چەرچەن تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي-جەنۇب چېتىغا جايلاشقان قارا قۇرۇم تاغلىرى ۋە شەرقى ئالتۇنتاغ تىزمىلىرىدىن ئېقىپ تۇرىدىغان ، سۈيى ئەلۋەك چەرچەن دەرياسى ۋادىسىدىكى قەدىمىي بوستانلىق ، مەشرەپ چەرچەنلىكلەر قەدىمدىن داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئونۋېرسال ئاممىۋىي سەنئەت پائالىيىتى بولۇپ، خەلق سەنئىتىنىڭ مۇقام ئېيتىش، نەغمە قىلىش، ئۇسسۇل ئويناش، بىيىت-قوشاق تاشلاش، قىزىقارلىق ئويۇنلارنى ياساش، دورامچىلىق ۋە گەپدانلىق قاتارلىق ئون نەچچە خىل تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چەرچەن مەشرەپلىرىدە چەرچەن تاغ ناخشىلىرى ئاساسىي سالماقنى ئىگەللىگەن بولۇپ، تاغ ناخشىلىرى تارىخنىڭ ئۇزۇنلىقى، تىل-شىۋىسىنىڭ ئۆزگۈچىلىكى، رېتىمىنىڭ ئويناقلىقى، شەكلىنىڭ رەڭدار ۋە خىلمۇ-خىللىقى، يەرلىك ئالاھىدىلىكنىڭ ئۆزگىچىلىكى بىلەن خاراكتىرلىنىدۇ. خۇددى ئەجداتلىرىمىز «مەشرەپسىز توي بولماس، تويسىز مەشرەپ» دېگەندەك، چەرچەن مەشرەپلىرىدە توي مەشرىپى ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇنىڭدا چەرچەنىلىكلەرنىڭ ئۆزگىچە توي ئادەتلىرى بىلەن مەشرەپ شەكلى ئۆز-ئارا بېرىكىپ ئالاھىدە خاسلىق شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، مەزمۇنىنىڭ موللىقى، شەكلىنىڭ سەر خىللىقى بىلەن ئۆزگىچە جۇلالىنىپ، چەرچەن خەلقى بىلەن تەڭ ياشاپ كەلمەكتە. بۇ قېتىم ئاشۇ چەرچەن توي مەشرىپى قايتىدىن قېزىش ۋە رەتلەش ئاساسىدا سۈرەتكە ئېلىندى.