چاقماق خەۋەر
Home 20 ئۇيغۇر سەنئىتى 20 ئۇيغۇر مەشرەپلىرى 20 خوتەن گۈلچاي مەشرىپى
خوتەن گۈلچاي مەشرىپى

خوتەن گۈلچاي مەشرىپى

خوتەن گۈلچاي مەشرىپى

 ‹‹خوتەن گۈلچاي مەشرىپى›› – خوتەن خەلقىنىڭ ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئۆزىگە ئەنئەنە قىلىپ كېلىۋاتقان يوسۇن-قائىدىلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە يۇرت ئاۋاملىرىنى ئۆز-ئارا ئۇچىراشتۇرۇش ئارقىلىق يۇرتتا بولۇپ ئۆتكەن، يۈز بېرىۋاتقان مەسىللەرنى يۇرت چوڭلىرىغا مەلۇم قىلىش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ساۋاپ ئىگىلىرىنى تارتوقلاش، ناشايان قىلمىشلارغا نەسىھەت بېرىش ئاساسى مەزمۇن قىلىنغان .

 بۇ مەشرەپتە مەشرەپ سورۇنى ئەسىرلەر سورۇنى ۋە ئاياللار سورۇنىدىن ئىبارەت بىر مەيدا ئىككى سورۇن قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ جۈملىدىن خوتەن خەلقىنىڭ ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋىي ئادىتى ئىپادىلىنىدۇ، ئەرلەر سورۇنىدا ئەرلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەمگەك، تۇرمۇش توغرىسىدىكى پەندى-نەسىھەتلەر سۆزلەنسە، ئاياللار سورۇنىدا ئاياللارغا خاس بولغان تەلىملەر سۆزلىنىدۇ .

Leave a Reply

Scroll To Top