چاقماق خەۋەر
Home 20 ئۇيغۇر سەنئىتى 20 ئۇيغۇر مەشرەپلىرى 20 كۇچا باغ سەيلىسى مەشرىپى
كۇچا باغ سەيلىسى مەشرىپى

كۇچا باغ سەيلىسى مەشرىپى

كۇچا باغ سەيلىسى مەشرىپى

 ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ قەدىمكى بۆشۈكلىرىدىن بىرى بولغان كۇچا ئۆزىنىڭ مول ۋە رەڭگارەڭ مەدەنىيەت- سەنئەت بايلىقلىرى بىلەن ئالامگە مەشھۇر.

« كۇچا باغ سەيلىسى مەشرىپى » – قەدىمكى ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى بولۇپ، مۇتلەق كۇچا ناخشا-ئۇسسۇل، مۇزىكىلىرىنى ئاساس قىلغان، يەرلىك پۇرىقى ئۆزگىچە، ئاممىۋىلىقى كەڭ، مەزمۇنغا باي، جانلىق ئۇسلۇپقا ئىگە ئىلمىي سەنئەت شەكلىنىڭ بىرىدۇر. كۇچا مەشرەپلىرى پەقەت كۇچا ناخشا- مۇزىكىلىرىنى ئاساش قىلغان ھالدا تەرەققىي قىلغان، خەلق ئىچىگە سىڭگەن ھەم راۋاجلانغان.

كۇچا مەشرەپلىرى 30 خىلغا يېقىن بولۇپ، بىر- بىرىدىن پەرقلىنىدىغان، نەپىس سەنئەت شەكلىگە ۋە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، ۋاقىت، جاي خاراكتىرلىك خەلق سەنئىتىدۇر. باغ سەيلىسى مەشرىپىگە خەلق سەنئەتكەرلىرى قاتنىشىپلا  قالماستىن بەلكى كۇچانىڭ خان ئوردىسىدىكى ئۇسسۇلچىلار، سازەندىلەر، ھەتتا خان ۋە ئوردا بەگلىرىمۇ قاتنىشىدۇ.

بۇ مەشرەپتە يەككە كىشلىك، جۈپ كىشلىك ۋە كۆپ كىشلىك ناخشىلار، ئۇسسۇللار، قىزىقچىلىقلار، لەپەر، بېيىت، قوشاقلار، تەقلىدىي ئۇسسۇل ۋە ھىكمەتلەر ئايان بولىدۇ.

Leave a Reply

Scroll To Top