ئالتاي تەبرىك مەشرىپى
ۋەتىنىمزنىڭ ئەڭ شىمالىي بۇرجىكىگە، ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبى ئېتىگىگە جايلاشقان ئالتاي دىيارى ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمى پارلاق مەدىنيىتى مول كان بايلىقلىرى ۋە گۆزەل تەبىئى مۇھىتى بىلەن دۇنياغا مەشھۇردۇر. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قىران دەرياسى بويىدا بىنا بولغان ئالتاي شەھرى (سار سۈمبە) ئىزچىل ھالدا سودا-سېتىق، ھۆنەر- سەنئەت، مەدەنىيەت-مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزىنىڭ نەۋقىران ياشلىق جاسارىتىنى ۋە جۇشقۇن ھاياتى كۈچىنى نامايەن قىلىپ كەلگەن. ئالتاي ئۇيغۇرلىرى ھەم ئورتاقلىققا ھەم خاسلىققا ئىگە بولغان ئىگىلىك شەكلى، تۇرمۇش ئەنئەنىسى ۋە ياشاش ئۇسۇلىغا مۇناسىپ ھالدىكى ھەرخىل مەشرەپ، ئەلنەغمە، ناخشا-ئۇسۇل، ئەنئەنىۋىي تەنتەربىيە، ھەرخىل چاقچاقلار قاتارلىق ئەلئارا سەنئەت شەكىللىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيتىپ كەلگەن، بولۇپمۇ 20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا ئالتاي دىيارىدا سودا-سېتىق، مىللىي كارخانىچىلىق، پەن، مائارىپ ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت مىسلىسىز راۋاجلاشقان ھەمدە بۇ جەھەتلەردە شىنجاڭدىكى ئۈلگىلىك جايلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان .
20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا ئالتايلىق چوڭ باي غوپۇر شىياڭيۇ ئالتاي شەھرىدە ئالتاي كۆن-خۇرۇم كارخانىسى ئۆتكۈزىۋالغان ھەمدە ئاشۇ كارخانىسنى كېڭەيتىپ، مەشھۇر «ئالتاي كۆن – خۇرۇم زاۋۇتى» نى قۇرغان . بۇ كاتتا ئىشنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، شۇ چاغدىكى ئالتايدىكى بايلارنىڭ سەركىسى مۇنەۋۋەر باي چوڭ مەشرەپ ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مەشرەپكە ئالتايدىكى چوڭ بايلار، يۇرت مۆتىۋەرلىرى ۋە ھەر ساھەدىكى ئامما قاتناشقان، مەشرەپتە ئالتاي ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى قارمىقىدىكى ئارتىسلار ۋە جەمئىيەتتىكى خەلق سەنئەتكارلىرى ناخشا-ئۇسۇل-، دراممىدىن ئارىيە، ئوپىرا، لەپەر قاتارلىق تۈرلىرى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەرخىل نومۇرلارنى كۆرسەتكەن، بۇ قېتىم ئىشلەنگەن «ئالتاي تەبرىك مەشرىپى» ئەنە ئاشۇ مەشرەپنى قايتا نامايەن قىلىش ئاساسىدا ئىشلەندى .