چاقماق خەۋەر
Home 20 ئۇيغۇر سەنئىتى 20 ئۇيغۇر مەشرەپلىرى 20 يوپۇغا ھويلا مەشرىپى
يوپۇغا ھويلا مەشرىپى

يوپۇغا ھويلا مەشرىپى

يوپۇغا ھويلا مەشرىپى

 «ھويلا مەشرىپى»-يۇپۇغا ناھىيىسىنىڭ يېزا- قىشلاقلىرىدا ئوينىلىپ كېلىۋاتقان ئەڭ قەدىمىي ئەل ئىچى سەنئەت شەكلىدۇ.  ئەينى ۋاقىتتا، كىشىلەر توي- تۆكۈن، ھېيت-ئايەملەردە يىغىلىپ، ئەنئەنۋى چالغۇلارنى چېلىپ، ناخشا- قوشاقلارنى ئېيتىشىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، قىزىقچىلىق قىلىشىپ كۆڭۈل ئېچىپ كەلگەن. بۇ خىل ئادەت يوپۇغىنىڭ بايئاۋات، ئەمەنلىك، چاقا دېگەن جايلىرىدا بىر قەدەر كەڭ دائىرىدە ئومۇملاشقان. ھالبۇكى، مىلادىيە 14- ئەسىردە يوپۇغىدا ئۆتكەن مەشھۇر ئەلنەغمىچى يارگۈل مۇھەممەد باشچىلىقىدىكى خەلق سەنئەتكارلىرى ئەل ئىچى سەنئەت ئويۇنلىرىنى رەتلەپ، خېلى سىستېمىلاشقان ئاممىۋىي سەنئەت ئويۇنى شەكلىگە كىرگۈزگەن. بۇ ئويۇنلار مەھەللە- كويلاردىكى شارائىتى ياخشىراق، كەڭ ھويلىلاردا ئۆتكۈزۈلگەچكە، «ھويلا مەشرىپى» دەپ ئاتالغان.«ھويلا مەشرىپى» تولاراق ياز ۋە كۈز كۈنلىرىدە؛ قىسمەن قىش ۋە ئەتىيازدا ئايۋان- سارايلاردا، قۇتلۇق ئىشلار، ھېيت- ئايەم، ئەزىز يۇرت مىھمانلىرى شەرىپىگە ئۆتكۈزىلىدۇ. مەشرەپتە ناخشا- ئۇسسۇل ئاساس، چاي تۇتۇش، دەررە ئويناش، بېيىت ئېيتىشىش، قىزىقچىلىق قوشۇمچە قىلىنغان بولۇپ، مۇزىكا، ۋاقىت، ئورۇن، ئادەم سانى چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ. «ھويلا مەشرىپى» ئاۋامنىڭ شادلىق سورۇنى، شۇنداقلا ئەدەپ- ئەخلاق، قائىدە- يوسۇن ئۆگىنىش سورۇنىدۇ. ئۇ توختاۋسىز ئوغچۇپ چىقىۋاتقان بۇلاق سۈيىدەك، ئاۋامنىڭ مەنىۋى تەشنالىقىنى قاندۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر قايسى دەۋرلەردىكى خەلقنىڭ ئۈمىدىنى، ئارزۇ- ئارمانلىرىنى ئەۋلادمۇ- ئەۋلاد ئۇلايدىغان ئۈزۈلمەس سىمفونىيە كەبى داۋام قىلىپ كەلمەكتە

Leave a Reply

Scroll To Top