چاقماق خەۋەر
Home 20 خەۋەرلەر 20 خىتاي توققۇزاق ناھىيىسىدە ئاياللارغا ياغلىقنى چىكىلەپ چىگىش ۋە كۆينەكنى قىسقىراق كېيىش ھەققىدە تەلىم – تەربىيە باشلىد
خىتاي توققۇزاق ناھىيىسىدە ئاياللارغا ياغلىقنى چىكىلەپ چىگىش ۋە كۆينەكنى قىسقىراق كېيىش ھەققىدە تەلىم – تەربىيە باشلىد

خىتاي توققۇزاق ناھىيىسىدە ئاياللارغا ياغلىقنى چىكىلەپ چىگىش ۋە كۆينەكنى قىسقىراق كېيىش ھەققىدە تەلىم – تەربىيە باشلىد

خىتاي مارالبېشىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەرگەندىن كېيىن مۇقىملىق تەدبىرلىرىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۈچەيتكەن  ۋە تەدبىقلاش دائىرىسىنى كېڭەيتكەن.

يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئۇيغۇربىز توربېتىگە مەلۇم قىلىشىچە، توققۇزاق ناھىيىسىدىكى دائىرىلەر ئۆتكەن ھەپتە ئۆي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، يۈزى يېپىلغان ئايللارنى ياغلىقىنى چىكىلەپ چىگىش ۋە كۆينىكىنى نىسبەتەن قىسقىراق كىيىشكە بۇيرىغان. ساقچى ۋە كادىرلاردىن تەشكىللەنگەن بۇ ئۆي تەكشۈرگۈچىلەر، نارازىلىقلارغا دۇچ كەلگەن چېغىدا «بۇ تۈزۈم ئىدىيەڭلاردىن ئۆتمىسە، سەئۇدى ئەرەبىستانغا كۆچۈپ كېتىڭلار» دەپ تەنە قىلغان ۋە تەھدىت سالغان.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇ تۈزۈمنىڭ باشقا ناھىيەلەردىمۇ يولغا قويۇلمىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئەمما، مەلۇم بولۇشىچە، مەكىت ناھىيىسىدە ئۆيىدە 20 سانتىمېتىردىن ئۇزۇن پىچاق ساقلىغانلار ئۆزلىرىنى تىزىملىتىش بۇيرۇلسا، پەيزىۋات ناھىيىسىدە موتوسېكىلىتقا بېنزىن قاچىلانغاندا ساقچىخانىدىن رۇخسەت ئېلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان.

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مارالبېشى ۋەقەسىدىن توغرا دەرس چىقىرالمىغانلىقى ۋە يۇقىرىقىدەك تەدبىرلەر ئارقىلىق ۋەزىيەتنى يەنىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

 

مەنبە:RFA   شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى

Leave a Reply

Scroll To Top