چاقماق خەۋەر
Home 20 ئۇيغۇر سەنئىتى 20 ئۇيغۇر مەشرەپلىرى 20 چاقىلىق توپۇق مەشرىپى
چاقىلىق توپۇق مەشرىپى

چاقىلىق توپۇق مەشرىپى

چاقىلىق توپۇق مەشرىپى

چاقىلىق – ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى ئۇزاق تارىخ ۋە پارلاق مەدەنىيەتكە ئىگە قەدىمىي  ماكانلىرىنىڭ بىرى بولۇپ،  بۇ يەردە مىلادىدىن بۇرۇن قۇرۇلغان كىروران ئىلى ۋە مىلادىدىن 77 يىل بۇرۇن كىروران ئىلىنىڭ پارچىلىنىشى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن پىشاشان خانلىقى ئۆزىنىڭ شانلىق نەتىجىلىرىنى نامايەن قىلغان. كىروران دەۋرىدىكى مەدەنىيەت ناھايىتى قەدىمىي ۋە پارلاق بىر مەدەنىيىتىنىڭ داۋامى سۈپىتىدە غەربى دىيارنىڭ گۈل تاجىسىغا ئايلانغان. بۇ  مەدەنىيەت ئوچاقلىرى بولغان كىروران تۇتۇم (كونا مىرەن شەھىرى)، قاغان شەھىرى (چاقىلىق بازىرى) لوپ شەھىرى (ۋاششەرى كونە شەھىرى)، شەھىرى كىتىك قاتارلىقلار تۈرلۈك تارىخىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ۋەيران بولغان بولسىمۇ، لېكىن كىيىن چاقىلىق، مىرەن، ۋاششەرى بوستانلىقلىرىدا ئۇيغۇرلار قايتىدىن توپلىشىپ بۇ يۇرتلارنى قايتىدىن گۈللەندۈرگەن ھەمدە تارىختىكى شۇ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. 19- ئەسىردىن باشلاپ قايتا گۈللەنگەن چاقىلىق خەلقى باشقا يۇرتلاردىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا ناخشا- ئۇسسۇل ۋە سازغا ماھىر خەلق بولۇپ، ئۇلارنىڭ قان قېنىدىكى سەنئەتكە بولغان ھېرىسمانلىك ئۇلارنىڭ ئەلنەغمەچىلىكىگە ئۆزىگە خاس يول ھازىرلىغان. چاقىلىق ئەلنەغمەچىلىرى چاقىلىقنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدە بۇ يەرگە كېلىپ جۇغلانغان خوتەن، تۇرپان، لوپلۇق ئاھالىلەر ئەلنەغمە سەنئىتىنىڭ بېرىكىشىنىڭ مەھسۇلىدۇر. بۇ يۇرتتىكى خەلق ئارسال مەزگىلەردە ئۆزىگە خاس بولغان كۆڭۈل ئېچىش تۈرىدىكى تۈرلۈك مەشرەپلەرنى ئۆتكۈزۈپ كەلگەن. بۇ قېتىم رەتلەپ سۈرەتكە ئېلىنغان چاقىلىق ‹‹توپۇق مەشرىپى›› قەدىمي كىروران خانلىقى دەۋرىدىن تا ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن يەرلىك ئەلنەغمە ۋە يەرلىك پائالىيتىنىڭ بەدىئي شەكلىدە ئىپادىلنىشتىن ئىبارەت . ‹‹توپۇق مەشرىپى›› چاقىلىق خەلقىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان دۇستلۇقنى كېڭەيتىش ھەم بىكىتىش مەقسىتىدە ئۇيلىنىدىغان مەشرەپ شەكلىنىڭ بىر خىلى بولۇپ، ھازىرغىچە كەڭ تۈردە ئومۇملۇشۇپ كەلمەكتە .

Leave a Reply

Scroll To Top