چاقماق خەۋەر
Home 20 خەۋەرلەر 20 قەشقەر، ئۈرۈمچى ۋە بايىنغۇلىندا 19 ئادەم قولغا ئېلىندى
قەشقەر، ئۈرۈمچى ۋە بايىنغۇلىندا 19 ئادەم قولغا ئېلىندى

قەشقەر، ئۈرۈمچى ۋە بايىنغۇلىندا 19 ئادەم قولغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاتا يۇرتىمىز ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىدە ئۆتكەن ھەپتە يۈز بېرىپ 21 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەقەلەر بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 19 ئادەم قولغا ئېلىندى.

جۇڭگونىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى شىنخۇا، قەشقەرنىڭ قىزىل بۇيا يېزىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 19 ئادەمنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئۆلكىنىڭ پايتەختى ئۈرۈمچىدىن 1200 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان قىزىل بۇيا يېزىسىدا ئۆتكەن ھەپتە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە 10 ئۇيغۇر، 3 خەنزۇ ۋە 2 مۇڭغول تەركىپ تاپقان 15 ساقچى ۋە دۆلەت مەمۇرى بولۇپ جەمئىي 21 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.

جۇڭگو دائىرىلىرى ھاياتىدىن ئايرىلغان كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىدە «تىغلىق قوراللار» بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆيگە ئامانلىق ساقلاش كۈچلىرىنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى، ئۆيدىكىلەرنىڭ ئامانلىق ساقلاش كۈچلىرىگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

جۇڭگو جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى مىڭ خوڭۋېي، ۋەقەلەردىن كېيىن «شەرقىي تۈركىستان بايراقلىرى، يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچلار ۋە ئادەم ئۆلتۈرۈشتە ئىشلىتىلىدىغان قوراللار» غا ئوخشىغان نەرسىلەرنىڭ تېپىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى، شۇنداقلا ۋەقە يۈز بەرگەن ئۆيگە كەلگەن دۆلەت خىزمەتچىلىرى ۋە ساقچىلارنىڭ ئۆيدىكلەرنى «پارتلاتقۇچ ياساۋاتقاندا تۇتۇۋالغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈردى.

ساقچىلارنىڭ قەشقەر، ئۈرۈمچى ۋە بايىنغولىن رايونلىرىدا 19 ئادەمنى قولغا ئالغانلىقى بايان قىلىنماقتا.

جۇڭگو ئومۇمەن ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەرنىڭ «بۆلگۈنچى كۈچلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

جۇڭگولۇق مەسئۇللار، ئېنېرگىيە زاپىسى ۋە كۆپلىگەن دۆلەت بىلەن چېگرىداش بولۇش نۇقتىسىدىن ھالقىلىق بىر نۇقتىغا جايلاشقان ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەردىن كېيىن، ۋەقەگە ئارىلاشقانلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ياكى پاكىستان دېگەندەك رايونلاردىكى ئاشقۇن گۇرۇپپىلار بىلەن ئالاقىسىنىڭ بارلىقىنى دەۋا قىلدى، كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىلىرى جۇڭگونىڭ «رايوندىكى بېسىمنى كۈچەيتىش ۋە رەسمىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن تېررورلۇق تەھدىتى» بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلماقتا.

رايوندا ئاخىرقى قېتىم 2009- يىلى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى ۋەقەلىرىدە رەسمىي سانلارغا قارىغاندا، 200 گە يېقىن ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.

مەنبە: ئانادولۇ خەۋەر ئاگېنتلىقى

Leave a Reply

Scroll To Top