1848 – يىلى لۈكچۈن ۋاڭى ئەفىردۇن بىر قېتىملىق يۇرت كېزىش سەپىرىدە تاسادىپى پىچان ياشلىرىنىڭ مېلىس مەشىرىپىگە قاتنىشىپ قىلىپ، مەشرەپتىكى ئېسىل خەلق ناخشا-سازلىرى ئورۇندىغان خەلق سەنئەتكارلىرىغا ئاپرىن ئېيتىدۇ ۋە ئۇلارنى تارتۇقلايدۇ، ئاتاقلىق خەلق قىزىقچىسى موللا زەيدۇن بىلەن ئۇچىرشىپ، ئۇنىڭ ئەقىل پاراسىتىنى ھەيران قالىدۇ ۋە ئۇنى ئوردىغا يۆتكەپ كېتىدۇ .
مەشرەپتە يوقارقى ۋەقەدىن باشقا يەنە مارجان بىلەن، چېنە چاققان يارلىرىم، شاپتۇلاڭ بىر يارماققا بەس قاتارلىق قەدىمى خەلق ناخشا ئۇسسۇللىرى ئارقىلىق ئەينى تارىخى دەۋردىكى پىچان خەلقىنىڭ مول مىللىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى نامايەن قىلىندۇ .