپ، دېمەك 600 مىڭ رۇس ئۆز ۋەتىنىگە قايتىپ كەتكەن. ياۋروپا مىللەتلىرىدىن باشقا نوپۇسى ئازلاپ كەتكەن مىللەتلەر قازاقلار، ئەزەربەيجانلار ۋە تاتارلاردۇر. ئېنىقكى، بۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلىرىگە كەتكەن. تاتارلار قانداقلا بولمىسۇن ئالىي مۇختارىيەت ھوقۇقىدىكى جۇمھۇرىيەتكە ئىگە بولۇپ، يەنىلا ئۆز ئالدىغا خېلى يۇقىرى ئاپتونومىيىلىك ھوقۇقلاردىن بەھرىمەندۇر. شۇڭا ، قىرغىزىستاندىكى تاتارلارنىڭ سانىدىمۇ ئازلاش كۆرۈلگەن. قىرغىزىستاندىن ھېچقانداق يەرگە كەتمەي تەبىئىي كۆپىيىشنى ساقلىغان مىللەتلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇرلار ۋە تۇڭگانلاردۇر.
ئۇيغۇرلارنىڭ تارقىلىشى
ئۇيغۇرلار قىرغىزىستاننىڭ ئاساسلىق شەھەر ۋە دېھقانچىلىق رايونلىرىغا تارقالغان. ئەڭ كۆپ ۋە بىر قەدەر زىچ جايلاشقان شەھەر پايتەخت بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردۇر. ئۇنىڭدىن كېيىن ئوش ئوبلاستىدىمۇ خېلى كۆپ ساندا كونا ئۇيغۇرلار جايلاشقان.
قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىسسىق كۆل ئوبلاستىنىڭ 1989-يىللىق نوپۇس مەلۇماتىدا ئۇيغۇرلار 3730 نەپەر، 2009-يىلىدىكى نوپۇس مەلۇماتىدا 3897 نەپەر دەپ كۆرسىتىلگەن.[6] ئىسسىق كۆل ئوبلاستىنىڭ بەش ناھىيە دەرىجىلىك رايونى ۋە ئىككى شەھىرى بار بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر بەش رايون ۋە ئىككى شەھەردىكى نوپۇسى تۆۋەندىكىچە؛
1. ئاقسۇ رايونى. 201 نەپەر
2. يەتتەئۆگۈز رايونى . 744 نەپەر
3. توڭ رايونى. مەلۇمات يوق
4. تۈپ رايونى. مەلۇمات يوق
5. ئىسسىق كۆل رايونى، ( چولپاناتا)، 149 نەپەر
ئىسسىق كۆل ئوبلاستىنىڭ مەركىزى قاراقول شەھىرىنىڭ 2009-يىللىق نوپۇس تەكشۈرۈشىچە، مەزكۇر شەھەردە ياشايدىغان مىللەتلەر ئارىسىدا ئۇيغۇرلار قىرغىزلار ۋە رۇسلاردىن قالسا ئۈچىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 2مىڭ 493 نەپەر بولغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆزبېكلەر بولۇپ، ئۆزبېكلەرنىڭ سانى 2مىڭ 156 نەپەر دەپ كۆرسىتىلگەن[7]. ئىسسىق كۆل ئوبلاستىنىڭ ئىككىنچى شەھىرى بالىقچى ( رىباچې) شەھىرىدە 193 نەپەر ئۇيغۇر ياشايدۇ.
ئۇيغۇرلار دەسلەپتە قىرغىزىستان تەۋەسىدىكى قاراقول شەھىرى ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى يەتتەئۆگۈز، تۈپ، پوكروفكا،تامغا ۋە باشقا جايلارغا ماكانلاشقان. بۇ رايونلارنىڭ بىر قىسىمى دېھقانچىلىق رايونلىرى بولغاچقا بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاھالىلىرى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ئىدى. ئىسسىق كۆل ئوبلاستىنىڭ قارا قول شەھىرىدىن باشقا يەتتەئۆگۈز رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 740دىن ئارتۇق بولۇپ، مەزكۇر رايون ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كۆپ جاي ھېسابلىنىدۇ.
يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار توقماق، ئوش، قارابالتا، بالىقچى قاتارلىق شەھەرلەرگە ماكانلاشقان. 1954-1962-يىلىدىن كېيىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى فرۇنزې ( بىشكەك) شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى چۇي ئوبلاستى تەۋەسىگە ماكانلاشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلار بىشكەك شەھىرىدىكى تۆكۈلداش مەھەللىسىنى شەكىللەندۈرگەن، شۇنىڭدەك ئۇلار توپ ھالدا ، ئالامىدىن، ئالامىدىن -1 مىكرو رايون، كارپىنكا، ۋوستوك-5، ۋوستوك-6،پراۋدا-باكانبايېۋا مىكرو رايونلىرىدا ياشايدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە خېلى كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار تارقاق ھالدا ياشايدۇ.
ئۇيغۇر ئاھالىسى يەنە بىشكەك شەھىرى ئەتراپىدىكى بىر قىسىم يېزا ئىگىلىك پونكىتلىرىغىمۇ توپ ھالدا ئورۇنلاشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كۆپ جايلار پوكوروۋكا، مالوۋودنىي،لېبېدىنوفكا، كومسولسكىي مەھەللىسى، ئالاتوۋ سوۋخوزى، چەت كۆل ،كەڭ بۇلۇڭ ۋە باشقىلار. ئۇيغۇرلار يەنە بىر قەدەر كۆپرەك جايلاشقان شەھەرچىلەرنىڭ بىرى قارابالتا شەھىرىدۇر. پەرغانە ۋادىسىدىكى ئوش ۋىلايىتىمۇ ئۇيغۇرلار ئەسلى ئەڭ كۆپ رايونلار بولۇپ، بىراق بۇ جايدىكى ئۇيغۇر ئاھالىسى قەدەممۇ-قەدەم ئۆزبېكلەرگە سىڭىپ، ئۆزبېكلىشىش جەريانىنى باشتىن كەچۈردى. 1878-يىلى، چار رۇسىيىنىڭ ئوش مەمۇرىيىتى ئوش شەھىرى ئاھالىسىنىڭ 3تىن 1 قىسىمىنىڭ قەشقەرلىقلەر ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلغان ئىدى[8]. 1878-يىلى، زو زوڭتاڭ قوشۇنلىرى قەشقەرىيىنى بېسىۋالغاندا، يەنە كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار بۇ جايغا قېچىپ كېلىپ ماكانلاشقان ئىدى. بىراق، ئوش شەھىرى، ئۈزگەند ۋە باشقا جايلاردىكى قەشقەرلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزبېكلەشتۈرىلىشى سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى مىللىي جۇمھۇرىيەتلەرگە ئايرىش سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، 1924-يىلىدىن 1930-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا مەزكۇر رايوندىكى ئەسلى قەشقەردىن كەلگەن ئاھالىلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ئۆزبېكلەر تەركىبىگە ۋە ئاز بىر قىسمى قىرغىزلار تەركىبىگە قوشىۋېتىلگەن ئىدى. قىرغىز ئېتنوگراپىيىسى ھەققىدە تەتقىقات قىلغان سوۋېت تارىخشۇناسى ئابرومزون 1950-يىللىرى، مەزكۇر رايوندىكى قىرغىزلار ئارىسىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەركىبلەرنى ئېنىقلاپ چىققان ئىدى[9]. قىرغىزىستاننىڭ 2009-يىلىدىكى سانلىق مەلۇماتىدا ئوش ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 11مىڭ 181 نەپەر ، ئوش شەھىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 791 نەپەر دەپ كۆرسىتىلگەن. ئوش شەھىرىنىڭ ئەڭ كۆپ ئاھالىسى ئۆزبېكلەر بولۇپ، ئۇلار 112 مىڭ دەپ كۆرسىتىلگەن. ئوش ۋىلايىتىنىڭ قارا سۇ رايونىدا ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، بۇ ناھىيىدە 10 مىڭ 445 ئۇيغۇر ياشايدۇ. ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ھالدا قارا سۇ رايونىنىڭ قەشقەر قىشلاق يېزىسىغا جايلاشقان [9]. قەشقەر قىشلاق، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىدا كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىسى بولۇپ، 1920-يىللارنىڭ باشلىرىدىلا قەشقەر قىشلاق يېزىسى مەۋجۇت ئىدى ئىدى. پەرغانە ۋادىسىدىكى جالال-ئاباد ئوبلاستىمۇ مەلۇم ساندا ئۇيغۇرلار بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ 2009-يىلىدىكى سانى 3271 نەپەر دەپ كۆرسىتىلگەن.
قىرغىزىستان ھۆكۇمىتىنىڭ 2009-يىلىدىكى نوپۇس تەكشۈرۈش دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىزىستاندىكى 7 ئوبلاستقا تارقىلىش ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:
باتكەن ئوبلاستىدا 264
جالال ئاباد ئوبلاستىدا 3 مىڭ 271
ئىسسىق كۆ ئوبلاستىدا 3مىڭ 897
نارىن ئوبلاستىدا 339
ئوش ئوبلاستىدا 11 مىڭ 181
تالاس ئوبلاستىدا 131
چۇي ئوبلاستىدا 15 مىڭ 276
بىشكەك شەھىرىدە 13 مىڭ 380
ئوش شەھىرىدە 804 نەپەر
ئوبلاستلار ئىچىدە ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ جايلاشقان ئوبلاست چۇي ئوبلاستى بولۇپ، مەزكۇر ئوبلاستنىڭ ئالامۇدىن رايونىدا 5مىڭ 503 ئۇيغۇر ياشايدۇ. سوقۇلۇق رايونىدا 1مىڭ712 نەپەر. جايىل رايونىدا 1مىڭ 646 نەپەر، ئىسسىق رايونىدا 4مىڭ 91 ئۇيغۇر ياشايدۇ.
مەدەنىيەت-مائارىپ
قىرغىزىستاندا 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەر بولغان، ئەمما كېيىن بۇ مەكتەپلەر ئەمەلدىن قالغان. ھەتتا قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار 1927-يىلىنىڭ بېشىدا پىشپېك شەھىرىدە « قۇتۇلۇش» گېزىتىنى نەشىر قىلغان بولۇپ، مەزكۇر گېزىت شۇ يىلىنىڭ ئاخىرىدا سەمەرقەندكە يۆتكىلىپ، سەمەرقەنتتە، 1930-يىلىدىن كېيىن تاشكەنتتە « كۈن چىقىش ھەقىقىتى» ۋە كېيىنرەك «شەرق ھەقىقىتى» نامىدا چىققان ئىدى. گەرچە، ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 1954-1962-يىلىدىكى كۆچۈش بەدىلىگە تېز كۆپەيگەن ھەم ھازىر داۋاملىق ئېشىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق مەخسۇس ئۇيغۇر تىلىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئېچىش ئىمكانىيىتى بولمىغان. پەقەت، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، قىرغىزىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، بىشكەك شەھىرىدىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى كۆپرەك ئوقۇيدىغان بەزى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۇيغۇر بالىلار ئۆز ئانا تىلىنى ئۆگىنىدىغان سىنىپ تەسىس قىلىنغان .
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم پەرزەنتلىرى 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا ئاساسلىقى قىرغىز، ئۆزبېك ۋە رۇس مەكتەلىرىدە باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى تەربىيىسى ئالغان . 1954-1960-يىللىرى ئارىسىدا قىرغىزىستان تەۋەسىگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى رۇس مەكتىپىگە، ئازراق قىسىمى قىرغىزچە مەكتەپلەرگە بارغان. ئەمما، رۇس تىلى مائارىپ تەربىيىسى كۆرۈش ئومۇمىي ئەھۋال بولغان. 1954-1960-يىللىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئاتا-ئانىلار ۋە ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز ئانا تىلىنى ياخشى بىلگەن بولۇپ، قىرغىزىستاندا تۇغۇلغانلار ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلى ئائىلىۋى تىل سۈپىتىدە رول ئوينىغان. ئۇيغۇر تىلى ئاتا-ئانىلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەنلىكى ئۈچۈن پەرزەنتلەرنىڭمۇ مۇنداق ئۇيغۇر تىلى مۇھىتىدا ئۆز تىلىنى ئادەتتىكى دەرىجىدە بىلىش ئىمكانىيىتى تۇغۇلغان، ئەمما ئۈچىنچى ئەۋلادنىڭ رۇس تىلى ئىشلىتىشى يۇقىرى بولۇپ، ئۇلار ئۆزئارا ۋە باشقا مىللەت ۋەكىللىرى بىلەن ئاساسەن رۇس تىلى ئارقىلىق ئالاقە قىلىدۇ. ئەمما قىرغىزىستان مۇستەقىل بولۇپ، قىرغىز تىلىنىڭ ئىشلىتىلىشى ئاشۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۈچىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىز تىلىدا قىرغىزلار بىلەن ئالاقە قىلىشى ئومۇمىيلىشىشقا باشلىغان. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بىشكەك شەھىرىدىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ رۇس تىلىدىكى مەكتەپلەرگە بېرىش ئەھۋالى يەنىلا ئومۇميۈزلۈك بولۇپ، ئائىلىدە رۇس تىلى ئىشلىتىش ئەھۋالى ئومۇمىي ئەھۋالدۇر.
1999-يىللىق تەكشۈرۈش خۇلاسىسى بويىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ تىلىنى ئانا تىلى ھېسابلاش نىسبىتى 70%. 15 ياشلىقتىكى ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكىلەرنىڭ ئىككىنچى تىلنى بىلىش نىسبىتى 84% كە يەتكەن. رۇس تىلىنى ئانا تىلى ھېسابلاش نىسبىتىممۇ 65 % ، قىرغىز تىلىنى ئانا ھېسابلاش نىسبىتى 11% بولغان [11].
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تەركىبىدىن قارىغاندا، بىشكەك شەھىرى ۋە چۇي ۋىلايىتىگە جايلاشقانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىلى ئۇيغۇرلىرى بولۇپ، بۇ يەردە يەنە كېلىپ چىقىش جەھەتتىن قەشقەر ۋە باشقا جايلارغا مەنسۇپ گۇرۇپپىلارمۇ بار.
20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پىشپېك، قاراقول ، ئوش قاتارلىق جايلاردا ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپچىلىكىنى قەشقەرىيە ئۇيغۇرلىرى تەشكىل قىلغان ئىدى.ئەمما، 1954-1962-يىلىدىكى كۆچۈشتىن كېيىن، قىرغىزىستان ئۇيغۇلىرىنىڭ تەركىبىدە ئىلى تەۋەسىگە مەنسۇپ ئىلى ئۇيغۇرلىرى مۇھىم سالماقنى ئىگىلىدى. بىشكەك، توقماق ۋە قاراقول قاتارلىق جايلاردىكى ئەسلىدىن بۇ جايدا بار« يەرلىك ئۇيغۇرلار» نىڭ كۆپىنچىسى ئۆزبېكلىشىش ۋە ياكى ئۆزبېكلەر بىلەن ئارىلىشىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەن. بەزىلىرى قىرغىزلىشىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەن. ھۆكۈمەت مەلۇماتىدا توقماق شەھىرىدە ھازىر 900 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشايدىغانلىقى، ئەمما ئۆزبېكلەرنىڭ سانىنىڭ ئۇيغۇرلاردىن بىر قانچە ھەسسە كۆپ ئىكەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ. بىراق يەرلىك ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تەكشۈرىشىچە ، توقماق شەھىرىدىكى ھازىر ئۆزلىرىنى ئۆزبېك دەپ ئاتاۋاتقانلارنىڭ خېلى زور كۆپچىلىكى ئەسلى ئۇيغۇر بولۇپ، كېيىن مىللەت تەركىبىنى ئۆزگەرتكەنلەر ۋە ياكى ئۆزبېكلەر بىلەن قۇدۇلىشىش جەريانىدا مىللەت تەركىبىدە ئۆزگىرىش يۈز بەرگەنلەردۇر. مۇنداق ئەسلى يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا يەرلىك ئۆزبېكلەر بىلەن قۇدۇلىشىپ،ئارىلىشىپ قەدەممۇ-قەدەم ئۆز ئېتنىك تەركىبىنى ئۆزبېككە ئۆزگەرتىش ئەھۋالى بىشكەك شەھىرى رايونىدىمۇ يۈز بەرگەن.
قىرغىزىستان، ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈلمىسىدىن قارىغاندا ئۇلارنىڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى سودا-تىجارەت ساھەسىدە ئىشلىگەن، سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى زاۋۇت-فابرىكىلاردا،قۇرۇلۇش، ، قاتناشقا، ھۆكۈمەت ئىگىلىكىدىكى سودا-سېتىق ۋە تەمىنلەش يېمەك-ئىچمەك ئىگىلىكى قاتارلىق ھەر خىل ساھەلەردە خىزمەت قىلغان.
20-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا كۆچۈپ كەلگەنلەر دەسلەپكى يىللاردا ئۆي قۇرۇش، ئائىلىسىنى قامداش، پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەشتىن ئىبارەت مۇشەققەتلىك جەرياننى بېسىپ ئۆتكەن. قىيىن شارائىتلار تۈپەيلىدىن ئۇلار ئارىسىدىن ئالىي مەلۇماتلىق بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولمىغان. ئەمما، 1980-90-يىللار ئارىسىدا ئالىي مەلۇماتلىق بولۇش نىسبىتى كۆپىيىشكە باشلىغان. قىرغىزىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي-مائارىپ، سەنئەت ۋە باشقا جەھەتلەردىكى تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي-ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتللەردىن تېز تەرەققى قىلىشىغا نىسبەتەن قوللاش پوزىتسىيىسى قوللانغان. 1999-يىللىق تەكشۈرۈش بويىچە قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ۋە تولۇق پۈتتۈرۈلمىگەن ئالىي مەكتەپ تەربىيىسى ئېلىش نىسبىتى 6% بولۇپ، نوپۇسىغا سېلىشتۇرغاندا بىر قەدەر تۆۋەن بولغان. رۇسىيە مۇخبىرى ۋلادىمىر پېتروۋنىڭ مەلۇماتىچە، قىرغىزىستاندا يۈزلىگەن ئۇيغۇرلار ئالىي مەلۇماتلىق بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئۆز كەسپى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىشلارنى قىلىپ تىرىكچىلىق قىلىدۇ[12].
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە پەرزەنتلىرىنى ئالىي مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈپ تەربىيىلەشتە كۆپ قىيىنچلىققا يولۇققان بولۇپ، ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىشتىكى سان چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، نوپۇسى كۆپ مىللەتلەر ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرلار جۇڭگودىن كۆچۈپ كەلگەن خەلق دەپ قارالغانلىقى ئۈچۈن،ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىغا، بولۇپمۇ ياخشى كەسىپلەرگە كىرىپ ئوقۇشى كۆپ توسقۇنلۇقلارغا ھەتتا شاللىۋېتىشقا ئۇچرىغان. ئەمما ھازىر پۇل بولسلا خالىغان مەكتەپ ۋە كەسىپكە كىرىپ ئوقۇش مۇمكىن.
قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمى بىلەن 1994-يىلى، قىرغىزىستان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى قۇرۇلۇپ، 10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. مەزكۇر فاكۇلتېت قىرغىزىستاننى ئاساس قىلغان ھالدا قوشنا قازاقىستاندىنمۇ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ، مەلۇم ساندا ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى مەخسۇس ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى كەسپى بويىچە ئالىي مەلۇماتلىق قىلدى. ئۇيغۇر ياشلىرى ئۆز ئانا تىلىنى ئۆگىنىش، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، ئۇيغۇر تارىخى ۋە باشقا بىر قاتار دەرسلەرنى ئوقۇپ ، مەخسۇس كەسىپ بويىچە باكلاۋېرلىق ئۇنۋانى ئالدى.
قىرغىزىستان دۆلەتلىك رادىئو ۋە تېلېۋىزىيە كومىتېتى ئۇيغۇر تىلىدا ھەپتىدە بىر سائەت « تەڭرى تاغا سادالىرى» نامىدا ئۇيغۇر تىلىدا رادىئو پروگراممىسى ، « ئىنتىزار» نامىدا ئايدا بىر قېتىم تېلېۋىزىيە پروگراممىسى تارقاتتى.
قىرغىزىستان جۇمھۇرىيەتلىك مىللەتلەر ئاسسامبىلېيىسىگە قارايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ « ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ جەمئىيەتلىك پائالىيەتلىرىنى ئاكتىپ داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. مەزكۇر جەمئىيەت ئۇيغۇرچە ۋە رۇسچە تىلدا ئارىلاش شەكىلدە « ئىتتىپاق» گېزىتى نەشىر قىلىپ كەلمەكتە. بۇنىڭدىن باشقا يەنە « ۋىجدان ئاۋازى» نامىدىكى سىياسىي -ئاممىۋى گېزىتمۇ ئۇزۇن مەزگىل چىقىرىلغاندىن كېيىن توختىدى.
قىرغىزىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى تەركىبىدە ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ بۆلۈمچىسى قۇرۇلۇپ، ئۆز پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇردى. قىرغىزىستان ئۇيغۇر يازغۇچى-شائىرلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەسەرلىرى كېيىنكى ۋاقىتلاردا قىرغىز ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا نەشىر قىلىپ تارقىتىشقا مۇۋەپپەق بولدى.
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئۆزلىرى بىر قانچە خۇسۇسىي مىللىي ناخشا-مۇزىكا گۇرۇپپىلىرىنى قۇرغان ھەم بىر قىسىم خەلق مۇزىكانتلىرى ياش –ئۆسمۈرلەرنى تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇيغۇر مىللىي ناخشا-مۇزكىلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنداش ۋە چالغۇلىرىنى چېلىش ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ توي-تۆكۈن ۋە ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىدە مەزكۇر گۇرۇپپىلارنىڭ كۈچىگە تايىنىدۇ.
قىرغىزىستان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر دىئاسپورىسى ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇش ئۆرپ-ئادەتلىرىنى بىر قەدەر كۈچلۈك ساقلىغان بولۇپ، گەرچە ياش ئۆسمۇرلەر رۇس مەكتەپلىرىدە تەربىيە ئالسىمۇ، ئەمما ئائىلىسىدە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش تەلىپ كۈچلۈك بولغان.
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىن جۇمھۇرىيەت ئىچى، ئوتتۇرا ئاسىيا، ھەتتا پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقىغا ياخشى تونۇلغان مەشھۇر ئەربابلار يېتىشىپ چىققان بولۇپ، بۇلار مەدەنىيەت، ئىلىم-پەن،مېدىتسىنا، مائارىپ، سىياسەت ۋە سودا-سانائەت قاتارلىق ساھەلەرگە مەنسۇپتۇر. قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى، پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى، پروفېسسور ئەزىز نارىنبايېف 1924-يىلى، قاراقول شەھىرىدە ناۋاي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ، قىرغىزىستان ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا تونۇلغان پەلسەپەشۇناس بولۇپ، ئۇ، ئۇزۇن مەزگىل قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ پەلسەپە كافېدراسىنى باشقۇرغان[13]. قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ دوكتور نامزاتلىقى ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانلىرى ئالىدىغان ئاسپىرانتلىرى ئەنە شۇ كافېدرادا پەلسەپە ئىمتىھانى تاپشۇرۇشى كېرەك ئىدى. 89 ياشلىق ئەزىز ئەيساجان ئوغلى نارىنبايېفنىڭ 60 يىلدىن ئارتۇق ۋاقتى پەلسەپە ساھەسىدىكى تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇش بىلەن ئۆتكەن بولۇپ، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر قانچە ئەۋلاد ئالىملىرى ۋە سىياسىيونلىرى ئۇنىڭغا پەلسەپە ئىمتىھانى تاپشۇرغان ئىدى.
ئەزىز نارىنىبايېف پەلسەپە پەنلىرىنىڭ دوكتورىلىق ئۇنۋانىنى موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئالغان، ئۇنىڭ قەلىمىگە 300 دىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە، 20 دىن ئارتۇق كىتاب مەنسۇپتۇر. ئۇ، پەلسەپە تەتقىقات ھاياتىنىڭ زور كۆپ قىسىمىنى ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ پەلسەپىۋى ئىدىيىلىرى، ئىجتىمائىي-سىياسىي پىكىرلىرى تارىخى ساھەسىگە قاراتقان بولۇپ، ئۆزى بىۋاسىتە 10 دىن ئارتۇق ھەر مىللەت پەلسەپە مۇتەخخەسىسىنى يېتىشتۈرگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا پروفېسسور ۋە ئاتاقلىق يازغۇچى ئىسرائىل ئىبرايىموفنىڭ نامىمۇ ياخشى تونۇشلۇق بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى بىردىنبىر رۇس تىلىدا بىر قانچە رومان ۋە پوۋېستلارنى يېزىپ نەشىر قىلدۇرغان ئۇيغۇر يازغۇچىسىدۇر. گەرچە، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىدە ياشىغۇچى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئارىسىدىن پۈتۈن قىرغىزىستان، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىغا تونۇلغان، ئىلىم-پەن، مېدىتسىنا، سودا-سانائەت، سەنئەت ئەربابلىرى يېتىشىپ چىققان.
سەنئەت ساھەسىدە ئايتۇرغان تېمىروۋا قىرغىزىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى، جۈملىدىن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا تونۇلغان كىنو چولپىنى بولۇپ، ئۇ قىرغىزىستان ۋە قازاقىستان فىلىملىرىدە باش روللارنى ئوينىدى. ئۇ ھازىر قىرغىزىستاننىڭ سەنئەت ئەربابى دېگەن نامغا سازاۋەر بولغان[14]. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن قىرغىزىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىسى، مەدەنىيەت ئەربابى ، سەنئەت ئەربابى دېگەن ئالىي ناملارغا ئېرىشكەنلەرمۇ بار[15]. ئۇيغۇرلاردىن يېتىشىپ چىققان پەن دوكتورلىرى ۋە دوكتور نامزاتلىرىنىڭ 20 دىن ئارتۇق ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ قىرغىزىستاننىڭ مېدىتسىنا ۋە باشقا ئىلىم ساھەسىدە ھەم ئالىي ئوقۇتۇش ئورۇنلىرىدا باشلامچى مۇتەخخەسىس سۈپىتىدە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرىمۇ مەيدانغا كەلدى. بەزى ئۇيغۇرلار رايونلۇق ۋە ئوبلاستلىق كېڭەشلەرنىڭ ئەزاسى بولدى. ھازىر تۇرسۇنتاي سەلىموف قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرماقتا. قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بار ئىمكانىيەتلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت –ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتىشماقتا. قىرغىزىستان ئۇيغۇر جامائىتى 1991-يىلى قىرغىزىستان مۇستەقىللىق ئېلان قىلغاندا بىرىنچى بولۇپ، مۇستەقىللىقنى قوللاپ چىققان خەلق بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن ھەم قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ۋە رەھبەرلىرى ئىزچىل تۈردە ئۇيغۇرلارنى قوللاش پوزىتسىيىسىدە بولۇپ كەلدى. ئەمما، قىرغىزىستاندا ئۇيغۇر تىلىدىكى مىللىي مائارىپنىڭ بولماسلىقى كەلگۈسىدىكى ئەۋلادلارنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكى ۋە مىللىي تىلى ھەم مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش جەھەتتە قازاقىستان بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغانلىقى تۈپەيلىدىن مىللىي مائارىپ ۋە مەدەنىيەت مەسىلىلىرى دائىم كۆڭۈل بۆلۈنىدىغان تېمىغا ئايلانماقتا.
————-
ئىزاھاتلار
[1].(6).Румянцев П.П. Уезды Жетысу. Таранчи, ( يەتتەسۇ ناھىيىلىرى. تارانچىلار ).Алматы, 2000، 96-97-بەتلەر.
[2] . بۇ سانلىق مەلۇمات « قىرغىزىستان ئاھالىسىنىڭ مىللەتلەر تەركىبى ئىستاتېستىكىسى» (رۇسچە)http://www.stat.kg/stat.files/din.files/census/5010003.pdf.
[3] . · Всесоюзная перепись населения 1926 года(پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە 1926-يىلىدىكى نوپۇس ئېنىقلاش. ). М.: Издание ЦСУ Союза ССР، 1928-29. Том 9. Стр. 34-51
[4] . شۇ ئەسەرگە قارالسۇن
[5] . مەلۇمات « قىرغىزىستان ئاھالىسىنىڭ مىللەتلەر تەركىبى ئىستاتېستىكىسى» (رۇسچە)http://www.stat.kg/stat.files/din.files/census/5010003.pdf.
[6] . قىرغىزىستاننىڭ 2009-يىلىدىكى نوپۇس تەكشۈرۈش ئەھۋالى، ئىسسىق كۆل ئوبلاستى بويىچە،(رۇسچە)
[ 7] . قىرغىزىستاننىڭ 2009-يىلىدىكى نوپۇس تەكشۇرۇش ئەھۋالى، ئىسسىق كۆل ئوبلاستى بويىچە،(رۇسچە)
[8] . А. Камалов. Миграция населения кашгарии в ферганской долину после падения кашгарского эмирата в конце
века19
(-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا قەشقەر ئەمىرلىكىنىڭ يىقىلىشىدىن كېيىن قەشقەرىيە ئاھالىسىنىڭ پەرغانىغا كۆچۈشى) Uyghur Studies in Kazakhstan: Tradition and Innovation . Nash Mir.Almaty. 2006-yili, 93-bet
[9] . قىرغىزىستاننىڭ 2009-يىلىدىكى نوپۇس تەكشۈرىشى. ئوش ئوبلاستى بويىچە. ۋە قاراسۇ ناھىيىسى.
[10] . قىرغىزىستاننىڭ 2009-يىلىدىكى نوپۇس تەكشۈرىشى. ئوش ئوبلاستى بويىچە. ۋە قاراسۇ ناھىيىسى.
[11] . قىرغىزىستانىڭ 2009-يىلىدىكى نوپۇس تەكشۇرۇش ئەھۋالى، چۇي ۋىلايىتى بويىچە.
[12]. Владимир Петров.
Сильнее госграниц Достоинство
“Слово Кыргызстана” / 2006 г.
www.uighur.narod.ru
[13] . http://demoscope.ru/weekly/2005/0197/analit04.php
[14] Нарынбаев А.И. «Уйгурские мыслители».( ئۇيغۇر مۇتەپەككۈرلىرى ) – Бишкек، 1995. 171-173-بەتلەر
[15] . Well-Knwn Uyghurs of 20th Century. Kazakhstan, Uzbekistan, Kyrgyzstan, Tukrmenistan.( 20-ئەسىردىكى مەشھۇر ئۇيغۇرلار، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكستان ، تۈركمەنىستان . Almaty.2006(رۇسچە)
[16] . شۇ كىتاب.