ئۇيغۇرلار چايخۇمار كېلىدۇ. چاي ئىستىمال قىلىش ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ۋە يېمەكلىك ئادىتىگە ئايلىنىپ كەتكەن.
يىپەك يولىنىڭ شەرقتىن غەربكە كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، قەدىمىي قەشقەر شەھىرىدە چاي سودىسى تازا روناق تاپقان. ئېلىمىزنىڭ داڭلىق چايلىرى قەشقەر شەھىرىدىكى قايناق سودا بازىرى ئارقىلىق ئەرەب دۇنياسى ۋە ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىيا، ياۋرۇپاغىچە چىقىرىلىپ، ئېلىمىزنىڭ شان- شۆھرىتىنى ئاشۇرغان.
بۇ قېتىم ئىشلەنگەن «چايخانا مەشرىپى» دە ئۇيغۇرلارنىڭ چاي مەدەنىيىتى، نان مەدەنىيىتى گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، مەشرەپتە سەلەي چاققان، تاشۋاي قاتارلىق مەشھۇر سەنئەتكارلارنىڭ چايخانىدىكى سەنئەت پائالىيىتى خەلق سەنئەتكارلىرىنىڭ پائالىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن. قىزىقارلىق ھەجۋىي ئويۇنلار، ناخشا- ئۇسۇللار، قىزىقچىلىقلار ، ئەكىس ئەتتۈرۈلۈپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېسىل مەدەنىيەت- سەنئەت مىراسلىرى نامايان قىلىنغان. مەشرەپنىڭ يەرلىك مىللىي ئالاھىدىلىكى ۋە مىللىي خاسلىقى ئاشۇرۇلۇپ، خەلق مەشرەپلىرىنىڭ كىشىلەرگە ئەدەپ- ئەخلاق ئۆگىتىدىغان، كىشىلەرنى تەربىيلەيدىغان سېھرىي كۈچى ۋە جەلپكارلىقى، كىشىلەرگە ئېستېتىك زوق بېغىشلايدىغان خاسىيىتى نامايان قىلىنغان.